ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3§. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر

3§. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر

ۋاقتى: 2016-03-09 ئاۋاتلىقى: 348 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، تارقىتىۋېتىلىشى ۋە ھېساباتنى ئېنىقلاش» بۇ يەردە!

 

3§. ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر

 

1. ھەسسىدارلىق چەكللىك شىركىتى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

 

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، شىركەت قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قۇرۇلغان، بارلىق كاپىتالى تەڭ سوممىلىق پايغا بۆلۈنىدىغان، پايچىلار ئۆزلىرى قوشقان پاينى چەك قىلىپ شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقارتىپ ئېيتىقاندا، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، بارلىق كاپىتالى تەڭ سوممىلىق پايغا بۆلۈنىدىغان، پايچىلار ئۆزلىرى قوشقان پاينى چەك قىلىپ، شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان شىركەتتۇر.

 

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئاساسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

 

بىرىنچى، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىق كاپىتالى تەڭ سوممىلىق پايغا بۆلۈنىدۇ. پاي پاي چېكى شەكلىنى قوللىنىدۇ. بۇ، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم پەرقىدۇر.

 

ئىككىنچى، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پايچىلىرى بىردەك چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پايچىلار ئۆزلىرى قوشقان پاينى چەك قىلىپ، شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ چەكسىز شىركەت، ئارىلاشما شىركەت ۋە ھەسسىدارلىق ئارىلاشما شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئەڭ ئاساسلىق پەرقىدۇر.

 

ئۈچىنچى، ھەسسىدارلىق شىركتىنىڭ پايچىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئادەم سانىنىڭ چەكلىمىسى بولىدۇ، لېكىن ئەڭ كۆپ ئادەم سانىنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ.

تۆتىنچى، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى تەرتىپى مۇرەككەپرەك بولىدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى