ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېرىشكىڭىزنى قەدىرلەڭ

ئېرىشكىڭىزنى قەدىرلەڭ

ۋاقتى: 2016-03-21 ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەربىر كۈننىڭ قەدرىگە يېتىڭ» بۇ يەردە!

 

ئېرىشكىڭىزنى قەدىرلەڭ

 

كۆپ يىل پىسخولوگىيە مەسلىھەتچىسى بولغان بىر دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇچراشقان خىلمۇخىل پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىرى، شۇنداقلا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇۋاتقان بىر خىل كېسەللىك كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدە ھەدېسىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشى، ئاللىبۇرۇن قولغا كەلتۈرۈپ بولغان نەرسىلەرگە ئېتىبار بىلەن قارىماسلىقى ئىكەن. بۇنداق ئادەملەر ھەمىشە ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەرنى ياخشىلاشنى ئويلىماي، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈ قانمايدىغان نەپسىنى قاندۇرۇش كويىدا بولىدۇ. بۇنداق پىسخىكىلىق كېسەللىككە مۇپتىلا بولغان كىىشلەر دائىم: «ئەگەر ئارزۇ – ئارمانلىرىمنىڭ ھەممىسى تولۇق قانىدىغان بولسا، خۇشاللىقتىن بېشىم ئاسمانغا يېتەتتى» دەيدۇ. بۇ سۆز ھەرقېتىملىق يېڭى ئارزۇ – ئارمىنى پەيدا بولغاندا بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ.


بىر دوستۇم ئۆتكەن ھەپتە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن ئىدى، ئىككىنچى ھەپتىسى ئۇ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە قوشنىنىڭ ئۆيىنى ئۇنداق – مۇنداق بېزىۋەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ھەشەمەتلىك قىلىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇچراشقانلارغا ئۆيىنىڭ قەۋىتىدىن رازى ئەمەسلىكىدىن، بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشىكتىن ئۆي تاللىمىغانلىقىغا كۆڭلى غەش ئىكەنلىكىدىن دادلاپ يۈردى. جىق ئادەملەرنىڭ ئاشۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتى بار، ئۇلار بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى خىيال قىلىپلا يۈرىدۇ، ئارزۇسىغا يەتمىسىلا، ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ پېيىگە چۈشىدۇ، شۈكۈر – قانائەت دېگەننى بىلمەيدۇ. مۇبادا ئۇلار مەقسىتىگە يېتىپ قالسا، يەنە يېڭى تەلەپلەرنى، يېڭى ئوي – خىياللارنى بىر يەرلەردىن كۆتۈرۈپ چىقىدۇ – دە، روھىي ھالەت جەھەتتىكى زىددىيەت يەنە باش كۆتۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ ئادەملەر خىيال قىلغىنىغا ئېرىشكەن بىلەنمۇ يەنىلا كۆڭللى خۇش بولماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ئولتۇرسا – قوپسا، خەقنىڭ قولىدىكى بىر جىڭ گۆشنى ئۆزىنىڭ قولىدىكى بىر جىڭ گۆشتىن جىق دەپ قارايدۇ.


ئەگەر مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، ئوي – خىياللىرىڭىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىشكەنلىكىڭىز توغرۇلۇق كۆپرەك ئويلىنىشىڭىز كېرەككى، ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىماسلىقىڭىز كېرەك. جورىڭىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان تەرەپلىرىنى كۆپرەك ئويلىشىڭىز كېرەككى، ئۇنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلماسلىقىڭىز كېرەك. ئىش ھەققىڭىزنىڭ ئازلىقىدىن نارازى بولغىنىڭىزدىن قانداقلا بولمىسۇن خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشسىزلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئامەت ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىڭىز تۈزۈك.



تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى خام خىيال قىلمايدىغان بولغىنىڭىزدا، قولىڭىزدىكى ھەممە نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىسىز. كۆڭلىڭىزدىكى نارازىلىق ۋە قۇرۇق خىياللارمۇ مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈگەيدۇ. سۆيگىنىڭىزنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىغىنىڭىزدا، ئۇ سىزگە تېخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ. خىزمەتكە ئىش ھەققىڭىزنىڭ ئازلىقىدىن ۋايساپ ئەمەس، بەلكى بىر خىل مىننەتدار بولۇش كەيپىياتىڭىز بىلەن كىرىشكىنىڭىزدە ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىسىز، تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز، ئېھتىمال ئىش ھەققىڭىزمۇ ئېشىپ قالار. ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى تۇرمۇشقا خۇشال روھىي ھالەتتە مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشىغاندىلا، ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى ئويلىسىڭىز، بىرەر جايغا سەيلە – ساياھەتكە بارالمىغانلىقىڭىزنى ئازابلىق ھېس قىلمايسىز.


دېمەك، ئۆزىڭىزنىڭ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرمەيدىغانلا بولسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز جەزمەن پۈتمەس – تۈگىمەس خۇشاللىققا چۆمىدۇ.


ھەددىدىن زىيادە ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، خام خىيالدا بولماي، ئۆزىڭىز ئېرىشكەن نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئېھتىمال، تۇرمۇشتا ھەقىقىي بەخت ۋە شۈكۈر – قانائەتنىڭ نېمىلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلارسىز.
------------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى