ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پىسخىكا قانۇنىيىتىدىكى بۇرىدەن-ئېشەك ھادىسىسى

پىسخىكا قانۇنىيىتىدىكى بۇرىدەن-ئېشەك ھادىسىسى

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 509 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەگەر بىر ئادەم مەڭگۈ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ، قايسىسىنى ئاۋۋال قىلىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپلا يۈرسە، ئۇنداقتا ئۇ ھېچقايسىسىنى قىلالمايدۇ. 
بۇرىدەن پارىژدىكى بىر ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورى، ئۇ ئاساسلىقى ئىككى قارىمۇقارشى ھەم تەڭپۇڭ ئىتتىرىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى بىلەن داڭلىق. ئۇ ئىشلەتكەن ئەمەلىي مىسال بىر ئېشەكنىڭ ئىككى باغلام ئوخشاش مىقداردىكى چۆپنىڭ ئارىسىدا تاللاش مەسىلىسىدۇر.
 
ھېكايە مۇنداق:
فىرانسىيە پەيلاسوپى بۇرىدەن بىر ئېشەك بېقىپتۇ، ئۇ ھەر كۈنى يېقىن ئەتراپتىكى دېھقاندىن بىر دۆۋە چۆپ سېتىۋېلىپ ئېشەككە بېرىدىكەن. بىر كۈنى، چۆپ ئەكېلىدىغان دېھقان پەيلاسوپقا بولغان ھۆرمىتى سەۋەبلىك، بىر دۆۋە چۆپنى ئارتۇق ئەكېلىپ، بىر يانغا قويۇپ قويۇپتۇ. بۇ چاغدا، ئېشەك ئىككى دۆۋە سان ۋە سۈپىتى ئوخشاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشەك بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش قۇرۇق چۆپنىڭ ئارىسىدا قېلىپ ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپتۇ. ئېشەك گەرچە تولۇق تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆۋە قۇرۇق چۆپنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولغاچقا، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قايسىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ئايرىيالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردەم ئوڭغا بىردەم سولغا قاراپ، زادى قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىچارە ئېشەك تۇرغان پېتى بىردەم ساننى، بىردەم سۈپەتنى ئويلىنىپ، بەكلا ئىككىلىنىپتۇ-دە، ئۇيان-بۇيان مېڭىپ، قانداق قىلىشنى بىلمەي قاراپ تۇرۇپ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ.
 

بىز تۇرمۇشتىمۇ دائىم ھەرخىل تاللاشلارغا دۇچ كېلىمىز، قانداق تاللاش ھاياتتىكى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت، پايدا-زىيان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ياخشى بولغان تاللاشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولغاچقا، دائىم تاللاشتىن ئىلگىرى پايدا-زىياننى تەكرار دەڭسەپ باقىدۇ، تەكرار ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرىدۇ، ھەتتا ئىككىلىنىدۇ، ئارىسالدى بولىدۇ. لېكىن، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، سەللا بوشاڭلىق قىلسا پۇرسەت كېتىپ قالىدۇ، كىشىلەرگە تەكرار ئويلانغىدەك ۋاقىت بېرىلمەيدۇ، كىشىلەردىن كەسكىن بولۇش، تېز قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىككىلەنسەك، ئىككىلىسىدىن قۇرۇق قېلىپ ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيمىز.

ئۇنداقتا، بۇرىدەن-ئېشەك ھادىسىسى دېگەن نېمە؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
بەزىلەر قارار چىقىرىش جەريانىدىكى بۇ خىل ئىككىلىنىپ، بىر قارارغا كېلەلمەيدىغان ھادىسىنى «بۇرىدەن-ئېشەك ھادىسىسى» دەپ ئاتايدۇ. ئىككىلىنىشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئادەم، بىرقەدەر مۇھىم ئىشلارغا يولۇققاندا، ۋاقتىدا قارار چىقىرالمىغانلىقى سەۋەبلىك ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بەزى ساپاسى، ئەخلاقى ۋە شارائىتى ناھايىتى ياخشى ئادەملەر، پەقەت ئىككىلىنىدىغان خاراكتېرى تۈپەيلىدىن، پۈتۈن ئۆمرىنى زايا قىلىۋېتىدۇ.
 
بىر ئادەم قاتتىق ئويلىنىش ئىچىدە بىردەم مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىنى، بىردەم ئۇ تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى كېرەك. ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەممە ئىشنى تەڭ قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەم ھەمىشە پايدىسىز ئۇششاق-چۈششەك ئانالىز قىلىپ، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تۇتۇۋالالمايدۇ. پۇرسەت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ،«ۋاقىت ئادەمنى ئاسانلا  تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ، گىلاس قىزىرىپ بانان سارغىيىدۇ». ئەمەلىيەتتە، ھاياتتا نۇرغۇن چاغلاردا، پەقەت ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقاندىلا ئاندىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. «گۈل ئېچىلىپ ئۈزگىلى بولغاندا ئۈزۈش كېرەك، گۈل توزۇپ كەتكەندە قۇرۇق شاخنى ئۈزۈشنى ساقلىماسلىق كېرەك» دېگەندەك، ئەگەر ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا، پۇشايمان قىلىپ قالىدۇ. 
قارارىنى بېكىتەلمەي ئەزمىلىك قىلىدىغان ئادەم ئىرادىلىك ئادەم ئەمەس. بۇ خىل خاراكتېر ئاجىزلىقى، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، بىر ئادەمنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، يەنە تېخى ئۇنىڭ پۈتكۈل روھى ۋە ئىقتىدارىغا زور زىيان سالىدۇ.
 
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا «بۇرىدەن-ئېشەك قانۇنىيىتى» دىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
 
بىرىنچىدىن، بىر قارار ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. بەزىلەر ئاللىبۇرۇن خەتەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدىغان قارار ئىنتىزامىنى تۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتىكى خەتەر ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان ھامان، ئۇنى كەسكىنلىك بىلەن ئىجرا قىلالمايدۇ. نۇرغۇن پايچىلار پايدىلىق ھالەتتە تۇرغاندا پۇلنى ئاز تېپىش ياكى جىق تېپىش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قارار چىقىرالمايدۇ، پايدىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا بولسا، گەرچە بۇرۇنلا تۈزۈپ قويغان زىياننى توختىتىش ئۆلچىمى بولسىمۇ، لېكىن دائىم ئىككىلەنگەچكە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى چۈشەپ قويىدۇ.
 
ئىككىنچىدىن، ھەمىشە ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشىشنى كۆزلىمەسلىك كېرەك. بەك يۇقىرى نىشان يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش رولىنى ئوينىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە روھى بېسىم پەيدا قىلىپ، قارار سەۋىيەسىنىڭ نورمال جارى بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ياخشى قارار سەۋىيەسى بولمىسا، ھەمىشە ئەڭ يۇقىرى پايدىنى قوغلاشقان بىلەن، ھەممە يەردە تۇمشۇقىغا يېيىشى تۇرغانلا گەپ.
 
ئاندىن قالسا، پايدىسىز مۇھىتتا ۋەزىيەتكە قارشى ئىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. پايدىسىز مۇھىت زىيان ئېلىپ كەلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر زىياننى تولدۇرۇشقا ئالدىراپ كېتىدۇ. لېكىن، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. مۇھىت ناچارلىشىپ پۇرسەت ئازلىغاندا، ئەگەر مەجبۇرىي ھالدا خەتەرلىك ۋە رادىكال قارارنى ئىشلەتسە، ياكى پىكرىنى كۆپ ئۆزگەرتىپ، مەشغۇلات قېتىم سانىنى كۆپەيتسە، قارارنىڭ ياكى مەبلەغ سېلىشنىڭ خاتالىشىش نىسبىتىنى بىكاردىن بىكارلا يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى