ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[يەتتىنچى]

[يەتتىنچى]

ۋاقتى: 2016-01-12 ئاۋاتلىقى: 588 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «[ئالتىنچى]» بۇ يەردە!

 

 [يەتتىنچى]

 

كونىلاردا ئاقىلنىڭ بالىسى دانا بولۇر دەيدىغان گەپ بار. بىر قىزىل كاپىتالىستنىڭ بەگزادىسى باشقىلارنىڭ قورسىقىمۇ تويمايۋاتقان ۋاقىتلاردا بىر قىزىل رەڭلىك پىكاپنى ھەيدەپ يۈرەتتى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغانلىقى گەپ كەتمەيدىغان ھەقىقەت ئىدى، بولمىسا ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئازادلىقتىن كېيىن داڭلىق ئەمەلدار بولۇپ قالمىغان بولاتتى. دەل مۇشۇ ئەمەلدارلىق ئۇنىڭ بۈگۈنكى بايلىقىنى ياراتتى.

 

جەريانى مۇنداق: ئۇ ئاۋۋال ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقىدى ھەم بىر تېخنىكا شىركىتى قۇردى، سېتىۋەتكەندىن كېيىن نەچچە مىليون دوللارغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شياڭگاڭغا كېلىپ، دادىسى باشقۇرۇۋاتقان شىركەتتە ئىشلىدى(دىققەت، بۇ شىركەت ئۇنىڭ دادىسىغا تەۋە ئەمەس). ئۇنىڭ دادىسى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ مۇھىم رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ باش لېدىرلىق ئورنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بولىدۇ-دە. ھوقۇقى بار بولدى، دادىسىنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان يەر بار بولدى، ئازراق پۇلىمۇ بار بولدى، شىركەتكە MBOلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشمۇ ئۆز يولى بىلەن پۈتۈپ كېتىدۇ-دە. شىركەت ئۆزىنىڭ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان كېڭىيىش ئارزۇسىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار كاپىتال ئويۇنى باشلاندى. ئالدى بىلەن بىر پايچېكى بازارغا سېلىنغان ئەخلەت شىركەتنى تۆۋەن باھادا سېتىۋالدى، لى جياچىڭ قاتارلىق ماگنات(تەسىرى كۈچلۈك شەخس)لار بىلەن ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى، شىركىتىنىڭ پايچېكى بىردىنلا ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن كۆپلەپ پايچېكى تارقىتىپ مەبلەغ يىغىپ گوتەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، بىر مەيدان يىلان پىلنى يۇتقان ئويۇننى ئوينىدى. كېيىن، ئۆزىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېمىسىمۇ ھەممە بىلىدىغان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، بىرقانچە چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سالدى ياكى سېتىۋالدى، شۇنداقلا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلاندى، نەچچە مىليونلۇق قىزىل پىكاپىمۇ ئاللىبۇرۇن نەچچە ئون مىليونلۇق پۈتۈنلەي تەبىئىي تۇلپارغا ئايلانغان ئىدى. ھەر يىلى ئەنگىلىيەدە دەم ئالغاندا كۆرسەتكەن ئاقسۆڭەكلىك ھەشەمىتىگە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى باشقا بايلارنى سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ.

 

باھا: ئەمەلىيەتتە كاپىتال يۈرۈشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا تېخنىكا قاتلىمىدا ئەمەس، بەلكى زۆرۈر بولغان مۇناسىۋەت تورى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىدا. ئويلاپ باقايلى: 1.ئەگەر ئۇ دادىسىنىڭ ئوغلى بولمىسا، لېدىر بولالامدۇ؟ 2.ئەگەر جەمەتىنىڭ ھوقۇقى بولمىسا، لى جياچىڭ قاتارلىق ماگناتلار ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشامدۇ؟ 3.ئەگەر دادىسىنىڭ يۈزىگە قارىمىسا، ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا شۇنچە ياخشى چوڭ تۈرلەرنى شۇنداق ئاسانلا ئالالامدۇ؟ 4.ئەگەر بۇ ياخشى تۈرلەر بولمىسا، شىركەتنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولامدۇ؟ پايچېكى باھاسى ئۆسەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ پەقەتلا بىر ئالدىنقى شەرت، بەگزادىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىغىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. بولمىسا،  بۇ ئالدىنقى شەرت بولغان تەقدىردىمۇ، بايلىق يارىتىش يەنىلا مۇمكىن بولمايدۇ.


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى