ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچىلىك شىركىتى تاللاش (05)

شىركەت رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچىلىك شىركىتى تاللاش (05)

ۋاقتى: 2016-05-22 ئاۋاتلىقى: 689 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەت قۇرۇلۇش ئالدىدا، چوقۇم سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بانكا ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزۇش قاتارلىق بىر قاتار رەسمىيەت بېجىرىش كېرەك. ئۇنداقتا، بۇ يىلقى دۆلىتىمىز ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، شىركەتنى جانلاندۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا، رەسىمىيەت جەريانى تېخىمۇ تېز بولىدۇ، بىراق شىركەتنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى بىر رويخەت ئالدۇرۇش ۋاكالەتچىلىك شىركىتى تېپىش.
بۇ رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنى خالىغان شەھەردە توردىن ئىزدەپ باقسا، ناھايىتى كۆپ تاپقىلى بولىدۇ، سىز ئۆيىڭىزگە يېقىن بولغان بىر مەسىلىھەت سوراش ئورنىنى تاللاڭ.
نېمىدىن مەسىلىھەت سوراش كېرەك؟
ۋاكالەتچى شىركەت ئادەتتە كىملىك گۇۋاھنامە ئەسلى نۇسخىسى، شىركەت تىجارەت ئورنى ئىسپاتى (بىر پارچە ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ياكى ئىجارە ئېلىش توختامى)، رويخەت ئېلىش دائىرىسى، رويخەت ئېلىش ئورنى قاتارلىقلارنى كېرەك قىلىدۇ.
ئۇلار سىزگە ئىش بېجىرىدىغان بانكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئادەتتە ئۆزى تونۇش بولغان سودا باج ۋە بانكا قاتارلىقلار تاللىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئۆز ئىچىدە تونۇش مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلار شۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە بېجىرىدۇ، سىز بىر ئاي ۋاقىتتا بېجىرگەننى ئۇلار بىر ھەپتە ئىچىدە تاماملاپ بولىدۇ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى يۇقىرى ئەمەس، كىچىك شىركەت قۇرۇش ئىشىنى بېجىرىشتە بارلىق رەسمىيەت، ھەتتا شىركەت تامغىسى ئويۇش قاتارلىقلارغا 1500~1200 يۈەنگىچە كېتىدۇ.
ئەگەر سىزدە رويخەت ئالدۇرۇش مەبلىغى بولمىسا، ئۇلار سىزگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ 30 تۈمەن رويخەت مەبلىغىنى تەييارلاپ بېرىدۇ، ئاندىن رەسىمىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپ ماڭسا، شىركەت قۇرۇق قول قالىدۇ.
#p#
مانا بۇ ئاتالمىش دەسمايىسىز شىركەت بولۇپ، ئېلىپ سېتىش كەسپىنى قىلىدۇ.
ھەر جاينىڭ مەبلەغ ھەققى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق رايودىكى بۇ جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلاردىن سوراپ بىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. 
ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى، ۋاكالەتچى شىركەت ئەڭ ئاخىرىدا رويخەت ئالدۇرغان بانكا، باج بېجىرىش ئورنىنى شىركەتتىن يىراق بولغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا، كېيىن كەسىپ بېجىرگەندە ئاۋارىچىلىق بولىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ يول مېڭىپ ئاۋا بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت سودا سانائەت رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچى شىركىتىنى ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ.
بانكا ئاساسى ئىسچوتىنى ئۆيگە ياكى شىركەتكە يېقىن جايغا تاللىغان ياخشى، بۇ تەرەپنى چوقۇم ۋاكالەتچى شىركەتتىن سوراش كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا باجنى ئىمكانقەدەر باج سىياسىتى كۆپ بولغان جايدىن بېجىرىش، بۇ سىزنىڭ قايسى جايدىن شىركەت ئۆي ئىجارە ئېلىشىڭىز ياكى ئۆي سېتىۋېلىشىڭىزغا باغلىق، بۇنى ۋاكالەتچى شىركەت بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، بۇ ئىچكى باج باشقۇرۇش دائىرىسىگە تەۋە.
ئەگەر شىركەت بىلەن باج باشقۇرۇش ئورنى بىر رايوندا بولمىسا، ئىش بېجىرگەندە كۆپ ۋاقىت سەرپ بولۇپ كېتىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى