ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش خاتىرىسى

تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 665 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن:
تولۇقلاپ تۆلىنىدىغان باج سوممىسى «بۇرۇنقى يىللىق پايدا-زىياننى تەرتىپكە سېلىش» ھېسابلاش تۈرىدىن ئۆتۈپ ھېسابلاش كېرەك.
ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجىدىن ئالدىن تاپشۇرۇپ بولغان باج سوممىسىنى ئېلىۋەتكەندە، ئېرىشكەن سانلىق قىممەت ئەگەر مۇسبەت سان بولسا، كارخانىنىڭ باجنى تولۇقلاپ تۆلەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
خاتىرىسى تۆۋەندىكىدەك:
دېبېت: بۇرۇنقى يىللىق پايدا-زىياننى تەرتىپكە سېلىش 
كرېدىت: تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج خىراجىتى-تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى 
 
ھېساباتى ئېنىقلانغان بۇ باج پۇلىنى تاپشۇرغاندا، خاتىرىسى تۆۋەندىكىدەك:
دېبېت: تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج خىراجىتى-تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى
كرېدىت: بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش
تەقسىم قىلمىغان پايدىنى تەرتىپكە سېلىش، خاتىرىسى تۆۋەندىكىدەك:
دېبېت: پايدا تەقسىملەش-تەقسىملەنمىگەن پايدا
كرېدىت:بۇرۇنقى يىللىق پايدا-زىياننى تەرتىپكە سېلىش
ئەگەر مەنپىي سان بولسا، كارخانىنىڭ باجنى ئارتۇق تاپشۇرغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، خاتىرىسى تۆۋەندىكىدەك:
دېبېت: تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج خىراجىتى-تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى
كرېدىت: بۇرۇنقى يىللىق پايدا-زىياننى تەرتىپكە سېلىش
 
تەقسىملەنمىگەن پايدىنى تەرتىپكە سېلىش، خاتىرىسى تۆۋەندىكىدەك:
دېبېت: بۇرۇنقى يىللىق پايدا-زىياننى تەرتىپكە سېلىش
كرېدىت: پايدا تەقسىملەش-تەقسىملەنمىگەن پايدا
 
ئۇنداقتا، كارخانا ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرغاندا قانداق قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش بولسا، باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇش يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 5 ئاي ئىچىدە، باج قانۇنى، قانۇن-نىزامى، قائىدىسى ۋە باشقا كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلۈكىدىن يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ، ئايلىق ۋە پەسىللىك تاپاۋەت باج سوممىسىنى ئالدىن تاپشۇرۇشقا ئاساسەن، مۇشۇ يىللىق تولۇقلاشقا ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى بېكىتىش، ھەمدە يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، مەسئۇل باج ئورگىنىغا يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىش، باج ئورگىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى پۇلىنى ھېسابلاپ چىقىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ھېساباتنى تەكشۈرۈپ باج ئېلىشنى يولغا قويغان كارخانا (Aتۈر) ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن باجنى يىغىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجى باج تاپشۇرغۇچىسى (Bتۈر)، ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ئېلىپ بارمايدۇ.
 
A تۈردىكى كارخانا ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرغاندا بىر قانچە تەرەپتىن ئويلىشىدۇ:
1. كىرىم: كارخانا كىرىمىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېسابقا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ ئاقما ھېساباتتا كىرىم دەپ بېكىتكەن ئەمما ھېسابقا كىرگۈزۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ بار-يوقلىقى تەكشۈرۈش؛
2. تەننەرخ: ھېسابقا يۆتكەلگەن كارخانا تەننەرخى بىلەن كىرىمنىڭ ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى، كارخانىنىڭ تەننەرخ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن-ئەتتۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش؛
3. خىراجەت: كارخانا خىراجەت چىقىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باج قانۇنى بەلگىلىمىسىگە ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش، خىراجەت تۈرى بىلەن باجدىن بۇرۇنقى چىقىم تۈرىنىڭ باج قانۇنى ئۆلچەم بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقىش؛
4. باج يىغىش: كارخانا ھەر تۈرلۈك باج پۇلىنىڭ ئېلىشقا ۋە تاپشۇرۇشقا ئىنتىلگەن-ئىنتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش؛

داۋامى كېيىنكى بەتتە...
#p#
5. زىياننى تولۇقلاش: كارخانىنىڭ شۇ يىللىق ئەمەلگە ئاشۇرغان پايدىسى بىلەن بۇرۇنقى يىللىق يۈز بەرگەن زىياننى تولدۇرۇش (5 يىل ئىچىدە)؛ 
6. تەرتىپكە سېلىش: يۇقىرىقى تۈرلەر باج قانۇنى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاشۇرۇپ ياكى كېمەيتكەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە شۇ كارخانىنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلاپ، شۇ ئارقىلىق شۇ يىللىق ئەمەلىي تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاش.
 
ئالاھىدە دىققەت:
تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشتا دېيىلگەن باج تاپشۇرۇشنى تەرتىپكە سېلىش، تالوننى تەڭشەپ ھېساباتنى تەڭشىمەسلىك، بوغالتىرلىق جەھەتتە ھەرقانداق كەسىپ بىر تەرەپ قىلماسلىق، پەقەت مەلۇمات جەدۋىلىنى تەرتىپكە سېلىش، تەسىر قىلىدىغىنى پەقەت تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسى بولۇپ، كارخانىنىڭ باجدىن بۇرۇنقى پايدىسىغا تەسىر قىلىدۇ.
 
دىققەت:
كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىللىق مالىيە ئىشلىرىنى ھېسابلاشتا بىر قېتىملىق چوڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، كارخانىنىڭ يىڭى تاپاۋەت بېجىغا ئاساسەن، كارخانىنىڭ ئالدىنقى يىللىق بوغالتىرلىق ھېساباتىنى يىغىشتىن تۆلەشكىچە، تەننەرخدىن خىراجەتكىچە ئومۇمەن مالىيە ئىشلىرى تەرەپلىرىگىچە چېتىلىدۇ، باج قانۇنىدا دېيىلگىنىدەك مەسىلەن كىرىم جەھەتتە، باج تۆلەشكە تېگىشلىك كىرىم، باج كىرىمىنى يېنىكلىتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، تۇتۇپ قېلىش جەھەتتە، تەننەرخ خىراجىتى، ئىش ھەققى پاراۋانلىقى، ئىئانە ئېلانى قاتارلىقلار، كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا ئاساسەن، ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ئاشۇرۇش، كېمەيتىشكە تېگىشلىكنى كېمەيتىش، ئاشۇرۇش كېمەيتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسى نۆلدىن چوڭ بولسا باج نىسبىتىگە ئۇيغۇن كېلىش بويىچە باج تاپشۇرۇش، ئەگەر نۆلدىن كىچىك بولسا ئۇنداقتا باج تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، زىيان سوممىسىنى باج ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ  كېيىنكى يىلى تولۇقلاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى