ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇلنى قانداق تاپقۇلۇق؟

پۇلنى قانداق تاپقۇلۇق؟

ۋاقتى: 2016-02-28 ئاۋاتلىقى: 567 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پۇلنى قانداق تاپقۇلۇق؟
(تەرجىمە)

خەن شاۋگۇڭ


مېنى ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بەرسۇن، دەپسىلەر، نېمىنى سۆزىسەم بولاركىنتاڭ؟ سىلەرچۇ؟ قانداق گەپنى ئاڭلىغىڭلار بار؟ ھە راست! سىلەرنى قانداق پۇل تېپىشنى ئۆگەنسەك دەۋاتىدۇ، دېيىشىدۇ. دۇرۇس، پۇل تېپىشنىڭ ئەلمى ـ تەلمى توغرۇلۇق گەپ قىلىپ باقاي.
  پۇل تېپىشتا ئالدىن بىلەن ھېساپ ـ كىتابنى بىلىش كېرەك. دېسەم ـ دېمىسەم سىلەر بۇنىڭغا ئۇستا. ئەمما، مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ھېساپ ـ ـ كىتابنى قىلىپ باققان بولۇشۇڭلار ناتايىن.

 بىرىنچى، تەن ساقلىق ـ پۇل تاپقانلىق
ھازىر داۋالىنىشقا پۇل سۇدەك كېتىدىغان بوپقالدى. 10 مىڭ يۈەنلەپ، 100 مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقانلارمۇ دوختۇرخانىغا ساقسىزلىق كىرىپ ـ چىقسىلا قاقسەنەم بوپكېتىدۇ. شۇڭا، ساقسىزلىق نامراتلىقىمىزغا باشلامچى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. 20 نەچچە ياشتا قان بېسىمى، 40 نەچچە ياشلاردا سەكتە ـ پالەچ بوپقېلىۋاتقانلىقىمىز نەسەبتىن؟ بۇ، ھاراق ـ تاماكىغا، قورساققا بەك بېرىلىپ كەتكەنلىكىمىزدىنمۇ ـ قانداق ؟ سۇيۇق ـ سەلەڭدىن بېزىپ مال باقماي گۆش، قىچا تەرمەي ياغ يەۋاتقانلىقىمىزدىنمۇ ـ قانداق؟ ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ قويۇشقا سەل قاراۋاتقانلىقىمىزدىنمۇ ـ قانداق؟ بالىلانىڭ ئۇدۇل كەلگەن ئۇششاق ـ چۈششەك ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە سۈپەت ـ ساپاسىغا قارىمايلا دۈم چۈشۈپ يەۋاتقانلىقىدىنمۇ ـ قانداق؟ قاراپ بېقىڭلار: يېزا ـ بازارلارنىڭ ئاسمىنىدىكى قاپقارا ئىس ـ تۈتەكلەرگە؛ زەھەرلىك ئىس پۇرقۇپ تۇرغۇن سانجاق ـ سانجاق تۇرخۇنغا؛ دىماغنى ئېچىشتۈرىدىغان زەھەرلىك گازلارغا! ئەنە ئۇ يەرلەردە ئەسكى ـ تۈسكى يىغقۇچىلار ساماندەك، دۇرۇس! تاغدەك ئەخلەتلەردىن پۇل تېپىۋاتىدۇ. ئەمما، مەينەت ھاۋا، سېسىق سۇلار ئادەملەرنى كېسەل قىلىۋېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى پايدا ـ زىياننى ھېسابلاپ باقتۇقمۇ؟

 
ئىككىنچى، بالىلارنى ئوبدان تەربىيەلىگەنلىك ـ پۇل تاپقانلىق
«يوقسۇللار بالىلىرىنىڭ چوڭ بولۇشىدىن قورقىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. چۈنكى، بالاڭ ئوبدان ئادەم بولسا، يانچۇقۇڭ پۇل كۆرۈپ ھاللىنىسەن؛ ئەكسىچە بولسا، بېشىڭغا بالا بولۇپ، تاپقان ـ تەرگىنىڭ سورىلىدۇ. بەزىلەر بالىلىرى بىلەن كارى يوق شەھەرمۇ ـ شەھەر قاتراپ پۇل تاپىدۇ. ئەمما ئۇنداقلار تاغارلاپ پۇل تاپقىنى بىلەن، بالىلىرىدىن بىرەرسى يا زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالسا، يا تۈرمىگە كىرىپ قالسا كۆرۈڭ، ئۇنداق ئائىلىنىڭ تۈگەشكىنى شۇ. شۇڭا، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئېسىل ئەخلاق ـ پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمغۇلۇق. ئەگەر ئۇلار قىزىلكۆز ـ ھارامزادە بوپقالسا يۇرت ـ قوۋمى ۋە ئۆز بۇرادەرلىرىگە ساختىپەزلىك قىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئاتا ـ ئانىسىغا ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى دوغا تىكىۋېتىشتىنمۇ يانمايدۇ. ئۇنداق ھارامتاماقلارنى ئۆز كۈنۈڭنى ئۆزۈڭ ئال، دەپ باقساقچۇ؟ بىكار! چۈنكى، ئۇنداق سالپى ـ ساياقلاردىن ھەممە ئادەم قاچىدۇ، ھەزەر ئەيلەيدۇ.  چاڭشالىقنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا«كۆيۈمى يوق ئادەم پالاكەتتىن ئۆرە كەلمەيدۇ» غان تۇرسا، ئىش تاپامتى؟ شۇڭا، سىرتلاردا نان تېپىپ يېيەلمەي، ئۆيدە تەييار تاپ بولۇپ يەپ ياتىدۇ. ئۆيىڭىزدە ئۇنداق بالاخور ـ ھارامتاماقتىن بىرى بولسا، تاغدەك دەپىنە ـ دۇنيا تاپقىنىڭىز بىلەنمۇ ئۇنىڭغا دال بولمايدۇ ـ دە!

 ئۈچىنچى، مودىكەشلىكتىن ھەزەر ئەيلىگەنلىك پۇل تاپقانلىق
يېڭىدىن يېڭى مودىنى ھەمىشە سودىگەرلەر پەيدا قىلىدۇ، بىدىكلەر تارقىتىدۇ. سىزنى دەيدەيگە سېلىپ ئون يۈەنلىك كىيىمنىڭ ئورنىغا مىڭ يۈەنلىك كىيىمنى ئېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككىسى ئوخشاشلا كىيىم. ئۇلار بۈگۈن « قوش قاپاق چىرايلىق» دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقسا، ئەتىسى «بادام قاپاق مودا» دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۈگۈن قىزىل چاينى ماختىسا، ئەتىسى يېشىل چاچنى داڭلايدۇ. مۇبادا ئۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىپلا قالدىڭىزمۇ، بولدى! قىلتاققا چۈشكىنىڭىز چۈشكەن؛ يانچۇقىڭىزنى كولىغىنىڭىز كولىغان.
#p#

  تۆتىنچى، ئاددىي ـ ساددا ياشىغانلىق ـ پۇل تاپقانلىق
«ئاز يەپ، ئاسان تىرىل» دېگەن گەپتە تىرەن پەلسەپە ۋە ھېكمەت بار. ئەمەلىيەتتە باي ـ باياشات ئۆتكەن ئائىلىلەر چاندۇرمىغىنى بىلەن دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ؛ «تۆگە قانچە، يېغىرى شۇنچە»؛ ئادەم قانچە ئېگىزدىن يىقىلسا شۇنچە قاتتىق چۈشىدۇ. شۇڭا، باي ـ باياشات ياشىغاننىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى، باش ئاغرىقى بار. باي ـ زەردارلارنىڭ بىرى ۋاق غىزانى «قايناقسۇ ئىچ كۆڭۈل تىنچ» دەيدىغانلاردەك ئارامىخۇدا ئولتۇرۇپ يېيەلىشى ناتايىن. مىسالەن، بايلارنىڭ بالىلىرى توققۇزى تەل، غەمسىز ئۆسكەنلىكى ۋەجىدىن بەڭباش كېلىدۇ؛ باي ئائىلىلەر ھە دېسىلا جىنايەتچىلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق ـ تە! چىقىدىغان نەپ بايلاردا تۇرسا، جىنايەتچىلەر نامراتلارغا كۆز تىكەمتى؟! دېمەك ، ئارامىخۇدا كۈن ئالغانلىقنىڭ ئۆزىمۇ پۇل تاپقانلىق.  چۈنكى، ئارامىخۇدا ياشىيالايدىغانلار قوغىدغۇچى ياللاشقا، بۆرە ئىتلارنى بېقىشقا، قورۇق تاملىرىنى ئېگىز چىتلاشقا پۇل خەجلەپ يۈرمەيدۇ. بايلارنىڭ پۇلى كۆپ، قورسىقى بەك توق بولغاچقا ئەزالىق كارتىنىسىنى سېتىۋېلىپ، ھەر كۈنى چېنىقمىسا، ئورۇقلىمىسا بولمايدۇ. بىراق سىزچۇ؟ خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى چاپىسىز، قاترايسىز، تەرلەيسىز. شۇڭا، بۇنىڭغا يانچۇق كولاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق بولماي نېمە؟

   بەشىنچىدىن، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، كۆپرەك پىكىر قىلغانلىق ـ پۇل تاپقانلىق
بۇ گەپنى 50 ياشتىن تۆۋەنلەرگە قارىتىپ دەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئېسى جايدا كېلىدۇ. شۇڭا ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ بىر نەرسە ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بايقىشىمچە ھازىر،  تولا ئادەمنىڭ پۇل تاپالماسلىقى، تاپقاندىمۇ چىڭ تۇتالماسلىقى ئاسان ئالدام خالتىغا چۈشۈپ كېتىشتىن بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئىش ـ ئوقەتتە ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ؛ دۇكان ـ ماگېزىنلاردا ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ؛ دوختۇرخانىلاردا ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ؛ خىزمەت ئىزدىگەندە ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ؛ بەزى پارىخور ـ خىيانەتچى مەنسەپدارلار راست گەپ قىلمايدىغان بولغاچقا، ھەتتا «ئارقا ئېشىك» لەردىمۇ ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بازار ئىگىلىكى شەھەلەرنى باشلامچى قىلىدۇ، يېڭىلىقنىڭ تولىسى ئالدى بىلەن شەھەرلەردە پەيدا بولىدۇ. سەھرالار شەھەرلەرگە قارىغاندا بىر ـ ئىككى قەدەم ئارقىدا ماڭىدۇ؛ سەھرالىقلار قاقباشلىقتا شەھەرلىكلەرگە يەتمەيدۇ. ئۇستىسى بىلەن ئېلىشقان يېڭى شاگىرتتىن ئېغىز ـ بۇرنى قانىمىغان كىم بار دەيسىز؟ بۇ ، ئالەم ـ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن دېگەندەك خەۋەر تاپالمايۋاتقاننىڭ كاساپىتى.
   شۇڭا تەۋسىيەكى، ئەتىگەندىن ـ كەچكىچە شىشىخال شىرەسىگە چاپلىشىۋالماي، ئانچە ـ مۇنچە كىتاپ ئوقۇپ قويايلى. ئاقىل ـ دانىشلار بىلەن دىدارلىشىپ تۇرايلى. ھە دېسىلا «قىر ـ چاپ» كىنولىرىنى كۆرۈۋەرمەي، ئىلىم ـ ماھارەت ئۆگىنىش پىروگراممىلارنىمۇ كۆرۈپ قويايلى. پەن ـ تېخنىكا ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، قانۇن، سىياسەتكە ئائىت كىتاب ـ ژۇرناللارنى ئوقۇپ باقايلى. تۈرلۈك ئۈگۈت ـ تەتۋىقاتتىكى گەپلەرنىڭ «ئەركەك ـ چىشىسى»نى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋالايلى. شۇنداق قىلالىسىڭىز، «جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز» قالمايسىز؛ بىھۇدە زىيان ـ زەخمەتلەردىن ساقلىنالايسىز.

   دېگەنلىرىم تەس ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار. ھەممەيلەننىڭ پۇل تاپالىشىغا تىلەكداشمەن. كۆپ پۇل تاپقىلى بولمىسا، ئازراق تاپساقمۇ ھېساپ. مۇھىمى، كىشىلىك دۇنياسىدا پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىقنى تاپالىساقكەن، دېگەن ئىستەكتىمەن!


شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2010 ـ يىل 4 ـ سانىدىن ئېلىندى.
خەن شاۋگۇڭ ئىمزاسىدىكى بۇ فېليەتون «گۇڭجۇ گېزىتى «نىڭ 2008 ـ يىل 10 ـ ئۆكتەبىر سانىدىن «فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2008 ـ يىل دېكابىر سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان. ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمىسى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى