ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسى

مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسى

ۋاقتى: 2016-07-19 ئاۋاتلىقى: 422 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گەۋدىدىكى مايمۇن--- ۋىلىئام ئونكېن (William Oncken) تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان قىزىقارلىق نەزەرىيەدۇر. ئۇ ئېيتقان «مايمۇن»نىڭ كۆرسىتىدىغىنى «كېيىنكى قەدەم» بولۇپ، باشقۇرغۇچى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ 1999-يىلى دونال ۋاس (Donald L. Wass) بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر نەزەرىيەنى تونۇشتۇرغان كىتاب «ۋاقىت باشقۇرۇش: كىم مايمۇنغا ئىگە بولۇپ قالدى؟ (Management Time: Who's Got the Monkey?)» نى ئېلان قىلغان.
نۇرغۇنلىغان باشقۇرغۇچىلار ھەمىشە مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ھەر كۈنى ئىشخانا ئىشىكىدىن كىرىشىگە، ھامان بىر خىزمەتچى كېلىپ: «تۈنۈگۈنكى خىزمەتتە بىر قىسىم مەسىلىلەرگە يولۇققان ئىدىم. شۇڭا سوراپ باقسام قانداق ھەل قىلسام بولار؟» ... بۇ ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان باشقۇرغۇچىلار خىزمەتچىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىنىڭ تۈپتىن ھەل قىلىنمىغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا بۈگۈن بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان پىلانلىرىنىڭ كۆپ كېچىكىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.
 

مەسئۇلىيەت بىر مايمۇندۇر
بۇنىڭ ئاچقۇچى، ئەسلىدە ئۇ خىزمەتچى ئۆزى مۇستەقىل تاماملىيالايدىغان خىزمەتنى مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىق سەۋەبىدىن، باشلىقىنىڭ ھەل قىلىشىغا سۇنىدۇ. ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مايمۇنى بولىدۇ. ئەگەر ھەممىسى باشقۇرغۇچىنىڭ ھەل قىلىشىغا سۇنۇلسا، ئۇ ھالدا، باشقۇرغۇچىنىڭ ۋاقتى قەتئىي يېتىشمەيدۇ.
ۋىلىئام ئونكېن ئوتتۇرىغا قويغان مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ مەقسىتى، باشقۇرغۇچىغا ياردەملىشىپ، مۇۋاپىق ئادەمنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تاللاپ، توغرا ئۇسۇلدا توغرا ئىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇسۇلنى پەقەت ھاياتلىق قىممىتى بار بولغان مايمۇنلارغىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھاياتلىق قىممىتى بولمىغان مايمۇننى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى