ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەن ساقلىق — زور بايلىق

تەن ساقلىق — زور بايلىق

ۋاقتى: 2015-04-16 ئاۋاتلىقى: 589 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ» بۇ يەردە!

 

تەن ساقلىق — زور بايلىق

 

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم بىر دوستۇم بىلەن مۇشۇ كىتابتىكى بىر تەدبىرنىڭ تەن ساقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدىم، ئۇ تازا چۈشىنەلمىگەندەك قىلىپ: «تەن ساقلىقنىڭ ئۇششاق ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ يۈرمەسلىك بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دەپ قالدى. مەن چۈشەندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ئۇ قانائەت ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەن باشقا كىشىلەردىمۇ ئاشۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى، يۈزەكى قارىغاندا،  بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھېچقانداق باغلىنىشلىقى يوقتەك كۆرىنىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.


ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر سىز ياكى ئائىلەڭلەردىكى كىشىلەردىن بىرەرسى ئاغرىپ قالسا، مەيلى ئۇ شامالداپ قالغان بولسۇن ياكى زۇكامداپ قالغان بولسۇن، جەزملەشتۈرۈشكە بولىدىغان بىر ئىش شۇكى، پۈتۈن ئائىلىڭىزدىكىلەر شۇ كېسەل تۈپەيلى ئازاب چېكىدۇ، سىزمۇ گاڭگىراپ قالىسىز.


مىجەزىڭىز يوق بولۇپ قالغاندا، مەسئۇلىيەتنى زىممىڭىزگە ئېلىشنى ياكى ئادەتتە سىز ئامراق پائالىيەتلەردىن تازا ھۇزۇرلىنىشنى قويۇپ تۇرايلى، ھەممە ئىشىڭىز ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك تەرتىپلىك بولۇشىنىڭ ناھايىتى تەسكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىىز. ئەمەلىيەتتە سىز جىق ئارقىدا قالىسىز، بىر تالاي تېلېفونغا جاۋاب قايتۇرۇشىڭىز كېرەك. كۆڭلىڭىزدىكى ئادەم بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايسىز، ئىشكاپتىكى كىيىم – كېچەكلەرنى رەتلەش دېگەندەك ئىشلارغا تېخىمۇ چولىڭىز تەگمەيدۇ. ھەممە ئىشنى قىلىشقا ئامال بولمىغاندا، كۆڭلىڭىزدىكى بېسىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قوشۇلسىڭىز كېرەك. كەڭ قورساقلىقىڭىز ئازىيىپ كېتىدۇ، ئاسان جىدىيلىشىسىز. نېرۋا مىجەز بولۇپ قالىسىز. ئادەتتىكى چاغلاردا ئاسانلا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىشلىرىڭىز ئەمدى تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.



بۇ تەكلىپنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، سىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىڭىز تۇرمۇشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. مەن سىزنى ساغلاملىق تەلۋىسى بولۇڭ دېمەكچى ئەمەسمەن، ساغلاملىق مەسىلىسىنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىۋېلىڭ دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن. مېنىڭ تەكلىپىم، ساغلاملىق مەسىلىسگە، مەسىلەن كۈتۈنۈش ئۇسۇلى، يېمەك – ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش، ئۇخلاش ئادىتى، ھەرىكەت، ئوزۇقلۇق قاتارلىقلارغا ئاز – تولا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ دېگەندىن ئىبارەت.
مەن ھېسابلاپ كۆرۈپ باقتىم، ئەگەر بىز ئاپتوموبىلنى سۈرەت قوغلىشىپ ھەيدەپ جەرىمانە تۆلەپ قالساق، قاتناش قائىدىسىنى ساق بىر كۈن يادلايمىز. ھالبۇكى، بۇ بىر كۈندە بىز تاشيولدا خېلى ئۇزاق يول ماڭغان بولار ئىدۇق. شۇڭا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرەت قوغلىشىش ئەمەلىيەتتە ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. سىزمۇ ساغلاملىق مەسىلىىنى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، كىچىككىنە كېسەلنى دەپ تۇرمۇشتا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق تارتقاندىن، ئادەتتىكى چاغلاردا ساغلاملىق مەسىلىسىگە دىققەت قىلغان ياخشى. شۇنداق قىلغاندا، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


دەرۋەقە، بىزنىڭ بەدىنىمىزدە كۆرۈلگەن بارلىق كېسەللىكلەرنى تامامەن كونترول قىلىشقا ئامالىمىز يوق، لېكىن ياخشىلاشقا بولىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىمىز بار. مەن سىزنىڭ مۇشۇ تەدبىرنى تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم ئەپچىل چارە قىلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولغانسېرى، خىلمۇخىل ئۇششاق ئىشلارغا ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە شۇنچە پېتىپ قالمايدىغان بولغانلىقىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن بىلگۈم بار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى