ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆچرەتتە تۇرىدىغان ياغاچ قورچاق ۋە سىستېمىنىڭ خارابلىشىشى

ئۆچرەتتە تۇرىدىغان ياغاچ قورچاق ۋە سىستېمىنىڭ خارابلىشىشى

ۋاقتى: 2015-03-24 ئاۋاتلىقى: 697 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئۆچرەتتە تۇرىدىغان ياغاچ قورچاق ۋە سىستېمىنىڭ خارابلىشىشى
بىز نەزىرىمىزنى شەخستىن ئورگانغا يۆتكىسەك، ھەربىر يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن دەرىجە تۈزۈمىدىكى سىستېمىنىڭ دەسلەپتە ناھايىتى ياخشى يۈرۈشىدىغانلىقىنى، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئۆلۈك بيۇروكرات ئورگىنىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى بايقايمىز.
ھەربىر ئورگاننىڭ چىقىش يولى تاپالماي قېلىشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل گۈللەنگەن دەۋرى بولىدۇ. پوچتا تېلېگراف ئورگىنى، تۆمۈر يول ئىدارىسى، تېلېگراف ئالاقىسى ئىشلىرى، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، تەبىئىي گاز شىركىتى، ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدا بىر مەزگىل گۈللەنگەن دەۋرى بولغان.

بىر يېڭى قۇرۇلغان سىستېمىدا، يېتىلىش تېز، كەيپىيات جۇشقۇن، ئىجادىي تەپەككۇر داۋاملىق چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، سىستېمىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، يېڭىدىن قۇرۇلغان سىستېمىنىڭ ھەرىكەتچان ۋە جانلىقلىقى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قابىلىيىتىنىڭ مۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ جەرياندا ھەربىر خىزمەتچى خادىمنىڭ خىزمەت ئىپادىسى ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە تۆھپە قوشىدۇ. ئەگەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئىقتىدارى ئىزچىل يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر سىستېمىدىكى كۆپىنچە خىزمەت ئورۇنلىرى مۇۋەپپەقىيەتنى ساقلاپ قالسا، ئۇنداقتا  پۈتكۈل سىستېمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ. مانا بۇ كۆپىنچە ئورگانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى.

سىستېما پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلەنگەندە، پېتېر پىرىنسىپىدا ئېيتىلغان كېسەل ئالامەتلىرى كەينى-كەينىدىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بيۇروكراتنىڭ بۇلغىنىشى مۇنەۋۋەر خادىملارنىڭ ئىپادىسىنى چەكلەپ قويىدۇ، بىراق ئىقتىدارسىز خادىملارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى خىزمەت ئورنىغا چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ھەربىر ئىقتىدارسىز خادىم خىزمەتكە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر توپ ئىقتىدارسىز خادىم خىزمەتنى قالايمىقان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەستىنلا، پۈتكۈل سىستېما خارابلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، بىز بۇ خىل ھادىسىنى «سىستېمىنىڭ خارابلىشىشى» دەپ ئاتايمىز.


مۇھىتقا ماسلىشىش، قابىلىيەت ۋە تاللاش ئەركىنلىكىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، لېكىن «سىستېمىنىڭ خارابلىشىشى» ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى بارغانچە تەسلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى ئۆزى تەۋە بولغان دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ چەكلىمىسى ۋە تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدۇ. ئىنسانلار تۈكلۈك قۇرتقا ئوخشىمايدۇ، لېكىن ياغاچ قورچاققا بىرئاز ئوخشايدۇ. ياغاچ قورچاقنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئىنسانلارغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەرىكىتى بولسا پۈتۈنلەي سىرتقى كۈچ تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىدۇ.

«سىستېمىنىڭ خارابلىشىشى» ئاستىدىكى بىچارە ئىنسانلارنى «ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان ياغاچ قورچاق» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ، ئۇلار ياشاش، كارتا ئۇرۇش، جەدۋەل تولدۇرۇش، ئەھمىيەتسىز مۇراسىملارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ھازىر «ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان ياغاچ قورچاق» لار ئاللىبۇرۇن بىر چوڭ ئىجتىمائىي كۈچنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار ئومۇمىي ئادەملەرنى، سۈكۈت قىلغان ئاممىنى، كۆپىنچە ئادەملەرنى ۋە ياكى ئىستېمالچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان ياغاچ قورچاق» ئىقتىدارلىق ئادەم، ئۇ خىزمەتنىڭ مەزمونىغا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ ياخشى بىيۇروكرات سىستېمىسىنى ئىجاد قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان ئۇسۇلغا كۈچ چىقىرىدۇ، ۋەزىپىنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنىنى جارى قىلدۇرمايدۇ.

«ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان ياغاچ قورچاق» شەخسنىڭ تەۋەلىك ھېسسىياتىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىرقەدەر كەڭ دائىرىدىن قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى، دىنىي ئېتىقادى ياكى ئۆزى تەۋە بولغان كۆپىنچە ئادەملەر ۋە كوللېكتىپتىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئۇ غايەت زور ئورگانغا، سودا كۇلۇبىغا ۋە قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە تەۋە بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئۇ شەخسىي كۇلۇبقا قاتنىشىشنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ ئەزاسى بولۇشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر «ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقان ياغاچ قورچاق» نىڭ مەرتىۋىسى ئۆسسە، ئۇ بىر ئازابلىق تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ ــــــ بۇ تاللاش بىر قولىدىن ئىش كېلىدىغان ياغاچ قورچاق بولۇش ياكى بىر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بىچارە بولۇشتىن بىرىنى تاللاشتۇر.


«ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقان ياغاچ قورچاق» ھوقۇق تۇتقاندا، ئۆزىنىڭ چەكلىك چۈشىنىش ئىقتىدارى بىلەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلايدۇ. ئۇ دائىم: «بىز قىلالايمىز، شۇڭا قول سېلىپ قىلايلى» دەيدۇ. ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا ئېكىسپېدىتسىيە قىلدى، چۈنكى ئېھتىياجلىق تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى بار بولدى؛ ئۇ دۇنيا ئاھالىسىنى نەچچە يۇز قېتىم يوق قىلىۋېتەلەيدىغان يادرو قۇرالنى ئىجاد قىلدى؛ ئۇ نەچچە يۈز قۇتا باكتېرىيەنى ياساپ چىقتى، ھەربىر قۇتىسىنىڭ بىر مىليارد ئادەمنى يوق قىلىۋېتەلىگىدەك كۈچى بار ئىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ سانى بولسا ئاران ئالتە مىليارد ئىدى.

نېمە سەۋەب بۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ چۈنكى ئۇ روھىي بېسىمنىڭ دەردىنى تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ھېسسىياتسىز بولۇپ قالدى. گەرچە ئۆزى شۇ مەسىلىنىڭ زىيىنىنى تارتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەسىلىگە قارىتا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقمايدۇ، چۈنكى ھەرقانداق ئامال مەسئۇلىيەت ۋە كىشىلىك قىممەتكە چېتىلىدۇ.

ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە، تاپانچا بىلەن قايماق ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىش ئەمەس، مىليونلىغان شەھەر ئاھالىسىگە بەخت يارىتىدىغان تېز توشۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش-قىلماسلىق ياكى ئاي شارىغا چىقىش پىلانى تەرەققىياتىغا ئۈچ مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ قىيىن ھالىتىدىن چىقالماسلىقى، ئۇ ئاڭسىز ھالدا باشقىلارنىڭ ئىتتىرىشى ئارقىسىدا قارىغۇلارچە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى