ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توختام مۇددىتى ئىچىدە «توي قىلسا بولمايدۇ، بالىلىق بولسا بولمايدۇ» دېگەن كېلىشىم ئىناۋەتلىكمۇ؟

توختام مۇددىتى ئىچىدە «توي قىلسا بولمايدۇ، بالىلىق بولسا بولمايدۇ» دېگەن كېلىشىم ئىناۋەتلىكمۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-28 ئاۋاتلىقى: 378 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

توختام مۇددىتى ئىچىدە «توي قىلسا بولمايدۇ، بالىلىق بولسا بولمايدۇ» دېگەن كېلىشىم ئىناۋەتلىكمۇ؟

 

جاۋاب: ئاينۇر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەلۇم شىركەتكە قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىدى. شىركەت ئۇنىڭدىن بىر پارچە مۇددىتى 5 يىل بولغان ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، بۇ توختامدا مۇنداق بىر بەلگىلىمە بار ئىدى، ئۇ توختام مۇددىتى ئىچىدە بالىلىق بولسا بولمايتتى، بولمىسا شىركەت ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى.

 

ئەينى ۋاقىتتا ئاينۇرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىستىكى كۈچلۈك بولغاچقا، كۆڭلىدە رازى بولمىسىمۇ، يەنىلا توختامغا ئىمزا قويدى. كېيىن ئۇ توختام مۇددىتى ئىچىدە ھامىلدار بولۇپ قالدى ھەم بالىنى تۇغماقچى بولدى، شىركەت كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىق باھانىسى بىلەن ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى.

بۇ شىركەتنىڭ قىلمىشى ئېنىق خاتا. «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بەلگىلىمە ئىناۋەتسىز، «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 18-ماددىسىدىمۇ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز دەپ بەلگىلەنگەن.

 

بۇ شىركەتنىڭ ئاينۇرنى 5 يىل ئىچىدە بالىلىق بولسا بولمايدۇ دەپ چەكلىشى «نىكاھ قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، شۇڭا ئىناۋەتسىز، توختامدىكى ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، شۇڭا بۇ شىركەت مۇشۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇنى ئىشتىن بوشاتسا بولمايدۇ.


بۇنىڭدىن سىرت، بەزى ئىدارىلەر خىزمەتچىلەر توختام مۇددىتى ئىچىدە توي قىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلىگەن، بۇمۇ ئىناۋەتسىز كېلىشىم.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى