قىسقارتىلغان خادىملارنىڭ قانداق ھوقۇقلىرى بار؟
ۋاقتى: 2015-09-08
ئاۋاتلىقى: 532 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قىسقارتىلغان خادىملارنىڭ قانداق ھوقۇقلىرى بار؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇن بويىچە ئىقتىساد سەۋەبلىك ئادەم قىسقارتقاندىن كېيىن، 6 ئاي ئىچىدە قايتىدىن ئادەم قوبۇل قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇن قىسقارتىلغان خادىملارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئالدى بىلەن قىسقارتىلغان خادىملارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشى كېرەك. شۇڭا، قىسقارتىلغان خادىملار ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم قىسقارتقاندىن كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە قايتىدىن سىرتتىن ئادەم قوبۇل قىلغاندا، ئىدارىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئالدى بىلەن ئېرىشىش ھەم ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىنىش ھوقۇقى بار.