ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە خىزمەتچىگە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئېلىپ بارسا مۇلازىمەت مۇددىتى پۈتۈشسە بولامدۇ؟

ئىدارە خىزمەتچىگە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئېلىپ بارسا مۇلازىمەت مۇددىتى پۈتۈشسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-21 ئاۋاتلىقى: 538 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە خىزمەتچىگە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئېلىپ بارسا مۇلازىمەت مۇددىتى پۈتۈشسە بولامدۇ؟

 

جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خىزمەتچىگە زۆرۈر بولغان كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئېلىپ بارسا، مۇلازىمەت مۇددىتى پۈتۈشسە بولمايدۇ، يەنى كەسپىي جەھەتتىكى تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. «ئەمگەك قانۇنى»دا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن كەسپ جەھەتتىن تەربىيەلەش تۈزۈمى قۇرۇشى، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش خىراجىتى ئېلىشى ۋە ئىشلىتىشى، شۇ ئىدارىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، پىلانلىق ھالدا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. تېخنىكا ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچى، ئىشقا چۈشۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەربىيەلەشتىن ئۆتۈشى كېرەك. ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيەلىنىش ھوقۇقى بار. قانۇننىڭ مۇلازىمەت مۇددىتىنى بەلگىلىشى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئەمگەكچىنى تەربىيەلەش مۇددىئاسى ئەمگەكچىنىڭ قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى ئەمگەك بىلەن تەمىنلىشى، ئەمگەكچىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى توشماي تۇرۇپ خىزمەتتىن ئايرىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ كۈتكىنى يوققا چىقىدۇ. مۇلازىمەت مۇددىتى بەلگىلىسە، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى