ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازارشۇناسلىق(marketing) ۋە بازارشۇناسلار(Marketers)

بازارشۇناسلىق(marketing) ۋە بازارشۇناسلار(Marketers)

ۋاقتى: 2014-05-16 ئاۋاتلىقى: 439 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بازار، تىجارەت، بازارشۇناسلىق ۋە بازارشۇناسلار» بۇ يەردە!

 

 (3)بازارشۇناسلىق(marketing) ۋە بازارشۇناسلار(Marketers)


يۇقىرىدا بازار ئۇقۇمى بىز بازارشۇناسلىق ئۇقۇمىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەندۇق. ئۇ بازار بىلەن ئادەملەرنىڭ پائالىيىتى. يەنى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياج ۋە ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى. ئۇ بىر خىل ئىجتىمائىي ۋە باشقۇرۇش جەريانى.
بازارشۇناسلار بولسا بازارشۇناسلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئادەم. بازارشۇناسلار سېتىۋالغۇچى ياكى ساتقۇچى بولۇشى مۇمكىن. ساتقۇچى بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەھسۇلاتىنى سېتىشقا تىرىشىپ، سېتىۋالغۇچىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ساتقۇچى بازارشۇناسلىقنى يۈرگۈزەلەيدۇ. ساتقۇچى سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ ئاكتىپلىق بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بازارشۇناسلار دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل بازارشۇناسلىق ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان بازارشۇناسلىق بولىدۇ.


بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش


بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش بولسا شەخس ياكى ئورگاننىڭ ئالماشتۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، پىلانلانغان ۋە ئىدىيە تۇرغۇزغان، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنىڭ لايىھەسى، باھا بېكىتىش، پارچە سېتىش ۋە تېزلىتىپ سېتىش جەريانى. بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش بىر جەريان، ئۇ تەھلىل قىلىش، پىلانلاش، ئىجرا قىلىش، تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئوبيېكتى ئىدىيە، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى بولسا ئالماشتۇرۇش، نىشانى بولسا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش.


بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ بازارشۇناسلىق جەريانى بولۇپ، ئېھتىياج سەۋىيەسى، ۋاقتى ۋە تۈزۈلمىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسى بولسا غىدىقلاش، يارىتىش، ماسلىشىش شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تەسىر كۆرسىتىش. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشنىڭ ماھىيىتى بولسا ئېھتىياج باشقۇرۇش.


ھەر قانداق بازاردا ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياج ئەھۋالى ساقلانغان، بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئوخشاش بولمىغان بازارشۇناسلىق ئستراتېگىيىسى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياج ئەھۋالىنى ھەل قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى