ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت

بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت

ۋاقتى: 2015-05-31 ئاۋاتلىقى: 777 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. «بىلىۋال» تورى سىزنى ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سىزدەك بىر ئالىمىدىن پەخىرلەندى، بولۇپمۇ يېقىندا دۇنيا مەتبۇاتلىرىدا سىز توغرىلىق ئېلان قىلىنغان خۇش خەۋەرلەردىن تېخىمۇ زوقلاندى. ئالدى بىلەن سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز: ئاددىي تىل ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئۆز خىزمىتىڭىزدىن ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز.
جاۋاب: ئۇيغۇرلىرىمنىڭ مېنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىمگە بولغان يۇقىرى باھاسىنى كۆرۈپ مەن ھەم شادلاندىم ھەم پەخىرلەندىم. بىلىشىڭلار مۇمكىن، مەن بىر بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى بولۇپ، تەتقىق قىلىدىغىنىم تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى يېتىلىشى ۋە غول ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. ئاساسلىق قىزىقىدىغىنىم غول ھۈجەيرىنىڭ ئىنسانلاردىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدىكى تەتقىقاتتۇر.
 
2. سيدنەيدىكى يىغىندا بەزىلەر سىزنى «يېتىلدۈرۈلگەن ئەس (ئەمبريو ستەم) ھۈجەيرىسىنىڭ نورمال تۆرەلمە ھۈجەيرىسى (ئەمبريو چەلل) بىلەن بولغان بىرىكىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرمىگەن.» دېگەن. بۇ يەردە ئېيتىلغان «سىناق» توغرىلىق ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب: تۆرەلمە ھالەتتىكى غول ھۈجەيرىنى نورمال ھالەتتىكى تۆرەلمە بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، چىمەرا (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى شىرباش-قويتەن-ئىلانقۇيرۇقلۇق جانلىق)نى شەكىللەندۈرۈش ئىقتىدارى-پەقەت چاشقانلارغىلا خاس. چاشقاندا بولىدىغان ئەس ھۈجەيرىسىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئادەتتە باش غول ھۈجەيرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى سىناشتا ئىشلىتىلىدۇ. مەن ھازىرغىچە باشقا جانلىقلاردىكى ئەس ھۈجەيرىسىنىڭ چىمەرا (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى شىرباش-قويتەن-ئىلانقۇيرۇقلۇق جانلىق) پەيدا قىلالايدىغان قابىلىيىتىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ماقالە كۆرمىدىم. شۇڭا ھازىرچە، چىمەرا تەجرىبىسىنى قوللىنىپ ئادەم ۋە مايمۇنلارنىڭ ئەس ھۈجەيرىسىنى سىناق قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.
#p#
3. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە يېتىلدۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى ئەمەلىي داۋالاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن؟ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە قانداق مەسىلىلەر بار؟
جاۋاب: مەن يېقىن كەلگۈسىدىكى 5-10 يىل ئىچىدە ھايۋانلارنىڭ تېنىدە غول ھۈجەيرە ئاساسىدىكى ئاددىي داۋالاش ۋە باھالاشلارنى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. مۇبادا ئۇنىڭ نەتىجىسى كىشىنى قايىل قىلارلىق بولسا، كىلىنىكىلىق سىناقلار ئۇزاققا قالمايلا باشلىنىدۇ.
 
4. ھازىر «كىلونلاش» دېگىنىمىز، بىر ھۈجەيرىنىڭ يادروسىنى ئېلىپ، يادروسىزلانغان باشقا بىر ھۈجەيرىنىڭ ئىچىگە جايلاشتۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ. ئەمما، ھۈجەيرە پلازمىسىنىڭمۇ ئىرسىيەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇنداقتا پلازما ئېرسىيىتى كىلوننىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ ئەگەر تەسىر كۆرسەتسە، كىلونلىنىپ چىققان يېڭى جانلىق (ياكى ئەزا)نىڭ ئەسلىدىكى (يادرو تەمىنلىگەن) جانلىق بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
جاۋاب: ستوپلاسمىلىق دنا خوندروسوما (مىتوچوندرىا)دىن كېلىدۇ، شۇڭا كىلونلانغان ھۈجەيرە ياكى ئورگانىزمدىكى خوندروسومىلىق دنا نىڭ ھەممىسى دېمىگەندىمۇ كۆپىنچىسى تۇخۇمدىن كېلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كىلونلار ئەسلىدىكى ئورگانىزمدىن پەرقلىنىدۇ.
#p#
5. كىلون تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قانداق تەسىرلەر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
جاۋاب: نۇسخىلاش خاراكتېرلىك كىلونلاش تېخنىكىسىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىلىشىگە قارىتا، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەر بار. ئادەملەردە نۇسخىلاش خاراكتېرلىك كىلونلاشنىڭ سەۋەبلىرى دائىم دىنچىلار ۋە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نېمىشقا بەزى ئادەملەرنىڭ كىلونغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئادەملەر توپى --- ئۆز پۇشتىدىن پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلايدىغان، لېكىن بولالمايدىغان «تۇغماس»لار، ئوخشاش جىنىسلىقلار، بويتاق كىشىلەر، ھەمدە يېشى چوڭىيىپ كەتكەن لېكىن ئىئانە قىلىنغان سپېرمىدىن بالىلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ئاياللار، ئەجەللىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان پەرزەنتى ۋە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتىنىڭ ئوتىدا قايغۇرۇۋاتقان، قايتا پەرزەنتلىك بولۇش ئويىدىكى ئاتا-ئانىلار، ھەمدە ئائىلىسىدىكى مەلۇم بىر ئەزاسىدا تەرتىپسىز گېن كېسىلى بولغان ۋە ياكى ئەجەللىك كېسەللىكلەرنىڭ گېنىنى ئېلىپ يۈرگەنلەرگە قارىتا مېدىتسىنا جەھەتتە داۋا تېپىشنى ئويلايدىغان ئاتا-ئانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈپ يېتەلەيسىزكى، نۇسخىلاش خاراكتېرلىك كىلونلاشنى ھىتلەرگە ئوخشاش ئادەملەرنى كىلونلاش بىلەن چېتىۋېلىش ھاجەتسىز، گەرچە ئۇ «مېڭىسىدىن ئازغان» بەزى ئالىملارنىڭ قولىدا خەتەرلىك تېخنىكىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، يادرو قوراللىرىغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق مۇمكىنچىلىك بارغۇ؟
ئىنسانلارنى كىلونلاش مەسىلىسىنى نۆۋەتتە باشقا جانلىقلاردىن ئېرىشىلگەن نەتىجىدىن چىقىش قىلىپ ئويلاشسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئالىملار كەڭ دائىرىلىك نۇرغۇن قېتىم سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما، كىلون ئارقىلىق يارىتىلغان ئەۋلادلاردا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە غەيرىي نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىسىدەك قىيىنچىلىق مەۋجۇت، بولۇپمۇ چاشقان ۋە كالىلاردا بۇ مەسىلە گەۋدىلىك. بىزنىڭ مايمۇنغا قارىتا ئىشلىگەن سىناق تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا ئىشلەنگەن تەجرىبە دۇچ كەلگەن تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق ئويلىغىنىمىزدىكىندىنمۇ مۇشەقەتلىك بولۇپ چىقتى. شۇڭا بىزنىڭ «نۇسخىلاش خاراكتېرلىك كىلونلاشنى ئادەملەردە ئېلىپ بارالامسىلەر ۋە قوللىنامسىلەر؟» دېگەن سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز كېسىپ ئېيتقاندا بىرلا ---- 'ياق!' چۈنكى، ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن، ھامىلىگە نىسبەتەن خەۋپ-خەتەر قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە يۇقىرى، ھەممىدىن مۇھىمى، ئادەملەرنى كىلونلاشقا نىسبەتەن قايىل بولغۇدەك سەۋەب يوق.
 
يۇقىرىدىكى جاۋابلار تەبىئىي ھالدا بىزنى نۇسخىلاش خاراكتېرلىك كىلونلاش كىلىنىكا جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك ئەمەس، ھەمدە ئۇنداق قىلىش پات يېقىندا مۇمكىنمۇ ئەمەس، دېگەن خۇلاسىگە باشلايدۇ، خالاس.
(ئەمدى بىزنى سىزدىن بەزى خۇسۇسىي سوئاللارنى سوراشقا يول قويغايسىز، خۇسۇسىيلىق ھوقۇقى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا ۋەدە بېرىمىز.)
#p#
6. خەلقىمىز «بىلىۋال» تورى ئارقىلىق سىزنىڭ تاتلىق ھەم ئوماق چوڭ بولۇۋاتقان لىندا، نەرگىز ۋە سۆيۈملۈك ئوغلىڭىز پائۇل (ئادىل) لارنىڭ بارلىقىنى بىلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭىز بالىلىرىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگۈسى كېلىدۇ،  بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟
جاۋاب: مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ بىرىنچى ئىسمى پائۇل، ئەمما ئۇيغۇرچە ئىسمى (ئوتتۇرانچى ئىسمى) ئادىل(جان). ئۇ ھازىر 6 ياشتا. نەرگىز ھازىر 9 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرانچى ئىسمى دانئەللە.
چوڭ قىزىم لىندا بەختكە قارشى 2004-يىلى 16 يىشىدا قازا قىلدى.
 
7. ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپلەردە خىمىيە ۋە بىئولوگىيە كەسىپلىرىنى ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خېلى كۆپ. سىزنىڭ ۋەتەندىكى شۇ قېرىنداشلىرىڭىز ئىچىدىن ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتۇش پلانىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، مەن ئۇيغۇرۇمدىن بولغان ئىرادىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇساغا كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىشنى خالايمەن.
 
8. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ھەممە قىتئەگە ئورۇنلىشىپتۇ. مۇشۇ ئاممىۋى سورۇن ئارقىلىق ئۇلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلارغا، دەيدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: مەن شۇ كەمگىچە ۋەتىنىمگە بېرىپ باقمىدىم، ھەتتا ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىدى (ئەينى چاغدا رۇسلارنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن، كىچىكىدىن رۇسچە ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان - ئىزاھات) لېكىن بىر نۇقتا ئېنىق: مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەمدە ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن، شۇڭا مەن ھەر دائىم بالىلىرىمغا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيىتى ۋە شانلىق تارىخىنى ئۆگىتىشكە تىرىشىمەن!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى