ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتچىلەرگە رىقابەت خاراكتېرىگە ئىگە خىزمەت بېرىش

خىزمەتچىلەرگە رىقابەت خاراكتېرىگە ئىگە خىزمەت بېرىش

ۋاقتى: 2015-12-20 ئاۋاتلىقى: 514 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «شىركەتتە رىقابەت كەيپىياتى بەرپا قىلىش» بۇ يەردە!

 

 خىزمەتچىلەرگە رىقابەت  خاراكتېرىگە ئىگە خىزمەت بېرىش


خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىكروسوفتنىڭ ئالاھىدە ئۆلچىمى بار بولۇپ، بۇنى بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:1. پۇختا ئاساسى ۋە پۇختا بولغان كەسپى بىلىمى بولۇش. 2. ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇش، يېتەرلىك بولغان ئىجاد قىلىش كۈچى ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولۇش. 3. يېتەرلىك بولغان ئىلھام ۋە قىزغىنلىقى بارمۇ-يوق، خىزمەتنى قىزغىن سۆيەمدۇ ھەم ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كېتەلەمدۇ-يوق. 4. ياخشى بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھى بارمۇ-يوق. 5. كەسپىي ئەخلاقى بولۇش. يەنە قاتتىق بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ سەمىمى ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكى سىنىلىدۇ.
بۇ بەش نۇقتىدىن بىز شۇنى ئاسانلا كۆرۈۋالالايمىزكى، گايتىس خىزمەتچىلەرنىڭ شىركەتتە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ، دەل مۇشۇنداق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئادەم ئىشلىتىش شەرتىگە تايانغاچقا، مىكروسوفت يۇمشاق دېتال ئىمپېرىيىسگە ئايلىنالىدى. گايتىس:«مىكروسوفتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا، خىزمەتچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە تاينىش كېرەك» دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى. گايتىسنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارغا، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قوش يۆنىلىشلىك جەلپ قىلىش كۈچى، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى مىكروسوفت بايرىقى ئاستىغا توپلىدى.
مىكروسوفتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشىدىكى پىرىنسىپى بولسا: خىزمەتچىگە ئېھتىياجىلىق بولغان ۋاقىتتا، دەرھال ئىختىساسلىقلار بازىرىغا  بېرىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم بىر كونكرېت خىزمەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان تەييار خىزمەتچىنى تېپىشتىن ئىبارەت. خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش پىرىنسىپى بولسا:%5 نى تەربىيلەش ئارقىلىق ئۆگىتىشكە، %95 نى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە پراكتىكا قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىشكە تاينىشتىن ئىبارەت؛شىركەتنىڭ كەسپى خىزمەتچىلەردە «بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىش» ئىقتىدارى قالمىغان ۋاقىتتا شاللىۋېتىلىدۇ. ئەمما مىكروسوفتقا قوشۇلغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملار «لايىق» كەلگەنلىكى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا تولغان خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ.


كومپيۇتېر ساھەسىدىكى «خاسىيەتلىك بالا» دەپ ئاتالغان چارلىز. سىمونىينىڭ مىكروسوفتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى مىسالى بولالايدۇ. سىمونىي بىلەن گايتىسنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندىن باشقا، ئۇ  ئىككەيلەندە نۇرغۇنلىغان ئوخشاشلىق تەرەپلەر بار. 1980-يىلى، سىمونىي بىر قېتىملىق كومپيۇتېر كۆرگەزمىسىدە گايتىس ۋە ئاللىن بىلەن كۆرۈشىدۇ. پەقەت بەش مىنۇتلا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، سىموني مىكروسوفتقا  بېرىپ خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ گايتىس چىڭ تۇرۇۋاتقان كۆز-قاراشنىڭ ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ يەنە مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە سىموني مىكروسوفتقا كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خىزمەت بوشلۇقىدا ھەقىقەتەن ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى بايقايدۇ، ئۇنىڭ تاللىغان خىزمىتىمۇ ئەڭ رىقابەت  خاراكتېرىگە ئىگە خىزمەتكە ئايلىندۇ.


1981-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان مىكروسوفت شىركىتنىڭ يىللىق خۇلاسە سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىندا، سىموني ئاساسلىق پىرسوناژغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يىغىندا ئەمەلىي قوللىندىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشنىڭ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى، باشقا شىركەتلەرنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ياساشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى بىرمۇ-بىر مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق بايان قىلىپ ئۆتىدۇ ھەم تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرىستىدۇ: چوقۇم شىركەتنىڭ كۈرەش نىشانىنى ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان ئەمەلىي قوللىنىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تېخىمۇ كۆپلەپ تەتقىق قىلىپ ياساشقا مەركەزلەشتۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ كومپيۇتېرلاردا ئىشلىتىشكە ئاسانلىق يارىتىش كېرەك. سىموني باشلامچىلىق قىلغان تەتقىق قىلىپ ياساش گۇرۇپپىسى بىر خىل «كۆپ پىلان(Multiplan)» دەيدىغان يۇمشاق دېتالنى  لايىھەلەپ تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىدۇ.



مىكروسوفت تەمىنلەپ بەرگەن سەھنىدە سىموني ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش خۇشاللىقىغا ئېرىشىدۇ. مىكروسوفتقا كىرىشتىن ئىلگىرى، سىموني خىزمەت قىلىۋاتقان كومپيۇتېر تەتقىقات مەركىزى بىلەن سىتەنفورد   ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ بىر خىل  يېڭى قورال-مائوسنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانىدى. سىموني شىروكىس(XEROX) شىركىتنىڭ ئالتو(Alto) كومپيۇتېرىغا ئىشلىتىلىدىغان يېزىق بىرتەرەپ قىلىش پروگراممىسنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ تۇنجى مائوس ئىشلىتىلگەن يۇمشاق دېتال ھېسابلىناتتى.


ئەمەلىي قوللىنىدىغان يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى غەلبىسى ئۇنىڭىغا ئەمەلىي قوللىندىغان يۇمشاق دېتاللار بازىرىنىڭ غايەت زور بازار ئىستىقبالى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭدا: «ئەمەلىي قوللىندىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ مىكروسوفتقا قوشقان تۆھپىسىنى مەشغۇلات سىستېمىسنىڭكىدىن ئاشۇرۇشۇم كېرەك» دەيدىغان بىر خىل ئارزۇنى پەيدا قىلىدۇ.


سىمونىي ئوتتۇرىغا قويغان «كۆپ پىلان يۇمشاق دېتالى(Multiplan)» مىكروسوفتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەمكارلاشقۇچىسى IBM شىركىتىنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بىلەن ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ قىزىقىشنى قوزغايدۇ. ئالما شىركىتى مىكروسوفت بىلەن IBM نىڭ ھەمكارلىقىدىن، بۇ ياش شىركەتنىڭ مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار مىكروسوفت بىلەن «ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھ»لىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدۇ.


1981-يىلى 8-ئايدا، ئالما شىركىتىنىڭ لېدىرى سېتىۋ. جوبىس شەخسەن ئۆزى بىر تۈركۈم ياراملىق خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ مىكروسوفتنى زىيارەت قىلغىلى بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئالما شىركىتى ماكىنتوش كومپيۇتېرىنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقاچقا، ئۇلار مىكروسوفت بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. سىموني جوبىس قاتارلىق كىشىلەرگە «كۆپ پىلان يۇمشاق دېتالى»نىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ ھەم كۆپ خىل قورال ئۇلىنىش ئېغىزىغا بولغان ئومۇمي قارىشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.


1982-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، مىكروسوفت شىركىتى بىلەن ئالما شىركىتى رەسمى ھالدا توختامنامە ئىمزالايدۇ. ئالما شىركىتى مىكروسوفت شىركىتىنى 3 دانە ماكىنتوش نۇسخا كومپيۇتېرى بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلىدۇ، مىكروسوفت شىركىتى بۇ 3 دانە نۇسخا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ، ئالما شىركىتىگە 3 دانە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتال، يەنى ئېلېكترونلۇق جەدۋەل پروگراممىسى، سودا خاراكتېرلىك رەسىم كۆرسىتىش پروگراممىسى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ياساپ بېرىدىغان بولىدۇ.


جوبىس ئەمەلىي قوللىنىدىغان  پروگرامما بىلەن كومپيۇتېرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مىكروسوفتقا ھەربىر پروگراممىنىڭ ھەققى ئۈچۈن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىشنى تاللىسىمۇ بولاتتى. ھەريىلى ھەربىر  پروگرامما ئۈچۈن 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇش بېكىتىلگەن بولۇپ، ياكى پروگراممىنى ئايرىم سېتىپ، ھەربىر نۇسخا  پروگرامما ئۈچۈن مىكروسوفتقا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرسىمۇ، ۋە ياكى پارچە سېتىش باھاسىنىڭ %10 نى ئېلىپ قېلىشنى تاللىسىمۇ بولاتتى. ئالما شىركىتى توختام ئىمزالىغان ۋاقىتتا ئالدىن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇشقا، مەھسۇلاتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن يەنە 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلدى.



بارلىق تەتقىق قىلىش ياساش خىزمىتى ئەڭ ئاخىرىدا مىكروسوفتقا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان سىمونىينىڭ زىممىسىگە چۈشتى، بۇ تۈرنىڭ خىرىس كۈچىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتتى، ئەمما دەل مۇشۇ خىرىسقا تولغان خىزمەت تېز سۈرئەتتە سىمونىنىڭ بارلىق كارامىتىنى نامايان قىلدۇرۇپ، ئۇنى مىكروسوفتنىڭ يادرولۇق ئەزاسىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. سىمونىي پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىندا، سىمونىينىڭ ئىشەنچىسى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى ۋە جەڭگىۋارلىقى ئومۇمەن بارلىق خىزمەتچىلەردە دېگۈدەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. گايتىس ئۇنى «مىكروسوفتنىڭ تىللا دەرىخى» دەپ ئاتىدى، بۇ قېتىمقى لېكسىيەمۇ شۇ سەۋەبتىن «مىكروسوفتنىڭ نىجاتلىق نۇتۇقى» دەپ ئاتالدى.
سىمونىينىڭ تەتقىقاتىنىڭ قانات يايدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، مىكروسوفت يالغۇز كېيىنكى كۈنلەردە «ئەمەلىي قوللىندىغان يۇمشاق دېتاللار بازىرىنىڭ زومىگىرى»دەپ ئاتالغان «ئىشخانا(Office)»تۈرىدىكى يۇمشاق دېتاللارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەمكارلىق ئارقىلىق، ئالما شىركىتىنىڭ ماكىنتوش كومپيۇتېرىدىكى گرافىكلاشتۇرۇلغان(رەسىملەشتۈرۈلگەن) مەشغۇلات  سىستېمىسىدىن تەجرىبە ئۆگىنىپ، رىقابەت  خاراكتېرلىك مەشغۇلات  سىستېمىسى-«كۆزنەك(Windows)» مەشغۇلات   سىستېمىسنى ئىشلەپچىقاردى، بۇ ئىككى چوڭ گۆھەر كېيىنكى كۈنلەردە مىكروسوفتقا ئۈزۈلدۈرمەستىن بايلىق ئەكېلىپ بېرىدىغان «ئېچىلىڭ داستىخان»غا ئايلاندى.


سىمونىيدەك مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن، مىكروسوفت شىركىتى ئىككى چوڭ كومپيۇتېر شىركىتى IBM ۋە ئالما  بىلەن تولۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتالىدى، بۇنىڭدىن مىكروسوفتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالنىڭ قانداق بولۇشىنى ئويلاپ يەتكىلى بولاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، چوڭ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقاننىڭ پايدىسى يالغۇز پۇل تېپىشلا بولماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ بازاردىكى ئوبرازىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولاتتى. ياخشى بولغان بازار ئوبرازى يەنە زور بىرتۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىدىغان بولغاچقا، بۇنى بىر ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش دېيىشكە بولاتتى. شىركەت بىردىنلا بۇنداق ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش ھالىتىگە كىرسە، خوجايىنى پۇل تېپىشقا ئانچە كۈچ سەرپ قىلىپ كەتمىسىمۇ، پۇل ئۆزلىكىدىن چۆنتەككە كىرىۋېرەتتى.


سىمونىيدەك سىرتتىن كەلگەن «ئامىرسوم بېلىق»لار مىكروسوفت شىركىتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋەتتى. ئەلۋەتتە، بۇلارغا ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن «ئامىرسوم بېلىق»لارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىش ھەم ئۇلارغا خىرىسقا تولغان خىزمەتلەرنى يېتەرلىك بېرىش، ھەمىشە يەنە بەزى ئاۋارچىلىقلارنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەمىشە ئۆزلىرىنى ئۈستۈن چاغلايدۇ ھەم شىركەت مۇھىتى بىلەنمۇ دېگەندەك تونۇش ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار تەشكىل بىلەن ناھايىتى ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.


گايتىسنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى-ئۇلارغا يېتەرلىك تەرەققىي قىلىش بوشلۇقى بېرىش، بۇ «ئامىرسوم بېلىق»لارغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئىگە بولغان يېتەرلىك بوشلۇقتا ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان، تېخىمۇ ھاياجان بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىدىغان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى تولۇق نامايان قىلدۇرۇشتۇر، ئەگەر بۇ «ئامىرسوم بېلىق»لارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى باسماقچى بولسىڭىز، نەتىجە چوقۇم ئويلىغىنىڭىزنىڭ ئەكىسچە بولۇپ چىقىدۇ.


بالمېرمۇ سىرتتىن كەلگەن «ئامىرسوم بېلىق»ى. مىكروسوفت 1981-يىلىدىن باشلاپ كۆزنەك مەشغۇلات   سىستېمىسنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق IBM نىڭ OS/2 مەشغۇلات  سىستېمىسى بىلەن بەسلىشىشىنى ئارزۇ قىلىغانىدى. ئەمما، بۇ تۈر بەكمۇ كېچكىپ كېتىپ، ئورۇندىغىلى بولماي قالىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بالمېر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەتقىق قىلىش ياساش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەتكە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئاخىرى 1985-يىلى مىكروسوفت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «كۆزنەك1. 0»نى بازارغا سالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالمېرنىڭ ئابرويى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ.



ئەينى ۋاقىتتا، مىكروسوفت «كۆزنەك» مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتىنى ئېلان قىلىپ بولغانىدى. 1985-يىلى باھار، ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتتىمۇ «كۆزنەك» مەشغۇلات  سىستېمىسى پۈتمىگەچكە، گايتىس ئىنتايىن ئاچچىقلاپ، ئەگەر «كۆزنەك» يۇمشاق دېتالى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن سېتىش پۇكىيىگە چىقىپ بولالمىسا، بالمېرنى شىركەتتىن ھەيدىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خىرىسقا تولغان بۇ خىزمەت، گويا ئورۇنداش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپىدەك بىلىنەتتى. ھەممەيلەن گايتىسنىڭ پەقەت ئاچچىقتىنلا شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ بالمېرنى كەتكۈزۈۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. نەتىجىدە بالمېرمۇ گايتىسنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، شۇ يىلى 11-ئايدا، كۆزنەك مەشغۇلات  سىستېمىسى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ جامالىنى كۆرسەتتى.
«مىكروسوفتنىڭ قارىشچە، بىر يۈرۈش قاتتىق تۈزۈم بولسا، سىز چوقۇم ناھايىتى قائىدىلىك ئادەمگە ئايلىنىسىز. بىراق سىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشىڭىز %70 گە يېتىپلا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، مىكروسوفت ھەربىر خىزمەتچىنىڭ %100 گە يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ يۇمشاق دېتال كەسپىدە ئادەمنىڭ  يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر. شۇڭا مىكروسوفتتا بىرخىل ئىلھاملاندۇرۇش مەدەنىيىتى بار. ئەگەر سىز ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا ئاران %70 قىلالىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا شىركەت سىزگە بايلىق مەنبەسىنى، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ  بېرىپ، سىزنىڭ %100 قىلىشىڭىزغا ئىلھام بېرىدۇ. »
مانا بۇ دەل مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچىلەرگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشى: شىركەتنىڭ خىزمەتچىلەرگە بەرگەن ئىش ھەققىي يېتەرلىك بولسا، بەرگەن ئالاھىدە تەمىناتمۇ يېتەرلىك بولسا، بەرگەن مۇكاپاتىمۇ يېتەرلىك بولسا، ئۇنداقتا خىزمەتچىلەر يەنە نېمىنى قوغلىشىدۇ؟ مىكروسوفتتا، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ خىرىس خاراكتېرلىك خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش، ھالقىش شەكىلىدىكى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش.


«مۇسابىقە دېگىنىمىز ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچىنى قانداق قىلىپ ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا سەپلەشنى كۆرىستىدۇ. كىم تەنھەرىكەتچىنى ئەڭ مۇۋاپىق ھالدا سەپلىيەلەيدىكەن، شۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى سودا ساھەسىگە نىسبەتەن  ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ھېچقانداق ئوخشىمايدىغان يېرى يوق». مىكروسوفتنىڭ كۈچلۈك خىرىس تۈسىگە ئىگە تۈزۈمى ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى كەڭرى سەھىنىدە خۇددىى كېپىنەككە ئوخشاش ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋازلىرى مىكروسوفت تارىخىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئۆچمەس ھېكايىلەرنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.

---------------------------------

داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ....

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى