ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ

ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ

ۋاقتى: 2016-03-08 ئاۋاتلىقى: 470 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ» بۇ يەردە!

 

ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ

 

ئۆزىنىڭ ئىشىنىلا ئويلاش...


كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن نەچچە ئون مىڭ ياكى نەچچە يۈزمىڭ ئادەم ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان كىشىلەر ھامان چىقىدۇ.


پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشىنىلا ئويلايدىغان كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ؛ باشقىلار بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان ئادەم باشقىلار بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتەلمەيدۇ؛ باشقىلار بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتەلمىسە، ئۇلار ئارىسىدا ھەقىقىي مۇھەببەتنى بىخلاندۇرالمايدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي مۇھەببەت دۇنيانى ياراشتۇرالايدۇ، گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ ۋە نۇرلاندۇرالايدۇ، ھەقىقىي مۇھەببەتلا بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ.


ئادەتتە كىشىلەر دائىم: «ئاياللار بېسىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ» دېيىشىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن راست. ئاياللارنىڭ بېسىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى، مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ تۇغما ئانىلىق مېھرىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. بىر ئانا ھەر دائىم بالىسىنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ، بۇ ئانىلارنىڭ تەبىئىي تۇيغۇسى. جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى ئۇنتۇپ، بالىسىنىلا ئويلايدۇ... بۇنداق ئانا مېھرى ئاياللارنىڭ بېسىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشىدىكى سەۋەب.


ئانا مۇھەببىتى ئىنسانلارغىلا خاس ئەمەس، بەلكى بارلىق ھايۋانلار تۇغۇلىشىدىنلا پەيدا بولىدىغان نەرسە، ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق. ئۆزىنى ئۇنتۇپ باشقىلارنىلا ئويلاشنى بىر خىل ئۇلۇغ تەبىئىيلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئېھتىمال ئاياللار ئاشۇنداق مىننىتى، تەمەسى يوق مۇھەببەتنى جارى قىلدۇرىدىغان ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرلەرگە قارىغاندا بېسىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولسا كېرەك.


ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى بولسىمۇ ئويلاشقا ئامالسىز قېلىش، مېنىڭچە جانلىقلار دۇنياسىدا ئىنتايىن تۆۋەن بىر تۈر ھېسابلانسا كېرەك. ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك ھاياتىمنى ئەسلەپ باقسام، مەن بىرقەدەر تۆۋەن ئىككىلەمچى تۈرگە مەنسۇپتەك قىلىمەن. مىننىتى، تەمەسى يوق مۇھەببەت توغرىسىدا ئاغزىمدا دېگەنلىرىم يېقىملىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تولۇق چۈشىنىشىم ناتايىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشۈمغۇ يوق گەپ!



ساقسىز بولۇپ قالسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، روھىڭىز چۈشۈپ كەتمىسۇن ياكى بىئارام بولماڭ. ئاغرىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋەتسىڭىز، كېسەللىكمۇ سىزگە تەھدىت سالالمايدۇ.


قورسىقىڭىز ئاغرىغاندا ئاغرىقنى ئۇنتۇپ كەتسىڭىز، قورسىقىڭىز راستتىنلا ئاغرىمىغاندەك سېزىسىز. قىزىپ قالغاندا، قىزىتمىنى ئۇنتۇپ كەتسىڭىز، روھىي ھالىتىڭىز تەبىئىي «سالقىن»لاپ قالغاندەك بولىدۇ. باشقىلار سىزگە «ئاسىي»لىق قىلغاندا، بۇنداق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسىڭىزلا، باشقىلارنىڭ «ئاسىي»لىقى كۆڭلىڭىزنى زېدە قىلمايدۇ.


ئۆزىنى ئازراق مەركەز قىلىش، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاش... بېسىمنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى.


مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم بار. كىشىلىك ھاياتىمنى دوست تۇتۇش بىلەن ئۆتكەن ھايات دېسەم ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. مەن ئاشۇ دوستلىرىم بولغاچقىلا، گۈزەل كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.


مەن كۆپ يىللار مابەينىدە دوستلىرىمنىڭ كۆپ تەرەپلىمە غەمخورلىقىغا ئېرىشىپ كەلدىم. چۈنكى، مەن زېرىكىپ قېلىشتىن قورقىمەن. دائىم دوستلىرىمغا يولسىز تەلەپلەرنى قويىمەن، ئەمما دوستلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالمايمەن؛ ئۆزۈمنى مەركەز قىلىۋالىمەن، باشقىلارنى ئاز ئويلايمەن، ئېھتىمال نۇرغۇن دوستلىرىم مېنى دەپ ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىغان تۇرمۇشىنى قۇربان قىلغاندۇ؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ماڭا ئىللىق چىراي ئېچىپ كەلدى. مەن بۇ دوستلرىمنىڭ مەندەك ئۆز بېشىمچى ئادەمنى تاشلۋەتمەي دوست تۇتقانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتىمەن.


مەن روھىي كەيپىياتىم جايىدا بولمىغان چاغلاردا دوستلىرىمنى ئىزدەپ ھاراق ئىچىمەن، ئۇلارمۇ دېگەن جايغا خۇشاللىق بىلەن كېلىدۇ. لېكىن، مېنىڭچە مۇنداق مىجەزمۇ ئۆز يولىدا بولۇشى كېرەك.


ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېگەندە ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ. دوستلارنى ئاۋارە قىلىشقىمۇ چەك قويۇلۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۆزىمىزگە تەئەللۇق تۇرمۇش يارىتىش قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس. بۇمۇ دوستلارنىڭ غېمىنى كۆپرەك يېيىش كېرەك دېگەنلىكىم دەپ ئويلايمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى