ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەكچى ساختا ماتېرىيالنى بەرگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ئەمگەكچى ساختا ماتېرىيالنى بەرگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2014-04-27 ئاۋاتلىقى: 449 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەمگەكچى ساختا ماتېرىيالنى بەرگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

 

جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالداش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ياكى قارىغۇنى تاردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ئەھۋالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈپ ياكى توختامنى ئۆزگەرتىپ، ئەمگەك توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

 

ئەمگەكچى ئەگەر ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ(مەسىلەن ساختا ئۇنۋان، ساختا گۇۋاھنامە، ساختا ئىشقا ئورۇنلىشىش تەجرىبىسى دېگەندەك) ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بايقاپ قالغان ھامان يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا كېلىشىمگە خىلاپىق قىلغان دەپ قارالمايدۇ.

 

ئەلۋەتتە، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن يۇقىرىدىكى سەۋەب بىلەن خىزمەتچىسى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى