ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەت، شىركەت يەنە شىركەت (2)

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەت، شىركەت يەنە شىركەت (2)

ۋاقتى: 2016-04-01 ئاۋاتلىقى: 393 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇ يەردە!

شوتلاندىيە ئىدىنبۇرگ  ئادام سمىز (Adam Smith ) ھەيكىلى
ئىنسانلار تۇغۇلۇشتىن سودىگەر، خۇددى ئادەم سمىز ئېيتقاندەك ئالماشتۇرۇش بەلكىم ئادەملەرنىڭ ماھىيەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تارىخى بەلكىم تىل بىلەن ئوخشاش تارىخقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. 
نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى بۇتخانا بانكىسىدىن تارتىپ قەدىمكى مىسىردىكى قۇل مەيدانىغىچە، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى جەبىر-جاپالارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەرەب سودا قوشۇنىدىن تارتىپ شىمالى ياۋروپادىكى ئالدىراش كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىغىچە، جوڭگۇ مىڭ-چىڭ سۇلالىلىرىدىكى گۈللەنگەن سودا گوروھلىرىدىن باشلاپ ياۋروپادىكى يېقىنقى زامان ھەرخىل سودا ئىتتىپاقلىرىغىچە بولۇپ دۇنيادا نۇرغۇن ھەر خىل سودا تەشكىلاتلىرى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى تارىخنىڭ قېلىن توپا-چاڭلىرى ئارىسىغا چۆكۈپ كەتتى، شىركەت بولسا يىللارنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن تەدرىجى بارلىققا كەلكەن.
 
يالى ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنىڭ پىروفېسسورى---چېن جىۋۇ
بىز ئادەتتە مۇنداق قارايمىز، 16-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 17-ئەسىرنىڭ باشلاملىرىدا، ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيەدە زامانىۋى پايچېك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرلۇشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ئەمەلىيەتتە قەدىمكى رۇم ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپادا ئاللىقاچان پەيدا بولۇشقا باشلىغان. 
بۇ ئەسەر مىلادىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ قاپارتما نەقىشى (سىن ھۆججىتىگە قارالسۇن)، 2000 دىن كۆپرەك يىللار ئىلگىركى بىر سەھەردە، بىر ماياكنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىر سودا كېمىسى ئاستا-ئاستا تراجانس (Trajan's Column) پورتىغا كىرىشكە باشلىدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا بۇ قەدىمكى بىر رۇم شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئىكەن، بۇ بەلكىم تا ھازىرغا قەدەر ئەڭ قەدىمكى شىركەت ئىزى بولۇشى مۇمكىن. 
 
رۇم ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد تارىخى پىروفېسسورى---روبېرتا مولايلى (Roberta)
قەدىمكى رۇمنىڭ سودا تەشكىلاتلىرى شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن شەخسى ھەمكارلىق تۈزۈمىدۇر، بۇ شەخسى ھەمكارلىق شەكلى شەك-شۈبھىسىزكى ئارېستوتىلنىڭ ئەخلاق، قانۇن ۋە جەمئىيەت كۆز قارىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. 
رۇم شىركەتلىرى ھەمكارلاشقۇچىلار ئورتاق مەبلەغ سالىدۇ، باشقۇرغۇچىلارنى سايلاپ تىجارەت قىلىدۇ، خىزمەتچى ئاز دېگەندىمۇ 100دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ شىركەتلەر ھەرقايسى جەھەتلەردىن كۆپ ئارقىدا، ئەمما مۇھىم بولغىنى، رۇم دەۋرىدە قۇرۇلغان قانۇنى پىرىنسىپنىڭ كەلگۈسى شىركەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولغان. 
ئامېرىكا قانۇنشۇناس— ل. ئى كىچىك بوزىر(L. E小波泽尔) :رۇم قانۇنىدا، ئادەم مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئەرز قىلىش ۋە ئەرز قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە خاسلىقنى كۆرسىتىدۇ، گەرچە ئەرز قىلىش ۋە ئەرز قىلىنىش ئانچە بەك ھوقۇققا ئوخشىمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھوقۇق ھېسابلىنىدۇ. 
#p#
رۇم بىرىنچى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتىتى پىروفېسسورى---ساندرو سچىپانى(Sandro Schipani)
ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىماسلىق خارەكتېرى، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇقىملىقى، ياكى ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ مۇقىم ۋە ئېنىقلىقى سودا پائالىيەتلىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، پۈتۈن جەمئىيەت تۇرمۇشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەنىلەرگە ئىگە. 
قانۇن ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىقلاشتۇرۇش بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن سودا ۋە بازارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئۆلىمالار شىركەتنىڭ  بارلىققا كېلىش شەرىپىنى قەدىمكى رۇملىقلارغا مەنسۇپ دەپ قارايدۇ، لېكىن رۇم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئەگىشىپ شىركەت كېمىسى بېشىدا يەلپۈنگەن يەلكەن تاشتەك قېتىۋېلىشقا باشلىدى. ھەقىقىي شىركەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەمەلىيەتتە ئادەملەر بىر قەدەر ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن بولغان.
 
ئىتالىيە گېنوئا (Genoa) دۆلەت ئارخىپخانىسى 
بۇ (سىن ھۆججىتىگە قارالسۇن) كونا ھېسابات دەپتەرلىرى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ بۇرۇنقى سودا توختاملىرى، ئۇلار گېنوئالىق بىر تىرىشچان خەت كۆچۈرگۈچى جوردانىنىڭ قولىدىن چىققان. نۇرغۇن ئىتالىيە شەھەرلىرىنىڭ ئارخىپخانىسىدا بۇنداق توختامدىن نەچچە مىڭى بار، توختامنىڭ مەزمۇنىنى تەبئىيلا ھازىرقى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار بىر خىل يېڭى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە بايلىق مۇناسىۋىتىنى باشتىن ئۆتكۈزدى، ئۇ توختام تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە مال-مۈلۈك ۋە ئەمگەك كۈچىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ. 
 
گوۋۇيۇەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى---ۋۇ جېڭلىيەن(吴敬琏)
بازار ئالماشتۇرۇش بىر خىل مۇستەقىل، ئەركىن ئالماشتۇرۇش، ئوخشىمىغان سۇبيېكتىپ ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بايلىقىنى باشقىلارنىڭكى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. 
 
چېڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنىڭ مۇدىرىسى---چىيەن يىڭيى (钱颖一)
ئەگەر مال-مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىقلاشمىسا، ئۇنىڭ توختام ئاساسى بولمايدۇ، شۇنداقلا شىركەتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. 
#p#
ئىتالىيە فلورېنس  (Florence)
ئادەمنىڭ باراۋەر بولۇشى باراۋەر توختامنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىتالىيەدە پەيدا بولغان ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ-چىقىش، ئائىلە ۋە دەرىجىلەر ھەرگىزمۇ  ئادەمنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ھېسابلانماس بولدى، ئادەمنىڭ قىممىتى ئىتراپ قىلىندى، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش رىغبەتلەندۈرۈلدى، ئەمما يالغۇز ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك. 
 
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى---جاڭ ۋېييېڭ (张维迎)
شەخسنىڭ يېڭى ئويلىرى بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل يېڭى ئوينى سودىلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلغۇزۇش ئۈچۈن ئۇ شىركەت كۈچى ئارقىلىق ئالغا سىلجىيدۇ.
 
ئىتالىيە گېنوئا-كولومبونىڭ (Colombo) ھەيكىلى
ھەممە ئورۇنلاشتۇرۇش خۇددى بىر تارىخى خارەكتېرلىك ئۆزگىرىشنى كۈتىۋاتقاندەك، ئاخىرى 15-ئەسىر ئاخىرلىشاي دېگەندە گېنوئالىق دېڭىز قاتناشچىسى (航海家) كولومبوغا يېڭى بىر دۇنيا ھەققىدە خەۋەر ئېلىپ كەلدى. يېڭى دۇنيا دېگەن نېمە؟ تۇپراق، ئادەم، بايلىق، كېيىنچە كىشىلەر ئۇنىڭ بىر چوڭ بازار ئىكەنلىكىنى بايقىدى. 
 
كەلگۈسىشۇناس---جون نەسبىت (John Naisbitt)
ئەگەر بىر قەدەم كەينىگە يانساق، پۈتۈن دۇنيانىڭ قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دۇنيا بىر ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىۋاتىدۇ، بىر دۇنيا خارەكتېرلىك ئىقتىسادى گەۋدىگە قەدەم تاشلاۋاتىدۇ. 
بازاردىنمۇ مۇھىم فليۇگېر (风向标) بولماس، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا دۇنيا شۇ ھامان بىر خىل يېڭى قىياپەتكە كىرىدۇ. چوڭ دېڭىز قاتنىشى ئېلىپ كەلگەن دەۋر ئۆزگىرىشىدە ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان قۇرغان دوستلۇق، قوشنا مۇناسىۋەتتىكى ئەنئەنىۋى سودا تەشكىلاتلىرى ئاللىقاچان يېتەرلىك ئادەم ۋە بايلىق تەمىنلىيەلمەس بولۇپ قالدى، سودا ھەمكارلىقى چوقۇم قانداشلىق ۋە يۇرتداشلىق، سالاھىيەت ۋە قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىشى كېرەك. 
 
ئەنگىلىيە لوندون
1893-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر كومىدىيە لوندوننىڭ غەربىي تەرىپىدە قويۇلۇشقا باشلىدى، بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى «ئوتوپىيە پايچېك چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، ئويۇن ئاخىرلاشقاندا پۈتۈن ئارتىسلار بىر مەيدان خور ئېيتتى، ناخشا تېمىسى مۇنداق: «7 ئادەم يىغىپ بىر شىركەت قۇرۇش» بولۇپ، ئۇلار سەھنىگە چىقىپلا ئاشكارە بايانات ئېلان قىلدى، ئۇلار قانچىلىك دەرىجىدە قەرزنى قايتۇرۇش پىلانىنى جاكارلىدى. خورنىڭ مەزمۇنى دەل ئەنگىلىيەنىڭ پايچېك چەكلىك شىركىتى ئۈچۈن ئورناتقان تۈزۈم، 7 ئادەم تىزىملىتىپ ۋە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پايچېك چەكلىك شىركەتلىرى ئاخىرى بىر تۈزۈم سۈپىتىدە قانۇن ئارقىلىق مۇقىملاشتى. 
#p#
چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى---چىيەن يىڭيى
شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى: چەكلىك مەسئۇلىيەت، مەبلەغ سېلىش ھوقۇقىنىڭ ئەركىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ۋە شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىلىك ئورنى، بۇ ئۈچ ئالاھىدىلىك شىركەتكە ئېنىقلىما بېرىشتىكى مۇھىم ئالاھىدىلىك. 
 
گوۋۇيۇەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى---ۋۇ جىڭلىيەن
ئاتالمىش ۋاكالەتچى تەشكىلات بولسا بىر قانچە ئادەم بىرلىشىپ بىر مۇستەقىل ھاياتلىققا ئىگە بىر تەشكىلات قۇرۇش، بۇرۇنقىدەك كارخانىلار يەنى ئائىلىلىك كارخانا ۋە ھەمكارلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە مال-مۈلۈكى ئاساسىغا قۇرۇلغان. 
شەخسى شىركەت ۋە ھەمكارلاشما شىركەت ھىلىھەممۇ مەۋجۇت، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. پايچېك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تارىخى خارەكتېرلىك ھالقىشى ناتونۇش ئادەملەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى مۇمكىنچىلىققا ئايلاندۇرغانلىقىدا، ئۇ  شەخسلەرنىڭ ئىقتىدارىنى يىغىپ ئۇنى ھەرقانداق بىر يەككە ئادەمنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن ئاشۇردى، ئۇ كۈرەشكە جېنىنى بېغىشلىغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى. 
 
ئەنگىلىيە ئىقتىسادشۇناس تەھرىرى---ئادرىئان ۋۇلدرىج (Adrian Wooldridge)
مېنىڭچە شىركەت دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنقىلاب خارەكتېرلىك تەشكىلاتنىڭ بىرى، نۇرغۇن پەلسەپىچى، يازغۇچى ۋە ئۆلىمالار ئىلگىرى دېگەن، پارتىيەلەر، دۆلەت، دىن قاتارلىقلار ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئەمما مېنىڭچە ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىلىرى پايچېك چەكلىك شىركىتى. 
19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا، جوڭگۇنىڭ ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە تۆت دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى شۆ فۇچىڭ(薛福成)  شىركەتنىڭ ھەيۋىسىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئۇنىڭ كۈچى ھەممە نەرسىگە يېتىدۇ. تاغ يۆتكىسىمۇ، دېڭىز تىندۇرسىمۇ، توك ۋە شامالنى كونترول قىلسىمۇ، ئوت سۇ پەيدا قىلسىمۇ بولىدۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ جاھاننى كىزىشى، پىقىرنىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئەمەس، شىركەتنىڭ ھەيۋىسىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ. 
شىركەت زادى كىشىلەرنى بۇنچە ھەيران قالدۇرغۇدەك زادى نېمە ئىش قىلدى؟

داۋامى جىددىي تەھرىرلىنىۋاتىدۇ... پات ئارىدا دىققىتىڭىزگە سۇنۇلىدۇ... دىققىتىڭىز داۋاملىق ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا بولغاي!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى