ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنەۋۋەر شەخىسلەرنىڭ ھەركۈنى قىلىدىغان 10 تۈرلۈك ئىش-پائالىيىتى

مۇنەۋۋەر شەخىسلەرنىڭ ھەركۈنى قىلىدىغان 10 تۈرلۈك ئىش-پائالىيىتى

ۋاقتى: 2013-07-13 ئاۋاتلىقى: 374 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى ئويلىغىنىمىزدا ياكى ئۇچراتقىنىمىزدا «نېمە ئۈچۈن مەنمۇ ئۇلارداك بولالمايمەن؟» دېگەنلەرنى ئويلايمىز. بەزى ۋاقىتلاردا بىز ئۆزىمىز ئويلىغانلىرىمىزنىڭ نەقەدەر بىمەنە، ئەمەلگە ئاشماس خام خىيال ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن، بىر ئادەم چوڭ–چوڭ ئىشلارنى بىراقلا بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئەمەس، بەلكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ھالقىپ بارىدۇ، ئاخىرىدا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بەزىدە ھەتتا بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى بىرنەچچە ئىش، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىش-پائالىيىتى:
1. ئۇلار خوشاللىق بىلەن تەنقىدنى قوبۇل قىلىدۇ
سىز خوجايىن بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ھەممىنى توغرا قىىلىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىلىمشۇناسلار ئەقلىي ئاقىلانىلىك بىلەن سىزنىڭ ئويىڭىزنى ياكى قارارىڭىزنى قوللايدۇ. لوگىكىلىق تەرتىپلەر بىلەن سىزگە چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئابرويىدىن پايدىلانغانلىق ھېسابلانمايدۇ. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ تەدبىرىڭىز تەنقىدكە ئۇچرىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سىز يېڭى بىر يۈكسىلىشكە ئىگە بولىسىز.
2. ئۇلار خاتالىقىنى بوينىغا ئالىدۇ
مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ خوجايىنى ناھايىتى چوڭ خاتالىق سادىر قىلىپ قويدى، ئۇ شىركەت بىلەن بىر پائالىيەت باشقۇرۇش شىركىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قويدى. ئەسلىدە بۇنداق بىرلەشتۈرۈش ئۇنىڭ شىركىتىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى، كىىم بىلسۇن، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى ناھايىتى قايغۇلۇق بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاقلاپ تۇرمىدى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكىمۇ كىرىۋالمىدى، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قارارىنى ئالدى بىلەن كۆپچىللىكنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا سۇنۇپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالمىغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىدى. ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇش ھېچقانچىلىك قىيىن ئىش ئەمەس، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سىز باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز.
3. سېخىيلىق بىلەن مەدھىيەلەش تۈرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ
بەزى ۋاقىتلاردا سىز شۇنچە تىرىشىپ ئۆگەنسىڭىزمۇ، تىرىشىپ تىرمىشىپ خىزمىتىڭىزنى بىجاندىل ياخشى ئىشلىشىڭىزمۇ ھېچقانداق بىر نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيسىز، ھەتتا بىر ئېغىز رەخمەت دېگەن سۆزگىمۇ ئېرىشەلمەيسىز، بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتلىرىڭىز ھېلىلەم ئېسىڭىزدىدۇر؟ ئەمما سىزنىڭ تىرىشىپ ئىشلىگەن خىزمىتىڭىز باشقىلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا يولۇققان ۋاقىتتا سىز زەربىگە ئۇچرايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزگە باشقىلارنى مەدھىيەلەيدىغان پۇرسەتلەر كەلگەن ۋاقىتتا، چوقۇم ئۇ كىشىنى مەدھىيىلەڭ. بىر جۈملە ئادەتتىكى مەدھىيە سۆزىمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن كۇپايە، مەسىلان «ياخشى قىلىپسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ» دېگەنگە ئوخشاش. بۇنداق بولغاندا شۇ كىشىدە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سۆيۈنۈش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ. مەدھىيەلەشلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. سىز ياشاۋاتقان كوللېكتىپ، ئائىلىڭىزدىكىلەرمۇ سىزنىڭ شۇنداق قىلىشىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
4. ئۇلار باشقىلارغا قارىتا سەزگۈر بولىدۇ
ئويلاپ بېقىڭ، شۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  سىز باشقىلارنى مەدھىيەلەۋاتقان ۋاقىتتا قارشى تەرەپ پاراڭنى باشقا تېمىغا يۆتكىگەنمۇ؟ بەلكىم سىزنىڭ مەدھىيىڭىز ئۇنى بىئارامسىزلاندۇرغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن سىز ئاغرىنىش ھېس قىلمايسىز، توغرىمۇ؟ ئوخشاشلا، سىزمۇ مەدھىيەلەشكە ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا، ئەگەر ئوڭايسىزلىنىپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئالدىڭىزدىكى كىشىلەرگە ئىللىق تەبەسسۇمىڭىز بىلەن رەخمىتىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسى سەۋەبلىك شۇ مىنۇتلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.
5. ئۇلار باشقىلاردىن ياردەم ئىزدەيدۇ
سىز ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتۇپ ياكى باشقىلاردىن خىجىل بولۇپ ياردەم سوراشتىن ۋاز كەچمەڭ. ئەگەر سىز يولدىن ئېزىپ قالسىڭىز، دەرھال باشقىلاردىن قانداق مېڭىشنى سوراڭ. ھەممە ئادەمنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. سىز ياردەم سورىغان ۋاقتىڭىزدا، بىر ئادەم چوقۇم سىزگە ياردەم قىلىدۇ. شۇنداق بولۇپ، سىز باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ھەممىدە قابىل ئەمەسلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويالايسىز، سىز ھېس قىلالىسىڭىز، سىزمۇ بەزىدە باشقىلارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىسىز... بۇ شۇنى بىلدۈرىدىكى بىر كۈنلەردە سىزمۇ ئۇلۇغ داھىي بولالايسىز.

6. ئۇلار كەمتەرلىك بىلەن ئەپۇ سورايدۇ

بىز ھەممىمىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز، ئەمما مۇنەۋۋەر شەخىسلەر دەرھال كەچۈرۈم سوراشنى بىلىدۇ. باھانە-سەۋەب ئىزدەشكە ئۇرۇنمايدۇ. «مەن بۇنداق قىلماقچى ئەمەس ئىدىم.»، «مەن مۇشۇنداق ئادەملەرنى بەك ياقتۇرمايمەن...» دېگەندەكلەردىن يىراق تۇرۇڭ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئەگەر باشقىلار خاتا قىلغان بولسا ئۇدۇللا دېسىڭىز بولىدۇ.
7. ئۇلار ئۆگىنىشنى خوشاللىق بىلىدۇ
سىز شەيئىلەرنىڭ پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا، مۇتەخەسسىسلەردىن سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىڭ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىلىم، تەجرىبىلىرىڭىز كۆپىيىپ بارىدۇ، ئاستا-ئاستا تاكاممۇللىشىشقا قاراپ ماڭىسىز، مانا بۇ دۇنيادىكى تۈرلۈك تۈمەن تىلسىماتلارنى يېشىشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك يولى.
8. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېسىسياتىنى كونترول قىلالايدۇ
باشقىلارغا قانچىلىك ياردەم قىلالىسىڭىز شۇنچىلىك ياردەم قىلىڭ. باشقىلارغا ياردەم قىلىش دېمەككە ئاسان قىلىش قىيىن. باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مۇۋاپىق ئۇسۇلى بولىدۇ. ۋەدە بېرىشتىن قورقۇپ مۈجمەل گەپلەرنى قىلماڭ. چۈنكى باشقىلار سىزنى مۇنداقلا دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ. 
9. ئۇلار ئۆزىنى ئىپادىيەلەيدۇ
ئۇلار گەپلىرىنى ئىچىدە ساقلىمايدۇ، ئۇلار ھېس قىلغانلىرىنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىدۇ. تىرىشىپ ئىشلىمىگەنلەر بولسا ئۇلارنى تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ، ياخشى ئىشلىگەنلەرنى تەبرىكلەيدۇ. بۇنداق ئۇسۇل خىزمەتتىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.
10. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېسىسياتىنى كونترول قىلالايدۇ
بەزى ۋاقىتلاردا سۈكۈت قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ سىز باشقىلاردىن خاپا بولۇپ، غەزەپلىنىپ قالغىنىڭىزدا ياكى كۆڭۈل ئازارى تارتقان ۋاقتىڭىزدا، باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلغۇڭىز يوق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئامال يەنىلا سۈكۈت قىلىش. مۇنەۋۋەر ئادەملەر ناھايىتى سالماق كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى كونترول قىلالايدۇ. يۈز بەرگەن ئىشلارنى ياخشى ئويلاپ، ئاندىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى قارارقىلىدۇ.
سۆزلەشنىڭ ئالدىدا، باشقىلارنىڭ تەسىراتىنى ئويلاڭ، يېنىكلىك بىلەن سۆزلىمەڭ، ھەرىكەت قىلماڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى