«ئالما»، «سامسۇڭ» دۆلىتىمىز بازىرىنى ئىگىلىدى
ۋاقتى: 2012-08-20
ئاۋاتلىقى: 513 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مەككورت دوكلاتىدا مۇنداق دېدىلگەن: جۇڭگو بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىغا ئايلىنىپ، يەر شارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىلىش مىقدارىنىڭ %23 ىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 1 مىليارد 10 مىليون كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىسى، 151 مىليون 970 مىڭ 3G ئابۇنىچىسى بار، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى 100 مىليوندىن 300 ~ 250 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.
مەككورتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، جۇڭگو بازىرىدىكى يان تېلېفون سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى 25~ 20 مىليارد دوللار ئاساسىدا بىر ھەسسە ئاشىدىكەن. «خۇاۋېي» يان تېلېفونى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىلىش قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، غەربنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىشى ياخشى بولغان. مەككورت مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار غەربتىكى ئىستېمالچىلار بىلەن ئوخشاش ماركا ۋە ئوخشاش ئىقتىدار قوغلاشغاچقا، «ئالما» بىلەن «سامسۇڭ» ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالدى. بىز بىرىنچى پەسىلدە تۆۋەن دەرىجىدىكى ساختا يان تېلېفون بازىرىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، لېكىن بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ «ئالما» ۋە «سامسۇڭ» غا كۆرسەتكەن تەسىرى بەكمۇ چەكلىك.