ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس

ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس

ۋاقتى: 2013-09-06 ئاۋاتلىقى: 575 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇرمۇشتا بىز دائىم تاللاشقا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بىر ئىشنى يا ھەق-دادىغا يەتكۈزۈپ قىلىمىز، يا قىلغۇچىلىكى يوقكەن دەپ تاشلىۋېتىمىز. قاتمۇقات چىگىش-مۇرەككەپ رېئاللىق ئالدىدا، خىلمۇخىل قىزىقتۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار ئارىسىدا، ئۆزىڭىزگە لازىملىق نەرسىنى ئوچۇق كۆرۈش، قايسىلىرىنى قوبۇل قىلىش، قايسىلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقنى توغرا تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ سىزنىڭ ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
كىشىلىك تۇرمۇشتا، ھەر قانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىناي دېسىڭىز، ئىدىيەڭىز ۋە ھەرىكىتىڭىز مول ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئېلاستىك بولۇشنى تاللىسىڭىز، خۇشاللىقنى تاللىغان بولىسىز. قومۇشنىڭ ئېلاستىكلىقى بولغاچقا شىددەتلىك بوران، دەھشەتلىك يامغۇردىمۇ ياشىيالايدۇ. ھالبۇكى، قارىياغاچچۇ؟ ئۇ دائىم قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرۇشنىلا خىيال قىلغاچقا، شىددەتلىك بوران ئۇنىڭ بېلىدىن قاس چىقىرىپ پۈكلەپ تاشلايدۇ.
ئېھتىمال سىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى باش-ئايىغى يوقتەك، قايسى ئىشقا نېمىدەپ ھۆكۈم قىلىشنى بىلمىگەندەك ھېس قىلسىىز، بېشىغا ئىش كەلگەندە كىممۇ ئۇنچىۋالا تەمكىن بولالىسۇن، شۇنچىۋالا ئەتراپلىق ئويلىنالىسۇن؟ ئەمەلىيەتتە ئىش دېگەن ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئازراق تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغانلا بولساق، شۇنى بايقايمىزكى، تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرى مۇھىم ئىش ۋە مۇھىم ئەمەس ئىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ.
كۆپ ھاللاردا كىشىلىك ھاياتتىكى غايىمىز ۋە ئېتىقادىمىزنى دەپ بولسىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىزغا، نەتىجە يارتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ھەمدە شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك، ھەتتا ئۇنى دەپ ئېلىشىشىمىز ۋە جەڭ قىلىشىمىز كېرەك. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر بىرەر ئىش بولسىلا قىلنى قىرىق يارىدۇ، تالاش-تارتىش قىلىدۇ، تۇرمۇشنى تۈگىمەس ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى تالىشىش جېڭىگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ. ئۆزىمۇ كۈن بويى ئاچچىقلىنىپ، خاپىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ-دە، ھەقىقەتەن نان تېگىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمايدۇ. ئەگەر سىز تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى زىيادە زىغىرلايدىغان ئادەم بولسىڭىز، ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭ. بۇ ئىللىتىڭىزنى ئۆزگەرتمىسىڭىز بولمايدۇ. 
بىز ئادەتتە شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، بىر ئادەمنىڭ مۇئەييەن پىسخىكىلىق ھالىتى ئۇنىڭ مۇئەييەن ئادىتىنى مەنبە قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى ئاز-تولا تەكشۈرۈپ تۇرمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، خىلمۇخىل كىچىك ئىشلارنى دەپ ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمىشىغا كاشىلا بولسىڭىز، زېھنىڭىزنى ئاشۇنداق تۇتامى يوق ئىشلارغا خوراتسىڭىز، مالالچىلىق ۋە گاڭگىراشنىڭ سايىسى سىزگە ئەگىشىپلا يۈرىدۇ؛ ئەگەر سىز مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ھەممە نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە قارارلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇ ھالدا زىغىردەك سەۋەنلىكمۇ كۆڭلىڭىزدە چوڭىيىپ، ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققاندەك تۇيۇلىدۇ، ھازىر بىز ناچار ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزگە، ساغلام پىسخىكىلىق ھالەت تۇرغۇزىشىمىزغا، بىزنى قىيناپ كېلىۋاتقان خىلمۇخىل بېسىم ۋە باش قېتىنچىلىقلارنى تۈگىتىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان بىرەر چارىنى تېپىپ چىقىشقا جىددىي موھتاج. بۇمۇ دەل بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسەت.
ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك ھاياتتا ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايدىغان ئىشلار ساماندەك. چۈنكى، كىشىلەر ھەممە يەردە، ھەممە ئىشتا سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ئىرادىمىز بويىچە يول تۇتمايدۇ. تۇرمۇشتا ھەمىشە خۇشلۇقمۇ – خاپىلىقمۇ بولۇپ تۇرىدۇ، ھەمىشە دېگۈدەك بەزى كىشىلەرنىڭ پىكرى سىزنىڭ پىكرىڭىز بىلەن ئوخشاش چىقماي قالىدۇ؛ بەزى كىشىلەر سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ؛ سىز ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىلەر دائىم چىقىپ تۇرىدۇ. شەيئىلەرنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئوبىيكتىپچانلىقى دېگەن شۇ. كىشىلىك ھايات ئەنە شۇنداق مۇكەممەل بولمايدۇ، مۇكەممەل بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز بۇ قانۇنىيەتكە ماسلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، ئۆمرىڭىزنىڭ تەڭدىن تولىسى ئايىغى چىقماس «كۈرەش»لەر بىلەن بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
تۇرمىشىڭىزنى ئەركىن-ئازادە، خاتىرجەم ئۆتكۈزەي دېسىڭىز، قايسى ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىڭىز، قايسى ئىشلارنى ئانچە كۆڭۈلگە پۈكۈپ كەتمەسلىكىڭىز توغرۇلۇق ئاڭلىق يوسۇندا ھۆكۈم چىقىرىشىڭىز كېرەك. ئەگەر دەسلەپكى ئويىڭىز ھەممە نەرسىنى قۇسۇرسىز-تولۇق قىلىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل نىسبىي ئازادە تۇرمۇش يارىتىش بولغان بولسا، كۆپ ساندىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزغانلىقىنى، كۆڭلىڭىزدىكى قىلچىمۇ ئەھمىيىتى يوق بېسىمنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئويلاپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ سۆيگىنىڭىز بىلەن كىمنىڭ ھەق-كىمنىڭ ناھەقلىقىنى تالىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ خەق تېرىقتەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسىمۇ، ئۇنىڭغا يىرتقۇچلاردەك خىرس قىلىش كېتەمدۇ؟ قايسى رېستورانغا بېرىپ تاماق يېيىش ياكى قايسى كىنوخانىغا بېرىپ قايسى كىنونى كۆرۈش ئۈستىدە توختىماي تالاش-تارتىش قىلىش كېتەمدۇ؟ ئاپتوموبىلنىڭ يارماقچىلىك سىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنگە نەچچە مىڭ، نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ سوتقا ئەرز قىلىش كېتەمدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋېتىپ، قوشنىسىنىڭ ئومۇمىي ئەخلاققا ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈستىدە تەكرار-تەكرار مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ نېمە كەپتۇ؟ پىتتىن پوستۇمبا ئايرىغاندەك بۇنداق ھەق-ناھەق، يوللۇق-يولسىزلىق بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىمىز قويۇپ بەرمەي چاپلىشىۋېلىۋاتقان ئىش، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ئەگەر ئاشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئارىلىشىۋالغان بولسىڭىز، ئوبدانراق «تازلىق» قىلىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر كىچىك ئىشلارغا كاللامنى ئۇپراتمايمەن دېسىڭىز، ئۆزىڭىز قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئاقىلانىلىك بىلەن تاللىشىڭىز، بارلىق ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلارنى چۆرۈپ تاشلىشىڭىز كېرەك. تالاشمايدىغان ئادەم پاكىتنى كۆرەلەيدۇ. بىلىش كېرەككى، بۇ دۇنيادا ھەقىقىي ئۇتۇپ چىققان بىرمۇ ئادەم يوق. ئادەتتە كىشىلەر دائىم: «مۇشۇ بىر گەپنى تالىشىمەن» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي بىڭسى بار ئادەم ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ. تۇرمۇشنىڭ جەڭ قىلىش ئەمەسلىكىنى چۈشەنسىڭىز، يوقىلاڭ ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كەتمەيسىز. ئاشۇنداق تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىزلا، كۆڭلىڭىز خاتىرجەم، تۇرمۇشىڭىز ئازادە بولشنى ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى