ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە»دىن جۇڭگوچە چىرىكلىشىشكە نەزەر

«كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە»دىن جۇڭگوچە چىرىكلىشىشكە نەزەر

ۋاقتى: 2016-09-10 ئاۋاتلىقى: 687 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆپچىلىككە مەلۇم يېقىندىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ھەم ئاللىقاچان خەلقئارانىڭ دىققىتىنىمۇ تارتتى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىشەن بۇرۇن «كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە» دېگەن كىتابنى ئۇقۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى، كىتابنى ئوقۇپ بولدۇم، بەك ياخشى يېزىپتۇ، كىتابتا «18-ئەسىردە باي دېھقانلارنىڭ بايلىقى ئىككى ئەۋلادتىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئازراق پۇل تاپقانلىرىلا پارىژدىن بىرەر ئەمەل سېتىۋېلىشقا ئالدىرايتتى،  خىيانەتچىلىك ئۈچ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ: بىرىنچىسى چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك، ئىككىنچىسى تەستىقلاش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك، ئۈچىنچىسى ئەمەل-ئۇنۋان سېتىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك.» دەپ تىلغا ئېلىنغان، يېڭى كىتابىم «ئىسلاھاتنى قانداق قايتا ئېلىپ بارىمىز؟»دا جۇڭگونىڭ ھازىرقى چىرىكلىك ئەھۋالىنى يۇقىرىقى شەكىللەر بويىچە تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاپ باقتىم.



جۇڭگوچە چىرىكلىشىش (1) چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك
چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك دېگەن نېمە؟ بۇنداق دېگىنى ئەمەلدارلارنىڭ چىقىم قىلىش يولى بىلەن خىيانەتچىلىك قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ھۆكۈمەت چىقىم قىلغان ۋاقىتتا مەسىلەن ھېلىقى تۆت تېرىليون مەبلەغ سېلىش پىلانىنى  دەيلى، خىيانەتچىلىك قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دېگەن گەپ، مۇشۇ چوڭ پىلاننىڭ يولغا قۇيۇلۇشى پارىخورلۇقنى جۇڭگودا ئومۇملىشىشغا تۈرتكە بولدى، بۇ خىل ئەھۋال «كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە» دېگەن كىتابتىمۇ تىلغا ئېلىنغان .
1740-يىلىدىن بۇرۇن فرانسىيەنىڭ ئوتتۇزدەك ۋالىيسى بار بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئىككىلا ئىشقا مەسئۇل بۇلاتتى باج يىغىش ۋە ئامانلىق. كېيىن فرانسىيە زور كۆلەمدە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى، قانال، تاشيول ياسىدى. ھۆكۈمەت چىقىمى بارغانسېرى ئېشىپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى. 1789-يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەت قەرزى 45 مىليارد لىبرا (فرانسىيەنىڭ بۇرۇنقى پۇل بىرلىكى) بولۇپ ئۆسۈمىلا ئۈچ مىليارد  لىبرا بولاتتى، پەرەز قىلىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق مالىيە كىرىمى نەچچە بولغىيدى؟ 5 مىليارد، قەرز نىسبىتى %900دېگەن گەپ، ئۇنىڭدىن قەرز ئۆسۈمىنى چىقىرىۋەتسەك ئاران ئىككى مىليارد  قالىدۇ. بۇ نېمىگە يېتەتتى! شۇڭا ھۆكۈمەت تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپ قەرز ئۈستىگە قەرز ئالغان. ئەڭ يامان بولغىنى بۇنداق چوڭ دائىرىلىك چىقىم ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك چىرىكلىشىشىگە  سەۋەب بولغان .
ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ئەھۋالىچۇ؟ تۆت تېرىليونلۇق پىلاننى ئۇتتۇرغا چىقارغاندىن كېيىن 2012-يىلى ھەر تۈرلۈك قەرزلەر 68 تېرىليونغا يەتتى، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىچۇ؟ ئاران 11.2 تىرىليون، بۇ دېگىنى بىزنىڭ قەرز بىلەن كىرىم نىسبىتىمىز %607 ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيەگە يېتىشۋالايلا دېدۇق دېگەن گەپ! ئەلۋەتتە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشمۇ شۇنداق.
چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىكنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىرى دەللاللىق بىلەن خىيانەتچىلىك قىلىش يەنى پۇلنى ئۆزى بىۋاسىتە ئالماي دەللال ئارقىلىق  پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش، يەنە بىرى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى پايدا كۆپ تارماقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ شۇ ئارقىلىق پۇل ئۈندۈرۈش.

جۇڭگوچە چىرىكلىشىش (2) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك
«كوناتۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە» دېگەن كىتابتىمۇ بۇ خىل چىرىكلىشىش مىسالغا ئېلىنغان، يەنە فرانسىيەنى مىسالغا ئالاي فرانسىيە ئىنقىلابىدىن 30-40 يىل بۇرۇن ۋالىي پۈتۈن ھوقۇقنى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ ئاقسۆڭەك، دىننى  جەمئىيەتلەردىن تارتىپ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلاتتى، ھەتتا چەت-ياقا بىر يېزىغا بىرمۇساپىرلار يىغىۋېلىش ئورنى قۇرماقچى بولسىمۇ مەركەز نازارەتچى ئەۋەتىپ باشقۇراتتى، كىرىم–چىقىمغا تەستىق سالاتتى، ھەتتا مۇساپىرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇ يەرگەكىرىپ قالغانلىقى، كىرىپ-چىقىدىغان ۋاقتى دېگەنلىرىچە بىلمىسە بولمايتتى، بىرەر كىچىك چېركاۋنى رېمونت قىلماقچى بولسىمۇ مەركەز تەستىقلايتتى، تەستىقلىنىشقىلا بىرەر يىل كېتەتتى، شۇڭا مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ئالىكسى دى توكۋىل خورسىنغان ھالدا «ھۆكۈمەت تەڭرى بىلەن تەڭلەشمەكچى بۇلىۋالىدۇ!» دېگەن. مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى بولغاچقا مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ئەمەلدارلار زىغ-زىغ چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن.
جۇڭگودىمۇ شۇنداق، مەن نېمىشقا ھەرقانداق بىر تۈرنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن، مەيلى جۇڭگو نېفىت باش ئىدارىسىنىڭ چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى ياكى تۆمۈر يول باش ئىدارىسىنىڭ نەچچە 100 تېرىليونلۇق تۈرلىرى ۋە ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كىچىككىنە بىر ئېلېكتىر ئىستانسىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى تەستىقلىمىسا بولمايدۇ، مانا مۇشۇ ھالقىدىنلا پارا  ئالىدىغانلار پايدىلىنىپ كېتىدۇ. پارا بەرگەنلەرگە تەستىقلاپ بېرىدۇ پارا بەرمىسە يوق.
بىراق دوستلار، تەستىق چۈشسىلا ئىش تۈگىگەن بۇلامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس كەينىدە بىر تالاي تەستىقلار بار تېخى، مەسىلەن: ماشىنا–ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپىنى تاللاش، قۇرۇلۇش پىلانى، قۇرۇلۇش شارائىتى، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى، بانكىنىڭ قەرز رەسمىيىتى ... دېگەندەكلەرنى بېجىرىش كېرەك، بۇلارنى بېجىرىشتە دۆلەت زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى، مۇھىت باشقۇرۇش، ئېلېكتىر باش ئىدارىسى، بانكا... دېگەندەكلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىمزاسى قۇيۇلغان تەستىقىنى ئېلىشىڭىز كېرەك، كەسپى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە پۈتۈن تەستىقلىتىش ئۈچۈنلا 20مىليون كېتىدىكەن، بۇنىڭدىن ئوتتۇرىدىكى چىرىكلىك ئەھۋالىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس.


جۇڭگوچە چىرىكلىشىش (3) ئەمەل سېتىش
«كوناتۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە» دېگەن كىتابتا دېيىلىشىچە فرانسىيە خانى دەسلەپتە ئاقسۆڭەك ئۇنۋانىنى سېتىش ئارقىلىق مال-دۇنيا توپلىغان، چۈنكى فرانسىيەدە ئاقسۆڭەكلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىناتتى، ئوتتۇرا بۇرژۇئا  قاتلىمىدىكىلەر ھەم يۈز ئابرۇيغا ئېرىشىدىغان ھەم باج تۆلىمەيدىغان بۇنداق سودىنى بولىدىكەن دەپ قارىغان بىراق فرانسىيە خانلىرى گېپىدە تۇرمايتتى، مەسىلەن پادىشاھ لۇيىس (XIV) بىراقلا ئۆتكەن 92 يىلدىكى سېتىۋەتكەن ئاقسۆڭەكلەر ئۇنۋانىنى بىكار قىلىۋەتكەن ھەم ئۇلارنى قايتا ساتقان، 80 يىلدىن كېيىن لۇيىس (XV) مۇ يەنە مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن نۇرغۇن ئۇنۋاننى قايتا ساتقان، لۇيىس (XVI) دەۋرىگە كەلگەندە 100 مىڭ ئەمەلدارلىق ۋەزىپە ئورنىنى بىكار قىلىپ يەنە قايتا ساتقان، ئەمەل سېتىۋېلىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپ باج تۆلىمەيدۇ، پارا ئالالايدۇ. ئۇنداقتا ساتىدىغان ئەمەل تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىدۇ؟ بەزى ئەقىللىقلار ئۆزى ئەمەل ئىجاد قىلىپ ئاندىن پۇل تۆلەپ شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن، شۇ زامانلاردا فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا تىپتىكى بىرەر شەھىرىدە تەخمىنەن ئوندەك سوتچى بولسىلا يېتىشىدىكەن ۋەھالەنكى شۇ چاغدا 109 سوتچى ۋە 126خەۋەرچى بار ئىكەن، بىراق ئەمەل ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەن .
بۇنداق ئەھۋال چىڭ ھۆكۈمىتىدىمۇ بار ئىدى، يەنى ئۇلار شان-شەرەپ خاراكتېرلىك ھوقۇقلارنى ساتقان، ئۇلارنىڭ قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق يوق ئىدى، ۋالىي، مۇپەتتىش دېگەندەك ئەمەللەرلەرنى ساتمايتتى، يەنە كېلىپ پۇل ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە كىرەتتى، شەخسىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشمەيتتى شۇڭا چىڭ ھۆكۈمىتىدە ئەمەل سېتىش يولى بىلەن چىرىكلىشىدىغان ئەھۋاللار ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىدى، ئەمما ھازىرقى جۇڭگودىچۇ؟ چىڭ سۇلالىسى، فرانسىيەلەرگە سېلىشتۇرغاندا قانداقلىقىنى بىلمەيمەن بىراق ئەمەل ساتقان پۇلنىڭ ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە ئەمەس شەخسنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدىن ئۇيغۇرئاي تەرجىمىسى
مەنبە : لاڭ شيەنپىڭ مىكرو بىلوگى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى