ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئۆزى قوبۇل قىلغان ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشتىن بوشىتالامدۇ؟

ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئۆزى قوبۇل قىلغان ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشتىن بوشىتالامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-02-02 ئاۋاتلىقى: 471 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئۆزى قوبۇل قىلغان ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشتىن بوشىتالامدۇ؟

جاۋاب: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتە، ئەمەلىي ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى بىۋاسىتە قوغلىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئىشتىن بوشىتالمايدۇ، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتىگە قايتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، بۇ ئەمگەكچى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتىگە قايتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنىمۇ بىكار قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندىن ئەمەس، بەلكى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت، ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى بىلەن ئەۋەتىش شىركىتىنىڭ ئەمگەك توختامىنى چوقۇم بىر نۇسخا كۆپەيتىپ ئەمەلىي ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندا ئارخىپقا سېلىپ تەكشۈرۈشكە تەييارلاپ قويۇش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى بىلەن ئەۋەتىش شىركىتىنىڭ ئەمگەك توختامى تۈزگەن-تۈزمىگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئۆزىنىڭ ئەمگەكچى بىلەن ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى