ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانىچىلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە مۇلاھىزە

كارخانىچىلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە مۇلاھىزە

ۋاقتى: 2016-07-19 ئاۋاتلىقى: 645 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى
خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي پائالىيەت سەۋىيەسىگە ئاساسلانغاندا، كارخانىچىلىقىمىز تېخى دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. كارخانىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى باسقۇچى ئادەتتە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوندا سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلىنىدۇ. كارخانىچىلىقىمىزنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، زامانىۋى تۈزۈمدىكى كارخانىلارنىڭ سانى ئاز. ھەقىقىي مەنىدىكى كارخانىچىلىق پائالىيىتىمىزنىڭ باشلانغىنىغا ئۇزاق بولمىدى، كارخانىچىلار قوشۇنىمۇ شەكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرقى كارخانىچىلار قوشۇنى، ئاساسلىقى، ئىككى مەنبەدىن، بىرى، سودىگەرلەرنىڭ شىركەت قۇرۇپ، كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن، يەنە بىرى، ھۆكۈمەت ئورنىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلغانلار ياكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن. كارخانىچىلار تۈركۈمىنىڭ شەكىللىنىشىدە سودىگەرلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىككىنچى، پۈتكۈل رايون ئىقتىسادى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھازىرقى بار كارخانىلارنىڭ كۆلىمى كىچىك، تېخىغىچە پۈتۈن رايونىمىزدىكى غوللۇق كەسىپلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىگىدەك كارخانا يېتىشىپ چىقالمىدى. رايونىمىز ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان غوللۇق كەسىپلەر ئاساسەن، نېفىت، تەبىئىي گاز، خىمىيە سانائىتى كەسپى، كۆمۈر كان، ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە كەسپى، ئاساسىي ئەسلىھەلەر(قاتناش-تىرانسپورت، ئۇچۇر-ئالاقە، سۇ ئىنشائاتى، شەھەر قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە) كەسپى، سودا ئوبوروتى-تاشقى سودا كەسپى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، چارۋىچىلىق، ئەلا سۈپەتلىك پاختىچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ ئاساسلىق ساھەلەردە مەلۇم تەسىر كۈچى ھاسىل قىلغان باشلامچى كارخانىچىلار تېخى يېتىشىپ چىقالمىدى. كارخانىلىرىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، كۆلەملىك باشلامچى كارخانىلار ئاز، ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلار كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكى تەڭ مەۋجۇت.  بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدە ئۇزاق مۇددەت بىرقانچە كارخانىلا ئورۇن تۇتۇپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن، يېقىنقى بەش يىلدا چوڭ-كىچىك كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولمىدى.
#p#
ئۈچىنچى، كارخانىلىرىمىزدا ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلار يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. تاۋار قۇرۇلمىسى جەھەتتە، كارخانىلىرىمىز ئائىلە ئىستېمال بۇيۇملىرىنى تاۋارلاشتۇرۇش باسقۇچى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلىنىش باسقۇچىدا. ئائىلە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تاۋارلىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كەسىپ ئىپادىسى خاس يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سانائەت ئۇسۇلىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئوراپ-قاچىلىنىش جەھەتتە بازار ئىستېمال ئادىتىگە بىرقەدەر ماس كەلگەنلىكىدە. ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان، كارخانىلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىدە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش يېڭى بىر كەسىپ بوشلۇقىنى ھاسىل قىلماقتا. ئەمما مەھسۇلات قۇرۇلمىمىز تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى بېجىرىم سانائەت مەھسۇلاتلىرى، پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن خېلىلا يىراقتا. كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىنى تەشكىللىشىدە ئىككى خىل شەكىل تەڭ مەۋجۇت. بىرى، مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىشلىتىپ  بازارغا سېلىش شەكلى، بۇ ئادەتتە ماركا چاپلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئۆزى بىۋاسىتە زاۋۇت قۇرۇپ، مەھسۇلاتىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى.
ئۇنىڭدىن باشقا، كارخانىلىرىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش رولى چەكلىك بولۇۋاتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، بىزنىڭ زامانىۋى كارخانىچىلىقىمىز يوقتىن بارلىققا كېلىپ، بىخ سۈرۈپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
كارخانىچىلىق تەرەققىياتىمىزدىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك
كارخانىچىلىقىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى كەسىپ  دائىرىسى، جايلارغا جايلىشىشى ۋە زامانىۋى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەندىزىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، كارخانىلىرىمىز كەسىپ ساھەلىرى نۇقتىسىدا، ئاساسەن يېمەك-ئىچمەك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ساھەگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن ۋە بۇ ساھەدە ئىستېمال مۇھىتىدا تەرەققىياتى ياخشىراق  كارخانىلار تۈركۈمى يېتىلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تېبابىتى، كىيىم-كېچەك ۋە ئېلانچىلىق ساھەلىرىدىمۇ خېلى ياخشى جانلىنىش بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى ھەم خەلقىمىزنىڭ ئىستېمال مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان بىناكارلىق، ئۆرپ-ئادەت ساياھەتچىلىكى، ناخشا-ئۇسۇلنى ئاساس قىلغان ئويۇن قويۇش كەسپى، كىنوچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ساياھەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كەسىپلەردە غوللۇق كارخانىلار يېتىلمەيۋاتىدۇ.
#p#
 ئىككىنچى، كارخانىلىرىمىز ئاساسەن ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن دىيارىدا قۇرۇلغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ  تەرەققىياتى، شۇنداقلا خوتەنلىك كارخانىچىلار قۇرغان كارخانىلارنىڭ ئۈرۈمچى مۇھىتىدىكى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشى بىزنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېز بولماقتا. ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتىدىغان، كۆپۈك ئىقتىسادقا ئىشەنمەيدىغان، مال يۆتكەپ ئېلىپ-سېتىشتىن ئىبارەت قالاق سودىگەرچىلىككە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەرگەن تىرىشچان خوتەن كارخانىچىلىرى بەس-بەستە زاۋۇت قۇرۇپ، ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ،  ناچار جۇغراپىيەلىك مۇھىتتىن غالىب كېلىپ، ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىنىڭ 21-ئەسىردىكى يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭراتماقتا. خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىدىكى يېڭى قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ تەخمىنەن %60 نى خوتەن كارخانىچىلىرى تەشكىل قىلىپ، سانائەتلىشىش قەدىمىدە يېڭىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلماقتا.
ئۈچىنچى، كارخانا باشقۇرۇش ۋە تەرەققىيات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش جەھەتتە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يېڭىچە بازار ئېچىش فورماتسىيەلىرى پەيدا بولماقتا. كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ياكى مەلۇم كەسىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىياتىنىڭ بىرى مەھسۇلاتلىرىنى نوقۇل نامدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ماركا تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. ھازىر بىزدە ئىلتىماس قىلىنغان ماركىلارنىڭ سانى 5000 دىن ئاشىدۇ (2008-يىلدىكى سانلىق مەلۇمات). بۇنىڭ ئۆزى مەھسۇلاتلىرىمىزنى تاۋارلاشتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە قىلىشنىڭ كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات ئىپادىسى. ئۇنىڭدىن باشقا، كارخانىلىرىمىزنىڭ يېڭىچە تىجارەت ئۇسۇلىنى تاللاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىپادىسىنىڭ بىرى  ئېلان-تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش قىلغانلىقىدا. بۈگۈنكى ئىستېمال جەمئىيىتى كارخانىچىلاردىن تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى يېتەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئارمان» بىلەن «ئىخلاس» شىركىتى باش بولغان ئېلانچىلىق ئىستراتېگىيەسى كارخانىچىلىقىمىزنىڭ بازار ئېچىش جەھەتتىكى ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەرەققىيات  ئەندىزىسى ياراتتى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى