ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ سەركىسى-رادىل ئابلا

ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ سەركىسى-رادىل ئابلا

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 555 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

13 يىل ئىچىدە ئاددىي فىلىم ئىشلەش مەركىزىدىن دۇنياغا يۈزلەنگەن شىنجاڭ «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ شىركەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا قان -تەر تۆكۈپ باشلامچىلىق رول ئوينىغان رادىل ئابلانى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. 
 
 
شىنجاڭ «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى تۆھپىكار ياش كارخانىچى رادىل ئابلا 1990-يىلى شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىنىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ شۇ چاغدا ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، 2004-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارالىق كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، سودا-سانائەت ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. رادىل ئابلا ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ. 2003-يىلى ئۇ يەنە شەرەپلىك ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

#p# 
 
رادىل ئابلا پەقەت بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە تۆھپىكار كارخانىچى بولۇپلا قالماي، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، قان-تەر تۆكىۋاتقان تۆھپىكار پەن-تېخنىكا خادىمى. ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇ، 2001-يىلى 5-ئايدا تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ئېچىلغان 21-ئەسىر خەلقئارا تېببىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆز تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسى بولغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى تەسىس قىلغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات «ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ھەمدە ب د ت تىنچلىق فوند جەمئىيىتى خەلقئاراغا ئېچىۋېتىلگەن تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. رادىل ئابلا ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك ياشلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا، جۇڭگو پۇقراۋىي پەن-تېخنىكا كارخانىچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر پۇقراۋىي پەن-تېخنىكا كارخانىچى» دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا، «شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئون چوڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچى»، ئاپتونوم رايون بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياشنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر پۇقراۋىي پەن -تېخنىكا كارخانىچى» دېگەن نامغا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى» دېگەن نامغا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياش خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. 
 
رادىل ئابلا ھالال ئەجىر ۋە توختىماي ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرىنى ھەقىقەتەن ساناپ بولالمايمىز. ئۇ بۇنداق شان-شەرەپلەر ئالدىدا مەڭدەپ قالمىدى. ئۇ شىجائەت چوققىسىغا چىققانسېرى تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل مەنزىلگە قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدى. ئۇ باسقان ھەربىر قەدەمدىن تېخىمۇ پۇراقلىق، تېخىمۇ گۈزەل ئارمان گۈللىرى پورەكلىدى. ئۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىچىلار بىلەن كۆپ قېتىم ھەم سۆھبەتتە بولدى. ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى. ئۇلارنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن مەدەت ۋە ئىلھام ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى رادىل ئابلا شىنجاڭدىن، مەملىكەتتىن ھالقىپ خەلقئاراغا يۈزلىنىپ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇردى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنىڭ يېڭىچە ئوبرازىنى نامايەن قىلدى. 2000-يىلىدىن كېيىن ئۇ، تۈرلۈك ئۆمەكلەر تەركىبىدە ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىنلاندىيە، سىنگاپور، تايلاند، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرىيە، نورۋىگىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەت ۋە ئېكىسكۇرسىيىدە بولدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ ۋە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. 2004-يىلى 12-ئايدا «ئارمان» شىركىتىنىڭ خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە ئېچىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتى ۋە «ئارمان دۇبەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى»نى قۇردى. 
 
ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رادىل ئابلا 2006-يىلى 12-ئايدا مەملىكەت بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى شەرىپىگە ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جياچىڭلىن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ شۇ يىلى يەنە مەملىكەت بويىچە EMBA دا ئوقۇغان ئون مەشھۇر شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. 
 
رادىل ئابلا شىنجاڭ «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئورتاق ئارمان، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئالغا بېسىشقا يېتەكلەپ، ئارمان شىركىتىنى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىللىق ۋە ئىناق ئائىلىسىگە ئايلاندۇردى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى