ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى

ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى

ۋاقتى: 2015-12-25 ئاۋاتلىقى: 494 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى دېگەن نېمە؟
ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى يەنە قىسقا تاختا نەزەرىيەسى، ياغاچ چېلەك قىسقا تاختا باشقۇرۇش نەزەرىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسى ياكى ياغاچ چېلەك قانۇنىنىڭ يادروسى: بىر ياغاچ چېلەككە سىغىدىغان سۇنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ياغاچ چېلەك دىۋارىدىكى ئەڭ ئېگىز تاختىسى تەرەپتىن بەلگىلەنمەستىن، بەلكى ياغاچ چېلەك دىۋارىدىكى ئەڭ قىسقا تاختىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ مەزمۇنغا ئاساسەن ئىككى خۇلاسىگە ئېرىشىشكە بولىدۇ: بىرىنچىسى، پەقەت ياغاچ چېلەك دىۋارىدىكى بارلىق تاختىلارنىڭ ھەممىسى يېتەرلىك ئېگىز بولغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا لىق سۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىسى، پەقەت بۇ چېلەكنىڭ دىۋارىدىكى بىر پارچە تاختاينىڭ ئېگىزلىكى يېتەرلىك بولمايدىكەن، ئۇنداق بۇ چېلەككە لىق سۇ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.
بۇ نەزەرىيەگە نىسبەتەن، سىز ئۇنى دەسلەپتە ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشىڭىز: ئەڭ ئۇزۇن تاختاي نېمە ئۈچۈن ئەڭ قىسقا تاختايغا يەتمەيدۇ؟ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما سىز بۇ نەزەرىيەنى تولۇق چۈشەنگەندىلا: راست، ياغاچ چېلەككە سىغىدىغان سۇنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئاشۇ ئەڭ ئېگىز تاختاي تەرىپىدىن بەلگىلەنمەستىن بەلكى ئاشۇ ئەڭ قىسقا تاختاي تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى تەكشى ھالەتتە، ئېگىز تاختاي مەيلى قانچىلىك ئېگىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۇنىڭ يۈزى ئاشۇ ئەڭ قىسقا تاختاي بىلەن تەڭ بولىدۇ. «ياغاچ چېلەككە سىغىدىغان سۇنىڭ ئاز-كۆپلۈكى چېلەكنىڭ ئەڭ ئېگىز تاختىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەستىن، بەلكى ئەڭ تۆۋەن تاختىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.» دېگەن بۇ يەكۈن قارىماققا كونا قائىدىگە مۇخالىپ كەلگەندەك قىلىدۇ، ئەمما بۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ چىقىلغان يەكۈندۇر.
ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسى بىزنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. مەسىلەن: شىركەت كوللېكتىۋىزملىق روھ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى. بىر كوللېكتىپ ئىچىدە، بۇ كوللېكتىپنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى بەلگىلەيدىغىنى ھەرگىزمۇ بۇ كوللېكتىپتىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق ئەزا بولماستىن، بەلكى ئەڭ ئاجىز، خىزمەت ئۈنۈمى ئەڭ ناچار بولغان ئاشۇ ئەزادۇر. چۈنكى، ئەڭ قىسقا تاختا ئەڭ ئۇزۇن تاختىغا نىسبەتەن چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ-دە، بۇ كوللېكتىپنىڭ جەڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بۇ كوللېكتىپنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنى، بىر ئامال قىلىپ ئاشۇ ئەڭ قىسقا تاختىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئاشۇرۇپ، بارلىق تاختايلارنىڭ ئېگىزلىكىنى «يېتەرلىك ئېگىزلىك» ئۆلچىمىگە يەتكۈزگەندىلا، ئاندىن كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى، كوللېكتىپ روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
ياغاچ چېلەك پىرىنسىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى
ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى ئامېرىكىلىق داڭلىق باشقۇرغۇچى پېتېر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىر ياغاچ چېلەك نۇرغۇن تاختايلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى ئۇنىڭغا قانچىلىك سۇ پاتىدىغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا قانچىلىك سۇ پاتىدىغانلىقى بولسا ئۇنى تۈزگۈچى تاختايلار ئىچىدىكى ئەڭ قىسقا تاختاي تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنى، ھەر قانداق بىر كوللېكتىپ تەشكىلاتنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن: بۇ كوللېكتىپنى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بىردەك بولمايدۇ. ئەمما ئاشۇ كەمچىلىك تەرىپى بۇ كوللېكتىپنىڭ سەۋىيەسىنى بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەگەر بۇنى پەقەت بىر ئوبرازلاشتۇرۇپ ئوخشىتىش دەپلا قارىساق، ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئەمما ئۇنىڭ قوللىنىشىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى ۋە قوللىنىش دائىرىسىنىڭ بارغانچە كېڭىيىپ بېرىشى ئۇ يەككە ھالدىكى بىر ئوبرازلاشتۇرۇپ ئوخشىتىشتىن بىر نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ نۇرغۇن تاختايدىن تۈزۈلگەن «ياغاچ چېلەك» نى پەقەت بىر شىركەت، كارخانا، بىر بۆلۈم، بىر گۇرۇپپىغا ئوبرازلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە مەلۇم بىر خىزمەتچىگىمۇ سىمۋوللاشتۇرۇشقا بولىدۇ.بۇ «ياغاچ چېلەك» نىڭ ئەڭ چوڭ سىغىمچانلىقى كوللېكتىپنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە سىمۋوللۇق قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، يەنە بىر «ئەكس ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسى (反木桶原理)» مۇ بار. ئۇنىڭ يادروسى: ياغاچ چېلەكنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئۇزۇن تاختاي بۇ چېلەكنىڭ خاسلىقى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى بەلگىلەپ، بىر كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىش ئېگىزلىك رولىنى ئۆتەيدۇ؛ كوللېكتىپقا نىسبەتەن، ئۇنىڭ روشەن خاسلىقىغا تايىنىپ، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ئويۇن قائىدىسىدىن ھالقىپ چىققىلى، ئۆزىنىڭ «خاندانلىقى» نى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىشتا، سىزنىڭ خىزمەت نەتىجىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ پايدىلىق بايلىقىڭىز ئۈستىگە قۇرسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. درۇكې (Drucker) نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «ئۆزۈڭنىڭ نەتىجىسىنى ئاجىزلىقىڭ ئۈستىگە ئەمەس بەلكى ئەۋزەللىكىڭ ئۈستىگە قۇر. (Build your performance on strength, not weakness)» بولۇشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى