ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 488 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)» بۇ يەردە!

 

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)

 

3. مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش


1)دۆلەتنىڭ نازارىتى
مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش-دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس ئاپپاراتلارنىڭ رەسمىي مەھسۇلات ئۆلچىمىگە دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى ۋە قانۇنىي تەرتىپ بويىچە كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان نازارەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.


دۆلەتنىڭ نازارىتى-دۆلەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە قارىتا ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئاساسىي شەكىل قىلغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان مەھسۇلاتلار، دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سانائەت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە خېرىدارلار، ئىستېمالچىلار ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلار ئېغىر سۈپەت مەسلىسى مەۋجۇت، دەپ ئىنكاس قىلغان مەھسۇلاتلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.


دۆلەت مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىگە قارىتا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقاردى:
گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ خىزمىتىنى پىلانلايدۇ ۋە تەشكىللەيدۇ، ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدە نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللىسە بولىدۇ.


ساھەلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە كارخانىلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار شۇ ساھەنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى: بېرىلگەن ھوقۇق دائىرىسىدە، مەھسۇلات سۈپىتىگە ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈش ياكى تۈزۈشكە قاتنىشىش، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىشنى تەشكىللەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.



مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان نازارەت ۋە تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دا، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ۋەزىپىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىلغان: مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتلار مۇناسىپ بولغان تەكشۈرۈش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى شەرت، ئۇلار ئۆلكىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە قاراشلىق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى بۇ تارماقلار تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەن ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. 1992-يىلى 12-ئايدىن بۇيان، دۆلىتمىزدە خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، شاڭخەي ئېلېكترلىك ئەسۋابلارنى تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق 13 ئورۇن تۇنجى تۈركۈمدە رۇخسەت قىلىنغان گۇۋاھلىق بېرىشنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى قىلىندى.


دۆلىتمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن، قائىدە-نىزاملىرىدا، يەنە كەسپىي نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇنداق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى: ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋە دۆلەت ياكى چەت ئەللەر ھاۋالە قىلغان تەكشۈرۈش كەسپىنى تەشكىللەش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ پاراخوت-كېمىلەرنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى پاراخوت-كېمە، پاراخوت ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ پارقازان بېسىم باكنىڭ بىخەتەرلىكىگە نازارەت قىلىش ئىدارىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇناسىپ ئاپپاراتلار پار قازىنى بېسىم باكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا تەكشۈرۈش ۋە ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ دورا تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى دورىلارغا بولغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېمەكلىكلەر تازىلىقىغا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياكى ئۆز رايونىنىڭ يېمەكلىكلەر تازىلىقىغا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
---------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى