ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان 10 چوڭ مەكتەپتە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر

ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان 10 چوڭ مەكتەپتە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر

ۋاقتى: 2012-12-11 ئاۋاتلىقى: 412 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئادەتتىكى ئادەمدىن گىگانىتلارغا ئايلىنىش: ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان 10 چوڭ مەكتەپتە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر
 
كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدىكى كەسپىي ھاياتىنى پەقەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما بەزى ناھايىتى ئۇتۇق قازانغان باشلامچىلار ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى مەكتەپ ياتىقىدىلا باشلىغان. 
تۆۋەندە بىز بەزى داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ دېپلومىنى ئېلىشتىن بۇرۇنلا ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانغانلىقىدەك مىساللار بېرىلدى.
 
1. گۇگۇل (Google)، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
1996-يىللىق سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى Larry Page بىلەن سېرگي برىن Sergy Brin ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق تۈرى بولغان بىر BackRub دەپ ئاتىلىدىغان ئىزدەش موتۇرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن بىر يىلغا يېقىن مۇلازىمەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىزدەش موتۇرىغا Page ۋە Brin تەرىپىدىن Google دەپ نام بېرىلىدۇ.
گەرچە ئۇلار يېقىندىن بىرى جۇڭگودا بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر Google ئاللىبۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئىنتېرنېت تورى شىركىتى بولۇپ قالدى.
#p#
2. دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى، يالى ئۇنىۋېرسىتېتى
Henry بىلەن Briton Hadden «يالى كۈندىلىك خەۋەرلەر»نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىكى ۋاقتىدا، تۇنجى قېتىم «خەۋەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئۇلار 23 ياشقا كىرگەندە بۇ دۇنياغا تارقالغان «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نى قۇرۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە Henry جۇڭگودا تۇغۇلغان. «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» زور ئۇتۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئىككى نەپەر ئاخبارات گىگانىتلىرى مەبلەغ توپلاپ، ئەينى ۋاقىتتىكى «يالى كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ تەھرىر بىناسىنى يېڭىلىغان.
#p#
3. Reddit.com تور بېكىتى، ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
2005-يىلى، 22 ياشلىق Alexis Ohanian ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Alderman كۈتۈپخانىسىدا تويۇقسىز reddit دېگەن بۇ سۆزنى ئويلاپ قالىدۇ. Ohanian يەنە بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەسىلەن: Huffman بىرلىكتە تەشكىللىنىدۇ. كېيىن بۇ ئىسىم تەدرىجىي ھالدا تەرەققىي قىلىپ، بىر داڭلىق ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تورىنىڭ ئىسمى بولۇپ قالىدۇ. 2006-يىلى Reddit تورى CondeNast شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىدۇ.
#p#
4. Insomina كىچىك قازان قاتلىمىسى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
2002-يىلى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى Seth Berkowitz ئىمتىھانغا تەكرار قىلىش ۋاقتىدا، بىر قانچە كىچىك قازان قاتلىمىسىنى قاقلاپ پىشۇرۇپ، كېچىلىك تەكرار ۋاقتىدىكى قورساق ئاچلىقىنى باسىدۇ. ئۇزاق قالماي، ئۇنىڭ كىچىك قازان قاتلىمىسىنى ياساش ئۇسۇلى پۈتكۈل مەكتەپ رادىيوسىدا ئاڭلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن Seth بۇ قىزىقىشىنى سودا پائالىيىتىگە ئايلاندۇرىدۇ. ھازىر، Insomina قاتلىمىسىنى ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. (Philadelphia شەھەر خەۋەرلىرى 2004-يىلى «ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىش» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ، مەزكۇر كىتابتا قاتلىما ياساش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا كەچلىك قورسىقى ئاچقاندا ھامان كىچىك قاتلىما يەيدىغان قىزىقىشنى يېتىلدۈرىدۇ.)
#p#
5. Tripod تور بېكىتى، ۋېليامىس ئىنىستىتۇتى
1992-يىلى، ۋېليامىس ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى Bo Peabody ۋە Brett Hershey يېڭىلىق بولغان دۇنيا خاراكتېرلىق تور بېكەتتە بەزى سودا پۇرسىتىنىڭ بالىقىنى بىلەتتى. 
ئۇلار بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ئىقتىساد پىروفېسسورى Dick Sabot بىلەن بىرلىكتە بىر tripod ناملىق بېكەت شىركىتى تور بېكەت مۇلازىمىتېر بوشلۇقى سېتىشنى باشلايدۇ. 90-يىللىرى گۈللىنىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرى، ئۇلارنىڭ شىركىتى ئەڭ چوڭ تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 
1998-يىلى، بۇ بېكەت ئىزدەش موتۇرى شىركىتى Lycos تەرىپىدىن 580 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلغا سېتىۋېلىنىدۇ.
#p#
6. Napster شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا)
ئامېرىكا شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى Shawn Fanning ياتاقدىشىنىڭ بىر مەسىلىسى---قانداق قىلغاندا توردىن مۇزىكا تاپقىلى بولىدىغان ئاددىي پىروگرامما يېزىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ پىروگراممىدا مۇزىكا ھۆججىتىنى ئىزدەپ تاپقىلى ۋە ئىزدىگىلى بولىدۇ. بارلىق مۇزىكىلارنىڭ ئادرېسىنى بىر مۇلازىمىتېرغا قويغاندا، ئىشلەتكۈچىلەر قولايلىق ھالدا نەچچە يۈز ئادرېسنى سۈزۈپ، كېرەكلىك بولغان MP3 ھۆججىتىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. 
1999-يىلى، ئۇ بىر Napster دەپ ئاتىلىدىغان ھەمبەھرلىنىش سۇپىسىنى قۇرۇپ، تاغىسى بىلەن بىرلىكتە تور بېكەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ. 
بۇنىڭ بىلەن مۇزىكىنىڭ سېتىلىش ۋە تارقىلىشىغا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغان تىزىملاتقان ئەزا 80 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ.
3p#
7. فىدىراتسىيە تېز يەتكۈزۈشى (FedEx)، يالى ئۇنىۋېرسىتېتى
Frederick W. Smith تېخىچە يالى ئۇنىۋېرسىتىدىكى ۋاقىتتا، ئۇ بىر بىر كېچىدىلا مال يەتكۈزگىلى بولىدىغان دېتسىرتاتسىيە ماقالىسى يېزىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. 
گەرچە مىش-مىش گەپلەرگە كۆرە Smith نىڭ بۇ دېتسىرتاتسىيە ماقالىسى C دەرىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ (ئۇ ئۆزى بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ)، ئەمما بۇنداق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىر كېچە ئىچىدىلا ھەر يىلى 37 مىليون تاپقىلى بولىدىغان سودا پۇرسىتىگە ئايلانغان.
#p#
8. مىكروسوفت (Microsoft)، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
1973-يىلى، بىل گەيتىس دوستى Paul Allen نى قايىل قىلىپ، بىرلىكتە خارۋاردتىن چېكىنىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرىدۇ. بۇ شىركەت كېيىن مىكروسوفت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، بىل گەيتىس خارۋاردتىكى دوستى Steven Ballmer نىمۇ سېپىگە قوشىۋالىدۇ. ھازىر شەخىسلەر كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازىنىپ، ھەممىمىزنىڭ كومپيۇتېرىدا ئاساسەن مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سىسېتمىسىنى ئىشلىتىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
#p#
9. دېل شىركىتى (Dell)، دېجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى
Michael Dell بىر دېجۇ-ئائۇستېن شۆبە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا، شىركىتىنى مەكتەپ ياتىقىدا قۇرۇپ، ياتاق سىرتىدا IBM كومپيۇتېرىنى ساتىدۇ. بىر يىل ئىچىدە، Dell ئۆزىنىڭ شىركىتى Turbo PC نى قۇرىدۇ. 1992-يىلى، Dell دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياش بايغان ئايلىنىدۇ.
#p#
10. Facebook، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
Facebook بىر ئۈچ مىليون 750 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىغان مەكتەپ ئالاقە تورى بولۇشتىن ئىلگىرى، Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg پەقەت بىر مەكتەپ ياتىقىدا بىر قىسىم قىزلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى يوللايدىغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئەمما، ئەڭ ئاخىرى ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ زېھنى كۈچىنى Facebook نى ئېچىشقا قاراتتى. 2004-يىلى، ئۇ تېخىچە ئۆزىنىڭ ياتىقىدا، Facebook نى قۇرۇپ چىقىپ، تور بېكەتنىڭ تىزىملىتىش دائىرىسىنى پەقەت خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىلا ئېچىۋېتىدۇ. ئەمما كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە، تىزىملىتىش بوستۇن رايونىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىچە (ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنىستىتۇتى) ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، نىيۇرك ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بارلىق باھار يەپىلى داڭلىق مەكتەپلىرىگىچە كېڭىيىدۇ. Facebook ھازىر Google دىن ئېشىپ، زىيارەت مىقدارى ئەڭ چوڭ بېكەت بولۇپ قالدى. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى