ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مىلياردېر ئايال ۋۇيىڭنىڭ باي بولۇش چۈشى

مىلياردېر ئايال ۋۇيىڭنىڭ باي بولۇش چۈشى

ۋاقتى: 2012-09-02 ئاۋاتلىقى: 524 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مىلياردېر ئايال ۋۇيىڭنىڭ مەبلەغ توپلاشتا ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنىڭ 2-سوت ھۆكىمىدە، ۋۇيىڭغا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى ھۆكىمىنى ساقلاپ قىلىپ، شەخسىي مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىش، ۋۇيىڭنىڭ جامائەتتىن قانۇنسىز يىغقان مەبلىغى 7.7 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئەنزە يۈز بەرگەندە 3.8 مىليارد يۈەن پۇلنى قايتۇرالمىغان، ھەم نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان.
 
ۋۇيىڭنىڭ دېلوسى ھازىر قانۇن بويىچە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.
 
جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا، جاۋابكار ۋۇيىڭ 2005-يىل 5-ئايدىن 2007-يىل 2-ئايغىچە، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، يالغان پاكىت ئويدۇرۇش، ئەسلى ئەھۋالنى يوشۇرۇش، يۇقىرى ئۆسۈمنى يەمچۈك قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاممىدىن قانۇنسىز ھالدا 7.7 مىليارد مەبلەغ يىغقان. دېلو پاش بولغاندا، يەنە 3.8 مىليارد يۈەننى قايتۇرۇپ بەرمىگەن، ھەم نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان دەپ قاراپ، مەبلەغ يىغىشقا ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ۋۇيىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان، شۇنداقلا شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. 
 
جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، 1-سوت ھۆكۈمدىكى جاۋابكار ۋۇيىڭنىڭ مەبلەغ يىغىشقا ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار ھەقىقىي، تولۇق بولغان. ۋۇيىڭنىڭ مەبلەغ يىغىشتا ئالدامچىلىق قىلغان سوممىسى ناھايىتى يۇقىرى، دۆلەتكە، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئەكەلگەن زىيىنى چوڭ، جىنايەت ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، قانۇنغا ئاساسەن قاتتىق جازالاش كېرەك، 1-سوت ھۆكۈمى مۇۋاپىق بولغان، سوتلاش تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن دەپ قاراپ 1-سوت ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالدى. 

ئۇنداقتا، بۇ دېلونىڭ ئاخىرى يەنە قانداق بولۇپ كەتكەن؟ قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
تۈرمىدە پارىخور ئەمەلدارلارنى پاش قىلىش
 
جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان مىلياردېر ئايال ۋۇيىڭنىڭ دېلوسىغا ئائىت تالاش-تارتىشلار ھازىرغا قەدەر ئاخىرلاشمىدى، ۋۇيىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىككىنچى سوت ھۆكۈمدىكى نەتىجىسى شۇنداقلا ۋۇيىڭنىڭ خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى پاش قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ دېلونىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى چوڭايتىۋەتتى. 
 
2010-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى لى شۆي شەھەرلىك دىڭ تا تارماق بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى لىياڭ خۇاغا ئون يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلدى. لياڭ خۇا «دۇڭياڭنىڭ مىلىيادېر ئايالى» ۋۇيىڭنىڭ تۈرمىدە پاش قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ئىدى. 
 
بىر يىل بۇرۇن، ۋۇيىڭ تۈرمىدە پاش قىلغان باشقا ئىككى ئەمەلدار-جىڭمىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى تىڭگۈي بىلەن جىڭمىڭ شەھەرلىك يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جوۋلىياڭغا جازا ھۆكۈم قىلىندى.
 
ۋۇيىڭ 2007-يىلى 2-ئايدىن تارتىپ، جىناىي ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن پارىخور ئەمەلدارلارنى پاش قىلدى. 2009-يىل 12-ئايدىكى بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، ۋۇ يىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارنى پاش قىلغانلىق ماتېرىيالىنى يېزىپ تاپشۇرۇپ، خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ دېلودىكى باش جاۋابكار ۋۇ يىڭ زادى قانداقلارچە مۇشۇنداق مۇرەككەپ دىلوغا چېتىلىپ قالغان؟ ۋۇ يىڭنىڭ كەچمىشى زادى قانداق كەچمىش؟ قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!
#p#
ۋۇيىڭنىڭ كەچۈرمىشى
 
ۋۇ يىڭنىڭ دادىسى ۋۇ يۇڭجىڭ 1979-يىلىدىن تارتىپ ئىشلەمچىلىك ھاياتىنى باشلىغان، ئاخىرى گەنسۇ ئۆلكىسىدە ئىش بېشى بولۇپ ئىشلىگەن. ۋۇ يۇڭجىڭ ئىزچىل بىر ئوغۇللۇق بولۇش ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئۇ ئارقا-ئارقىدىن تۆت قىز پەرزەنت كۆرگەن. ۋۇ يىڭ دەل مۇشۇ تۆت قىز پەرزەنتنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى. ۋۇ يىڭ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتا -ئانىسىغا ئەگىشىپ گەنسۇغا كەلگەن، چاغاندا يۇرتىغا قايتقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى غەربىي شىمالدا ئۆتكەن. 
 
7 ياشقا كىرگەن يىلى ۋۇيىڭ يۇرتى دۇڭياڭغا قايتىپ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. ۋۇ يىڭنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋۇ يىڭ تۆت قىزنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئوقۇغان بولۇپ، باشلانغۇچتا ھەر مەۋسۇمدا ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇغان. بىراق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ ۋۇ يىڭنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان. 1995-يىلى ۋۇ يىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇماسلىقنى قارار قىلغان. بۇ چاغدا ۋۇ يىڭنىڭ دادىسى ۋۇ يۇڭجىڭ گەنسۇدا بىر دەۋا ئىشى بىلەن-ئالدىراش بولغاچقا، ۋۇ يىڭنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىغان ھەمدە ۋۇ يىڭنى سىڭلىسىدىن ھۆسن تۈزەشنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. 
 
دۇڭياڭدا ۋۇيىڭنى ھاممىسى ھۆسن تۈزەش كەسپىنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان بولۇپ، ۋۇ يىڭ ھاممىسى ئاچقان «ۋۇ شياۋ جىن ئامبۇلاتورىيەسى»دە بىر يىلدەك تۇرۇپ ھۈنەر ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋۇ يىڭ نىڭبوغا بىرىپ باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ پەردازخانا ئاچقان. بۇ چاغدا ۋۇ يىڭ ئارانلا 15 ياش بولۇپ، ئۇ بۇ مەزگىلدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشقان. بۇلار دەل ۋۇ يىڭغا دەسلەپتە پۇل قەرز بىرىپ تۇرغان كىشىلەر ئىدى. 
 
بۇ يەردە يىرىم يىل تۇرغاندىن كېيىن، ۋۇ يىڭ يۇرتى دۇڭياڭغا قايتىپ دادىسىغا داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى ئېيتقان. دادىسى ۋۇ يۇڭجىڭ قىزىنى دۇڭياڭ شەھىرىدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىدىكى دۇڭياڭ تېخنىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بىراق ۋۇ يۇڭجىڭنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى ۋۇ يىڭ بۇ مەكتەپتە بىر يىرىم ئوقۇپلا يەنە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش خىيالىغا كېلىپ ، ئوقۇشنى تاشلاپ مەكتەپتىن ئايرىلغان. ۋۇ يۇڭجىڭ ئامالسىز قىزى ۋۇ يىڭنى ھاممىسىدىن ھۆسن تۈزەشنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. 
#p#
 
2000-يىلى ۋۇ يىڭ ھاممىسىنىڭ ھۆسن تۈزەش ئورنىدا جۇۋ خوڭبۇ بىلەن تونۇشۇپ، ئىككىنچى يىلى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاساسلىق مەبلەغنى جۇۋ خۇڭبو چىقىرىپ، ۋۇ يىڭ خوجايىن بولۇپ، ئىككىيلەن دۇڭياڭ شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا بىر ھۆسن تۈزەش سالونى ئاچقان. 2002-يىلى 6-ئايدا ۋۇ يىڭ بىلەن جۇڭ خوڭبۇ توي خېتى ئېلىپ توي قىلغان.
 
2003-يىلى 8-ئايدا ۋۇ يىڭ ئەسلىدىكى ھۆسن تۈزەش سالونى ئاساسىدا يەنە بىر ھۆسن تۈزەش سالونى ئاچقان، بۇ چاغدا دۇكاننىڭ تىجارىتى بىردىنلا ئېقىپ كەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۇڭياڭ شەھىرىدىكى بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئايال مەمۇرلىرى بۇ ھۆسن تۈزەش سالونىنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆسن تۈزەش سالونىدا ۋۇ يىڭ باش كۆتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىپ، نۇرغۇن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان. 
 
2005-يىلى 3-ئايدا ۋۇ يىڭ باشقىلارنىڭ قولىدىن شىرايتون كۇلۇبىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بۇ كۇلۇبنىڭ يېڭى خوجايىنىغا ئايلانغان. قايتىدىن زىننەتلىگەندىن كېيىن، شىرايتۇن كۇلۇبى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇڭياڭ شەھىرىدىكى ئەڭ ياخشى KTV لارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بىر ئايدىن كېيىن، ۋۇ يىڭ يەنە دۇڭياڭ شەھىرىدە چاچ ياساش ئارامگاھىدىن بىرنى قۇرۇپ چىققان. ئارقىدىن ئۇ يەنە يىۋۇ شەھىرىدە بۇ ئارامگاھنىڭ تارمىقىنى قۇرۇپ چىققان. 
 
2006-يىلى 2-ئايدا، ۋۇ يىڭ ئانىسىنىڭ يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىدە شىن يى مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەلئارا قەرز ئىلىم-بېرىم قىلىش، قەرەللىك مال سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە قەدەم قويغان. 
 
بۇ بىر قاتار مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، 25 ياشلىق ۋۇ يىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان باي ئاياللارنىڭ قاتارىغا قوشۇلغان. 
#p#
 
2006-يىلى 4-ئايدا بىنسى گۇرۇھى تۇيۇقسىز دۇڭياڭ شەھرىدە قەد كۆتۈرۈشكە باشلىغان. بىنسى يۇيۇش بۇيۇملىرى، بىنسى ئېلانچىلىقى، بىنسى مېھمانسارىيى، بىنسى كومپيۇتېر تورى، بىنسى زىننەتلەش ماتېرىياللىرى، بىنسى توي مۇلازىمىتى، بىنسى ئەشيا ئوبۇرتى قاتارلىق شىركەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ۋۇ يىڭ بىردىنلا ئۈچ شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بىنسى گۇرۇھى قۇرۇلغان. 
 
2006-يىلى 10-ئايدا خاڭجۇ، شاڭخەيدىكى تاراتقۇلار ۋۇ يىڭ ۋە بىنسى گۇرۇھىنىڭ نامىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تاراتقان. 
 
بىنسى گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى سىرتقا قارىتا تەشۋىقات قىلغاندا بىنسى گۇرۇھىنىڭ مۇقىم مۈلكى 350 مىليون يۈەن، لېكىن بانكىدا بىر پۇڭمۇ قەرزىمىز يوق، ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ مەبلىغى دەپ جاكارلىغان. 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋۇ يىڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نەچچە يۈز مىليون يۈەن مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خۇلاسىلەپ ئاساسلىقى قەرەللىك مال، ئۆي-زېمىن سودىسى، ھۆسن تۈزەش كەسپىدىن كەلگەن دېگەن. 
جۇڭگو خەلق بانكىسى دۇڭياڭ تارماق بانكىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2006-يىلى يىۋۇ شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بانكىلار ئارقىلىق زور مىقداردىكى مەبلەغنىڭ ۋۇ يىڭنىڭ نامىدا ئېچىلغان ھېسابات نومۇرىغا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن گۇمانلانغان. دەل مۇشۇ ئىش بىلەن دۇڭياڭدىكى پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئورگانلىرى ۋۇ يىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان. دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق بانكىسى دۇڭياڭ تارماق بانكىسى جىنخۇا شەھرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان، جىنخۇادىكى پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئورگانلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ئۆلكىلىك پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلغان.
#p#
 
شۇنىڭ بىلەن ۋۇ يىڭ ۋە بىنسى گۇرۇھىغا قارىتىلغان مەخپىي تەكشۈرۈش رەسمىي باشلانغان. جۇڭگو خەلق بانكىسى دۇڭياڭ تارماق بانكىسى «پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش» ئورۇنلىرى ۋۇ يىڭنى 7 كۈن مەخپىي تەكشۈرۈش نەتىجىدە ۋۇ يىڭنىڭ پۇل يۇيۇش قىلمىشىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان، بىراق تەكشۈرۈشتە ۋۇ يىڭنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقالغان.
 
ئەمەلىيەتتە بۇ چاغدا مەبلەغنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋۇ يىڭنى ئېغىر ھالسىراتقانىدى. شۇ يىلى 12-ئايدا ۋۇ يىڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، يېۋۇدىكى ھەقدارلاردىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ دۇڭياڭغا قېچىپ كېلىۋالغان ئىدى. 
شۇنىڭدىن كېيىن، بىنسى گۇرۇھىنىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىكى تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى. دۇڭياڭ، يېۋۇدىكى نۇرغۇنلىغان ئەلئارا قەرز ئىلىم-بېرىم قىلغان ھەقدارلار توختىماستىن ۋۇ يىڭنى ئىزدەپ قەرز سۈيلەشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا بىنسى گۇرۇھىنىڭ 49 مىليون يۈەنلىك ساختا پىروۋوت چېكى مۇسادىرە قىلىندى. 
 
بۇ چاغدا ۋۇ يىڭ ئۆزىنى قانۇننىڭ جازاسىنىڭ ساقلاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يەنى 2007–يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋۇ يىڭ بېيجىڭدا مەبلەغ توپلاش ھەلەكچىلىكىدە تۇرۇۋاتقاندا، جامائەت پۇل-ئامانىتىنى قانۇنسىز يىغىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ دۇڭياڭ شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى بىنسى گۇرۇھى پېچەتلەندى. بىنسى گۇرۇھى رىۋايىتى 2006-يىلى 4-ئايدىن 2007-يىلى 2-ئايغىچە پەقەت 10 ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى