ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

2013-يىلىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان پەن-تېخنىكىدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىش

2013-يىلىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان پەن-تېخنىكىدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىش

ۋاقتى: 2016-05-27 ئاۋاتلىقى: 1035 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2013-يىلىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان پەن-تېخنىكىدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىش


تېڭشۈن پەن-تېخنىكا خەۋىرىنىڭ (لې شۆ) 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى مەلۇماتىدا، چەتئەل ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەرخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىپتۇ. بىز Facebook نىڭ بازارغا سېلىنىشىغا قارىتا دەسلەپتە ئۈمىدۋارلىققا تولغان ئىدۇق، كەينىدىنلا چوڭقۇر ئۈمىدسىزلەندۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ پاتنېت ھوقۇقى ماجراسى دېلوسىنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈۋاتىمىز. مانا بۇ ئۆتۈپ كېتەيلا دەپ قالغان 2012-يىلىنىڭ كۆرۈنۈشى. ھازىر بىز يېتىپ كېلەي دەپ قالغان 2013-يىلى توغرىسىدا سۆزلىشەيلى. يېڭى بىر يىلدا، بىز يەنىلا داۋاملىق پاتنېت ھوقۇقىغا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا ۋە IPO غا دىققەت قىلامدۇق؟ جاۋابى «ئەلۋەتتە، ئەۋەتتە شۇنداق قىلىمىز!» لېكىن، سىز ئويلىغاندەك بولۇشىمۇ ناتايىن. يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ قالتىس ئىش ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشى. يېڭى شىركەت كونا شىركەتنىڭ جەسىتىنى دەسسەپ مېڭىپ كېلىدۇ، يېڭى چىراي كونا چىراينىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

ئۇنداقتا كېلەر يىلىنىڭ كۆرۈنۈشى قانداق بولىدۇ؟ تۆۋەندىكىلەر بىز پەرەز قىلغان كېلەر يىلى بارلىققا كېلىدىغان بىرنەچچە چوڭ تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشى.

1. ئالما كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ
بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئالمىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بازاردا بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلالىشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. لېكىن، سامسۇڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە ئالمىدىن ئېشىپ كېتىپ مونوپوللۇق ئورنىغا ئۆتتى، گەرچە iPhone 5 نىڭ سېتىلىش ۋاقتى بىر پۈتۈن پەسىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئالمىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ كېلەر يىلى داۋاملىق كېڭىيىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئالما پەقەتلا بىر شىركەت، ئۇنىڭ بىر توپ Android كۆچمە سۇپىسى قاچىلانغان رىقابەتچىلىرىگە زەربە بېرىپ چېكىندۈرۈشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس.

ئەلۋەتتە، بۇ ئالمىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ يىمىرىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ MacBook خاتىرە كومپيۇتېرىدا بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقانلىقىمنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا iTunes مۇزىكا دۇكىنىدىكى مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىمنى، ئۈستەلدە يەنە مېنىڭ iPhone نۇم تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. بىز ئاللىبۇرۇن iPhone نىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلغان نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بولدى قىلغانلىقىنى كۆردۇق. HTC مۇ پەقەتلا بىر مەزگىل جەسۇرلۇق قىلدى. لېكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، Android يانفونىنى ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەر (بەلكىم يەنە Windows Phone 8 يانفونىنى ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرمۇ بولۇشى مۇمكىن) كەلگۈسىدە مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، بىزنىڭ iPad نىڭ گېپىنى قىلغان چاغدىكى تەلەپپۇزىمىز بىزنىڭ ھازىر iPhone نىڭ گېپىنى قىلغان چاغدىكى تەلەپپۇزىمىزغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن.
#p#
«بۇ بىر غايەت زور سۇپا ئۆزگىرىشى. 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى مىكروسوفت بىلەن ئالما بازارنى تەڭ بۆلۈشىدىغان ئەندىزىدە، ھازىر ئۆزگىرىش بولدى.» گۇگۇل (Google)نىڭ ئىجرائىيە لېدىرى ئېرىك.سمىت (Eric Schmidt) يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئۇتۇقلۇق چوڭ جەڭ قىلالايمىز.» سمىت تولۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەڭ ئاخىرىدا ئوچۇق سىستېمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىگە ئېرىشىمىز.»
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، گۇگۇل ھازىر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئالما بىلەن بازار تالىشىۋاتىدۇ، خۇددى 20 يىلنىڭ ئالدىدا مىكروسوفت قىلغاندەك: ئاز-ئازدىن سۈپەت پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ھەمدە ئەرزان باھالىق رىقابەت مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ بازارنى زورلۇق بىلەن ئىگىلەۋاتىدۇ. مەيلى سوتتا سوراققا تارتىلسۇن ياكى تارتىلمىسۇن، بۇ خىل تەرەققىيات يۈزلىنىشى كېلەر يىلى ئوخشاشلا داۋاملىشىدۇ.

2. IPO بازىرى يەنە بىر قېتىم قىززىپ كېتىدۇ، لېكىن ئىستېمالچىلارنىڭ تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز
Facebook نىڭ ئانچە ھەشەمەتىك بولمىغان ھالەتتە بازارغا كىرىشى ۋولسىترىت كوچىسىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان ۋاسىتە ۋە ئىستېمالچىلار تېخنىكىسىغا بولغان  قىزغىنلىقىنى ئۆچۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. داۋراڭ سېلىپ بازارغا كىرگەن شىركەتلەر، مەسىلەن Zynga ۋە Groupon  (ئانچە داۋراڭ سالمىغان  LinkedIn ۋە Yelp  دەك شىركەتلەرگە ئوخشىمايدۇ)، ھازىر قارىماققا يېقىلىپ چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقاندەك تۇرىدۇ.

بۇ ۋولسىترت كوچىسىنىڭ تېخنىكا شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئۆتكەن ئون يىلدا، بەزى چولپان تىپىدىكى چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرى ئاللىبۇرۇن كېيىنكى ئەۋلاد تېخنىكا شىركەتلىرىگە بىر چوڭ سوئال قويۇپ، چوڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەمەلىي پىروگرامما توغرىسىدا كۆپ پاراڭلاشمايمىز، لېكىن چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ئەمەلىي پىرووگراممىسى ۋە ئېچىش مەنبەسىنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەر توغرىسىدا كۆپ پاراڭلىشىمىز تېخنىكا ساھەسىدە، سىز تەۋەككۇل مەبلىغى سېلىشنى قوغلىشىسىز. Acquia دەل مۇشۇنداق بىر شىركەت، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شىتاتىغا جايلاشقان، مەنبە ئېچىش تۈرىنىڭ ئاساسىدا تېز سۈرئەتتە سەپلىنىدىغان مەزمون باشقۇرۇش سىستېمىسى ياساشقا مەسئۇل. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ 30 مىليون دوللار مەبلەغكە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغىنى 68.5 مىليون دوللارغا يەتكۈزدى. ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا بىر ھەسسە كېڭەيدى، كېلەر يىلى يەنە %80 كېڭىيىپ، خادىم سانى 400 گە يېتىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى كەلگۈسىدىكى 24-12 ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئاشكارا بازارغا كىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
#p#
«2010-يىلى ۋە 2009-يىلى تەۋەككۇل مەبلىغى سالغۇچىلارنى كارخانا يۇمشاق دېتالىغا قىزىقتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغاندەكلا ئىش ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر بۇ بىر تۇيۇق يول دەپ قارايتتى. » Acquia شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى توم.ئېرىكسون (Tom Erickson) مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر، سىز ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.»
ئۇ يالغۇز ئەمەس. ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شتاتىنىڭ بەلۋيۇ شەھىرىدە، SmartSheet شىركىتى ئالدىنقى ئايدا غەلىبىلىك ھالدا 26 مىليون دوللار مەبلەغكە ئېرىشتى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى بۇلۇت ھېسابلاش دەۋرىدە ئېلىكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى ۋە باشقا تۈردىكى كەسپىي ھەمكارلىق بىلەن تەمىنلەيتتى. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بولسا، كىرىمنىي جىلغىسى شىركىتى Cloudera مۇ 65 مىليون دوللار مەبلەغكە ئېرىشتى، بۇ شىركەت Hadoop Apache مەنبە ئېچىش تۈرىنىڭ ئاساسىدا چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش تېخنىكىسىنى ياراتقان ئىدى.
بۇ شىركەتلەر بەلكىم ئانچە نوچى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇلارنى قۇرغۇچىلار ئەمەلىيەت تېمىسىدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ئەڭ يارىتىشنى خالىمايدىغان ئوبراز بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار كېلەچەكنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ھەمىشە ئىستېمالچىلار بىلەن كارخانىچىلار تېخنىكىسى ئارىسىدا پۇلاڭلايدۇ. كېلەر يىلى، ئۇنىڭ بۇ خىل ئېقىمى كارخانا تەرەپكە بەكرەك ئېغىشى مۇمكىن.

3. مىكروسوفت بارغانچە قىزىقارلىق بولۇپ كېتىدۇ
2012-يىلىدا، بىز ئىزچىل مىكروسوفتنىڭ ئىستېمالچىلار بازىرىدا جانلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىدۇق. Windows 8 ئوتتۇرىغا چىقتى، Windows Phone 8 مۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنە تېخى، بىر چىرايلىق پاسونلۇق يېڭى تاختا كومپيۇتېر Surface مۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ ئويۇن كەسپى يەنىلا كېڭىيىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلمايدىغان چوڭ تىپتىكى كارخانا يۇمشاق دېتالى كەسپىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتىدۇ.

ھازىر Windows 8 نىڭ سېتىىش مىقدارىنى مۆلچەرلىسەك بەك بالدۇر بولۇپ قالىدۇ، لېكىن دەسلەپكى ئىنكاستىن قارىغاندا سېتىلىشى ئادەتتىكىدەك قىلىدۇ. Surface تاختا كومپيۇتېرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش، ئۇ ئېرىشكەن باھامۇ ئادەتتىكىدەك. ھەتتا دىققەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى، بۇ ئىككى كەسىپنىڭ مەھسۇلى ستېۋىن.سىنوفسىكى (Steven Sinofsky) كېلەر يىلى خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ، داۋاملىق Windows تارمىقىغا مەسئۇل بولمايدۇ.
شۇنداق، مىكروسوفت ئۆزىنىڭ بىر ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان رولنى ئورۇندىغانلىقىنى بىلدى: ئۇ ئەمدى كېڭەيمەيدىغان شەخسىي كومپيۇتېر بازىرىدىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان رەھبەر. لېكىن، ئۇ يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ئىككى تېز سۈرئەتتە زورىيىۋاتقان بازاردىكى يېڭى ئاقسۆڭەك.
#p#
سىنوفسىكى كېتىدىغان بولغاچقا، مىكروسوفتتا ھازىر بىر ئېنىق  Windows نى ئېچىشقا مەسئۇل بولىدىغان رەھبەر يوق، ئۇ بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر. ئەگەر مىكروسوفتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا Xbox ۋە Skype غا قاراپ يۆتكەلسە، ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. 2011-يىلى سېتىۋېلىنغاندىن بۇيان، ئۇلار بولمېر (Ballmer) ۋە ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تولۇق پايدىلىنىشىغا ئېرىشەلمىگەندەك قىلىدۇ. ئۇلارنى مىكروسوفتنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭدۈرۈش، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىكروسوفتنىڭ ئۇزۇن يىللىق خېرىدارلىرىنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋەتمەسلىك مۇمكىن بولارمۇ؟
ئەڭ مۇھىمى، سىز كەلگۈسىدە بولمېر دۇچ كېلىدىغان بېسىمنىڭ بارغانچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ پەقەت قارىماققىلا بارغانچە كىچىكلىتىلگەن IBM نىڭ ئوتتۇرا ياشلىق چوڭ ئوغلىغا ئوخشاپ قېلىۋاتمىغانلقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىنوفسىكىنىڭ كېتىشىگە ئەگىشىپ، سىز مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مىكروسوفتنى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىزباسار باشقۇرغۇچى پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا سوراققا تارتىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرىسىز.

4. Facebook داۋاملىق بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرىدۇ، بىز داۋاملىق ئۇنى ياخشى كۆرىمىز
بەلكىم بۇ قارىماققا بىر ئەگرى-توقاي مۇھەببەت ھېكايىسىگە ئوخشىشى مۇمكىن: بىر شىركەت ئۆزىنىڭ ئابونتلىرىنى تىرىكتۈرۈپ قويدى، ئابونتلار بۇ شىركەتنى بولۇشىغا تىللىدى ھەمدە بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەتمەسلىككە قەسەم ئىچتى. بۇ شىركەت كەينىدىنلا ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىدى (بەزىدە شىركەت چۈشەندۈرۈپ بۇ پۈتۈنلەي بىر مەيدان ئۇقۇشماسلىق دەيدۇ)، ئاندىن نەچچە كۈندىن كېيىن ھەممەيلەن بۇ ئىشنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتتى.

Facebook قا ۋە ئۇنىڭ بىلەن خېرىدارلىرى ئارىسىدىكى بەزىدە ئوڭۇشلۇق، بەزىدە سۈركىلىشلىك بولىدىغان مۇناسىۋەتكە قوشۇلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بىزنىڭ دېگىنىمىز «ئابونت»، «خېرىدار» ئەمەس، خۇددى ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بلوگى CNET دىكى نەنسېن.برەنسفورد (Nathan Bransford) ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا يازغاندەك، Facebook نىڭ ئابونتلىرى دەل ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى. ئۇنىڭ ھەقىقىي خېرىدارى بولسا ئېلان سودىگەرلىرى. يېقىنقى بىر قېتىملىق سۈركىلىش Facebook نىڭ قارىمىقىدىكى Instagram تارمىقىنىڭ ئابوت (خېرىدار ئەمەس)لارنىڭ سۈرىتىنى زادى قانداق بىرتەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىگە ئائىت ئىدى. ئەمەلىي ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاچقا، Facebook ئۇنىڭ مەھەللىسىنىڭ بېلەت تاشلاش سىستېمىسىنى تاقىغان ئىدى. ئەمەلىي تۇرمۇشقا ئوخشاپ قالىدىغان تور تۇرمۇشىدا، قارىماققا بىز ئاغرىنىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىمىز، لېكىن بىز بۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمىز.
#p#
بىز دو تىكىشەيلى، كېيىنكى بىر يىلدا، بۇنداق سۈركىلىش ئاز دېگەندىمۇ يەنە ئۈچ قېتىم يۈز بېرىدۇ. ھازىر، Facebook بىر ئوچۇق-ئاشكارا بازارغا چىققان شىركەت، ۋولسىترىت كوچىسىنىڭ پەرەز قىلىشىچە ئۇ يەنە داۋاملىق زورىيىدۇ. ئابوونتىڭىزنىڭ سانى 1 مىلياردتىن ئاشقان ھامان، سان قانۇنىيىتى سىزنى مەھكەم ئورىۋالىدۇ. شۇڭا، Facebook داۋاملىق ئۆزىگە تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ. بەزىدە، تېخىمۇ چوڭ پايدىنى قوغلىشىش ئۈچۈن، ئۇ بىزنى ئاچچىقلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇ نېمىشقا ئۇنداق قىلمىسۇن؟ بىز ئاخىرىدا يەنە پەيلىمىزدىن يېنىپ ئۇنى ئەپۇ قىلىدىغان تۇرساق.

5. پاتنېت ھوقۇقى مەسىلىسى داۋاملىق بىزگە چاپلىشىۋالىدۇ، لېكىن بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بارلىققا كېلىدۇ
پاتنېت ماجراسى 2012-يىلىدىكى چوڭ ئىش. يېقىندا خەۋەر قىلىنىشىچە، Intellectual Ventures بىلەن RPX دىن ئالمىغىچە، گۇگۇل ۋە مىكروسوفتنىڭ نۇرغۇن شىركەتلىرى، ئومۇمىي مەبلەغ 52.5 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ كوداك (Kodak)نىڭ رەسىم پاتنېت بىرىكمىسىنى سېتىۋالدى. سىز بۇنىڭدىن بىر خىل تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كۆرۈپ يەتتىڭىزمۇ يوق؟

كېلەر يىلى ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ يەنە بىر مەيدان دەۋاسى 2014-يىلىغىچە داۋملىشىدۇ. كەسىپ بىجىرمەيدىغان ئەمەلىي گەۋدىگە ئائىت پاتنېت دەۋا دېلولىرى داۋاملىق كۆپىيىدۇ، بىرقەدەر چوڭ بولغان تېخنىكا شىركەتلىرى داۋاملىق نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ پاتنېت بىرىكمىسىنى سېتىۋالىدۇ. ھازىر بۇلارنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوق. ئامېرىكا پاتنېت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ھەتتا بارلىق پاتنېت دەۋا دېلولىرى پاتنېت تۈزۈمىنىڭ نورمال يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
كىشىلەر ھەمىشە پاتنېت ھوقۇقى تۈزۈمىدىن ئاغرىنىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەت مۇنداق: پاتنېت ھوقۇقى قانۇنى بۇلتۇر ئىسلاھ قىلىندى، نەچچە يىللىق سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى قانۇنغا ئايلانغاندا، پاتنېت ماجراسىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ باھاسى ھەمىشە چۈشۈپ كېتىپ، ئەڭ ئاخىرىدىكى نەتىجىنىڭ ئوخشاشلا بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پاتنېت ھوقۇقىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار دۇچ كېلىدىغان مەسىلە ناھايىتى ئاددىي: تېخنىكا ساھەسىدە بىر جۈپ «قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل» بار. بىرى يۇقىرى تېخنىكا، يەنە بىرى بىيولوگىيەلىك تېخنىكا ياكى دورا ياساش. يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە، پاتنېت ھوقۇقىنىڭ ئىگىسىنى پاتنېتنى قۇچاقلىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويسا، ئانچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
#p#
لېكىن، بىيولوگىيەلىك تېخنىكا ساھەسىدە، بۇنداق قىلىش ناھايىتى ئورۇنلۇق. يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى كىشىلەر ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ دەۋرىيلىنىش ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىيولوگىيەلىك تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەۋرىيلىنىش ۋاقتى بولسا ھەمىشە نەچچە ئون يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بىر تۈرلۈك كەشپىياتنى باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەجرىبە ئارقىلىق سىناق قىلىشقا، ئۇزۇن بىر جەريان كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى. بۇنداق پاتنېت ئادەتتە چوڭ مەبلەغكە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
يۇمشاق دېتال ۋە ئىنتېرنېت تورى ئۇقۇملىرىنى پاتنېتلاشتۇرماسلىق كېرەكمۇ؟ بۇ بىر ئەھمىيەتلىك پىكىر، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن. ئەجىبا نۇرغۇن ھوقۇق بېرىلگەن يۇمشاق دېتال ۋە ئىنتېرنېت تورى پاتنېتلىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلمامسىز؟ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
لېكىن، بىر خىل بازار بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ھەرقانداق تېخنىكا ئەركىنلىك نەزەرىيەچىسى ياخشى كۆرىدۇ. سىز بەلكىم كوداكنىڭ پاتنېت سېتىش باياناتىدا بىر RPX ئىسىملىك شىركەتنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ شىركەت ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىگە جايلاشقان، ئۇ پاتنېت ھوقۇقى سودا ئورنى بولۇشقا تىرىشماقتا. شۇنداق، خۇددى Intellectual Ventures پاتنېت شىركىتى گە ئوخشاش، RPX شىركىتىمۇ پاتنېت سېتىۋالىدۇ. لېكىن،Intellectual Ventures  شىركىتى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، RPX شىركىتى پاتنېت ھوقۇقى دەۋاسى قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى RPX نىڭ پاتنېتىغا مۇشتەرى بولۇپ ئوقۇسا بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۆلىمى ۋە كىرىمىگە ئاساسەن مۇئەييەن خىراجەت ئېلىنىدۇ. چوڭ شىركەت كىچىك شىركەتكە قارىغاندا كۆپرەك خىراجەت تۆلەيدۇ، قارىماققا ناھايىتى ئادىل، توغرىمۇ؟
كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، بىز RPX ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ تېخنىكا پاتنېت ھوقۇقى ماجراسىنى تېخىمۇ سوغۇققان قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈشتىن ئۈمىدۋارمىز. بۇ تېخنىكا ساھەسىنىڭ تىپىك پۇرسىتى: بۇ بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلە، كىشىلەر ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىكى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى