ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولامدۇ؟

تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-09-24 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەلۇم بىر كىشىنىڭ قولىدا بىر تاۋار ماركىسى بولۇپ ھازىر 3 شىركەتنىڭ ئورتاق ئىشلىتىشىگە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولغان.
سوئال:
1 . تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشكە (ھەدىيە قىلىشقا) بولامدۇ؟
2 . تاۋار ماركىسىغا 3 شىركەت ئورتاق ئىگىدارلىق قىلسا بولامدۇ؟
3 . شەخس بولسا ئۆتۈنۈپ بەرگەن (ھەدىيە قىلغان) ۋاقىتتا توختامغا ئەر-خوتۇن بىرلىكتە ئىمزا قويۇشى كېرەكمۇ؟

 جاۋاب:
1 . تاۋار ماركىسى ھوقۇقى قانۇندا تاۋار ماركىسى ئىگىسىگە بېرىلگەن رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى. ئۇ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى ۋە ئىجازەت ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاۋار ھوقۇقىنى ھەدىيە قىلىش مەسىلىسىدە نۆۋەتتە قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە يوق، لېكىن تاۋار ماركىسى ئىگىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەدىيە قىلىشنى مەنئىي قىلماسلىقى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەدىيە توختامىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تاۋار ماركىسى ئىگىسىگە ئېنىق ئېيتىپ قويۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن ھەقسىز ھەدىيە قىلىشتا چىن ئارزۇسى ۋە سەۋەبىنىڭ بار-يوقلۇقى، شەرت قوشۇمچە قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سوراش كېرەك.
2 . 2001 -يىل تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 5-ماددىسىدا: «2 دىن ئارتۇق تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا ۋە ئۇنى بىرلىكتە يۈرگۈزسە بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ.
3 . «نىكاھ قانۇنى» نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە: «ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلىدە ئىگە بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكى بولىدۇ.»، شۇڭا تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەت بولسىلا ئاندىن ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى