ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېسىمنى سەۋرچانلىق بىلەن يېنىكلىتىڭ

بېسىمنى سەۋرچانلىق بىلەن يېنىكلىتىڭ

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇڭ» بۇ يەردە!

 

 بېسىمنى سەۋرچانلىق بىلەن يېنىكلىتىڭ

 

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېدىسون ئەينى يىللىرى ئەڭ چىداملىق لامپۇچكا قىلىنى تېپىش ئۈچۈن، نەچچە يۈز خىل ماتېرىيالنى سىناق قىلغان، نەچچە مىڭ قېتىم تەجرىبە ئىشلىگەن، سانسىز قېتىم مەغلۇپ بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈمىدىنى ئۈزەي دەپ تۇرغاندا، لامپۇچكا ئۆزىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېريالى — ۋولفىرامنى تاپقان. بۇ ھەقىقەتەن سەۋرچانلىقنى سىنايدىغان بىر قېتىملىق كەشپىيات بولغان. ئەمما، بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سەۋرچانلىقنى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.


مۇنداق بىر مەسەل بار:


بىر كۈنى تاغ – دەريالاردىن ئۆتۈپ خېلى يىراقتىن كەلگەن بىر يولۇچى سىرلىق بىر ئىشىكنى ئالدىراپ – سالدىراپ قېقىپتىكەن، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئۆيدىن ئاۋاز چىقىپتۇ:
- كىمنى ئىزدەيسىز؟
- ھەقىقەت مۇشۇ يەردە تۇرامدۇ؟ - يولۇچى پىچىرلاپ سوراپتۇ.
- خاتالىشىپسىز، مەن نۇقسان بولىمەن! – ئۆي ئىچىدىكى ئادەم قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ.


يولۇچى بۇ يەردىن كېتىپ تەرەپ – تەرەپكە بېرىپ ھەقىقەتنى ئىزدەپتۇ. ئۇ ساناقسىز شىددەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدىن ئۆتۈپتۇ، قاتمۇقات قاقاس تاغ، چۆل – جەزىرىلەرنى كېزىپتۇ، تارتمىغان جاپاسى قالماپتۇ، شۇنداق قىلىپمۇ ھېچقانداق نەتىجە چىقىرالماپتۇ، بىر كۈنى ئۇ نۇقسان بىلەن ھەقىقەتنىڭ بىر جۈپ رەقىبلەر ئىكەنلىكىنى توساتتىن خىيالىغا كەلتۈرۈپ، ھەقىقەتنىڭ قەيەردىلىكىنى نۇقسان بىلسە كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېرىپ – چارچاپ ھالى قالمىغاندا، يەنە ھېلىقى سىرلىق ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئىشىكنى قېقىپتۇ:
- ھەقىقەتنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەمسىزكىن؟ - يولۇچى ئىشىكنى قېقىپ تۇرۇپ سوراپتۇ.
- مەنمۇ ئۇنى تەرەپ – تەرەپتىن ئىزدەۋاتىمەن، - ئىچىدىكى ئادەم پەرۋا قىلماپتۇ، ئىشىكمۇ ئېچىلماپتۇ.



يولۇچى نىيىتىدىن يانماپتۇ، ئۇياق – بۇياقنى چۆرگىلەپ قويۇپ كېلىپ، ھېلىقى سىرلىق ئىشىكنى قېقىۋېرىپتۇ. ئەمما، ئىچىدىن ئۇزاققىچە جاۋاب چىقماپتۇ.
يولۇچى ئىشىكنى ئۈمىدسىزلەنگەندەك بارغانسېرى يەڭگىل قېقىپتۇ. ئۇ ئىشىكنى قېقىشتىن ئۈزۈل – كېسىل ۋاز كېچەي دەپ تۇرغاندا ئىشىك ئېچىلىپ، بىر ساھىبجامال ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. يولۇچى بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپلا ئىچ – ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كېتىپتۇ، ھەقىقەت راستتىنلا پەيدا بوپتۇ. ئەسلىدە، ھەقىقەت بىر شوخ قىزچاق ئىكەن. ئۇ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن مېھمانلارنى ھەمىشە ئۆزىنىڭ دېدىكى — نۇقسان بىلەن كولدۇرلىتىدىكەن ۋە سىنايدىكەن.
ھەقىقەتنى ئىزدىگۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇقسان ئۆتكىلىدىن سەۋرچانلىق بىلەن ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىك ئىنتايىن مۇھىم. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سەۋرچانلىق بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەۋرچانلىق ساپاسى خېلى زور دەرىجىدە يۇقىرى بىر ئادەمنىڭ مۇلايىملىق دەرىجىسىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. قانچىكى سەۋرچان ئادەم تۇرمۇشقا شۇنچە خاتىرجەم مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆپكىسىنى باسالمايدىغان، ئۆزىنىڭ خام خىيالدا چىڭ تۇرۇۋالىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. سىز قانچە سەۋرچان بولغانسېرى، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغا مەيلى ئۇنىڭ ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر زامان – ھەر ماكاندا شۇنچە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىسىز. مەسىلەن، ئىشقا بېرىش يولىڭىزدا ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قالسا ياكى ۋەدىلەشكەن جايغا دېگەن چاغدا بارالمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى جىددىيلەشمەڭ (چۈنكى جىددىيلەشسىڭىزمۇ بىكار)، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ. كۆڭلىڭىزدە ئۆز ئۆزىڭىزگە: «بۇنداق كىچىك ئىشلارغا ئالدىراقسانلىق قىلما، مەسىلە پات ئارىدا ھەل بولۇپ كېتىدۇ» دەپ جېكىلەپ تۇرۇڭ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مېڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرىۋېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، كۈتۈپ تۇرۇش بىر ياخشى ئىشقا ئايلىنىدۇ. سىز بىرەر ئىشقا يولۇققاندا كەڭ قورساقراق بولۇڭ. شۇ ئىشلار سەۋەبىدىن تەپەككۇردا قار دۆۋىسى ئىنكاسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىڭىزنى ئىمكانقەدەر ئازادە تۇتالايسىز.


سەۋرچانلىق مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا، باشقىلارنىڭ بىلىمسىزلىكىنى چۈشىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ. «بىلمىگەنلەر گۇناھسىز» دېگەن شۇ. كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۇلارنىڭ تونۇشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك پوزىتسىيە مەسىلىسى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، سىز سەۋەنلىكنى سوغۇققانلىق بىلەن ئەپۇ قىلىسىز، يەنە ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتىدا بولمايسىز. ئۆزىڭىزدە سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرسىڭىز، ئىلگىرى بېشىڭىزنى قاتۇرغان ئىشلاردىن خۇشال بولۇپ قالسىڭىزمۇ ئەجەب ئەمەس.


كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سەۋرچانلىق بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشى – يامانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، مەنىۋى كۈچ جەھەتتىكى چىدامچانلىقنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ. تۇرمۇش سەۋر – تاقىتى كەمچىل ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، گويا زاۋالغا يۈز تۇتقانلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاسانلا غەش قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ زەئىپ ئىچكى دۇنياسى بىچارە روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا ئامالسىز. سەۋر – تاقەت سىزگە ئاراملىق بېغىشلايدۇ، تۇرمۇشتا كەڭ قورساق بولۇش ئارامخۇدا ياشاش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ.
--------------------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى