ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشتىكى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ خىزمەت

كارخانا ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشتىكى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ خىزمەت

ۋاقتى: 2016-07-02 ئاۋاتلىقى: 443 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشتىكى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ خىزمەت
 
ھەر يىلى ئۈچ-تۆتىنچى ئايلار بولسا خىزمەتچى ئىستىپا بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى پەسىل، شۇنداقلا كارخانا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىراش پەسىل. ئەلۋەتتە، ئىستىپا بەرگەنلەر ياخشى كارخانا تاپماق تەس دەپ ئاغرىنىدۇ، كارخانا بولسا ئەمەلىي كۈچى بارلار بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى دەپ ھەسرەت چېكىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا كارخانا ئادەم كۈچى بابلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ھازىر كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ تۈرلۈك خىزمەت بار بولۇپ:
بىرىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىستراتېگىيە پىلان باشقۇرۇش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەش
ھەر قانداق كارخانا بولۇپمۇ گۇرۇھ شەكلىدىكى كارخانىدا كەلگۈسى تەرەققىياتقا ماس كەلگۈدەك ئادەم بايلىق ئىستراتېگىيەسى كەمچىل بولغاندا، ئاخىرىدا چوقۇم كارخانا تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇ مەسىلىگە قىل سىغمايدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ئېچىش ۋە تەرتىپكە سېلىش بولسا بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەت. كارخانا چوقۇم ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، ئادەم كۈچى بايلىق ئېچىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، كارخانا خىزمەت ھەرىكىتىنى ئاساس قىلغان يادرولۇق قىممەت قاراشقا ئىگە بولغان ئادەم كۈچى بايلىق سۈپەت ئەندىزىسىنى يارىتىش كېرەك.
#p#
ئادەم كۈچى بايلىق بۆلۈمى بىر باشقۇرۇش بۆلۈمى بولماستىن بەلكى بىر قىممەت يارىتىش ئىجاد قىلىش ئورنى بولۇشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى كارخانىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە تۇتۇپ قېلىش، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق تەشكىل خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىممىتىنىڭ ئاساسى كارخانىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى چۈشىنىش ۋە پۈتكۈل ئىستراتېگىيەسى بىلىشىچە بولىدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا سۆزلىگەندە، ھازىر كارخانا ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش خادىمى HR ئۆزىدىكى ئاجىزلىق ۋە ئومۇمىي قاراش (بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم سۆزلەپ ئۆتىمىز). ئۇلاردا بۇ تەرەپتىكى كارخانا پىكىر ئورتاقلىقىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كارخانا يۇقىرى قاتلام خادىمى چوقۇم ئادەم كۈچى بۆلۈمنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇشۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
 
ئىككىنچى، خىزمەت ئورنى تەھلىل قىلىش خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
خىزمەت تەھلىل قىلىش بولسا ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى پىلانى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشلىتىش، خىزمەت باھالاش، ئۈنۈم باھالاش ۋە تەربىيەلەش ئېچىش قاتارلىق ھالقىنىڭ ھەممىسىدە مۇھىم بولغان تىرەك رولىنى ئوينايدۇ، ھالبۇكى خىزمەت تەھىلىل قىلىش ھەر خىل ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش ھالقىسىنىڭ لوگىكىلىق باشلىنىشى، بىز ھازىر ئەمەلىيەتتە دائىم خىزمەت تەھلىل قىلىشتا سەل قاراپ، ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەتنىڭ بىردەكلىكى ۋە بىر پۈتۈنلىگىنى يوقىتىپ قويىمىز.
خىزمەت تەھلىل قىلىش بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھازىرقى ئەھۋالنى توپلاش ۋە تۈرگە ئايرىش، خىزمەت ئورۇن مەسئۇلىيىتىنى تەھلىل قىلىش، خىزمەت ئورۇن خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ خىل بۆلەككە كۈچ چىقىرىش كېرەك:
1. خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىپ ھازىرقى ئەھۋالىنى توپلاش ۋە تۈرگە ئايرىپ شۇنىڭغا ماس بولغان ئەھۋال تەكشۈرۈش جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىش.
2. خىزمەت ئورۇن مەسئۇلىيەت تەكشۈرۈش تەھلىل قىلىش بۆلىكىگە ماس بولغان ئىشلەپچىقىرىش «خىزمەت مەسئۇلىيەت ئەھۋال تەكشۈرۈش جەدۋىلى» تۈزۈپ چىقىش.
#p#
3. خىزمەت ئورۇن خىزمەت مىقدارى تەكشۈرۈش بۆلىكىگە ماس بولغان «خىزمەت مىقدارى تەكشۈرۈش جەدۋىلى»، «شۇ ۋاقىتتا تەكشۈرۈش خاتىرە جەدۋىلى» ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 5W1H تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ECRS تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، خىزمەتچى تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ساقلاش خىزمىتى
خىزمەتچى خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، قاراتمىلىق تەربىيەلەش پائالىيىتى ئارقىلىق، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئاچقىلى، خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ يەنە تەشكىللىك ھەر خىل شەكىلدىكى تەقلىدىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىقتىدارنى ئاچقىلى ۋە كادىرلار باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. كەسكىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغانلار بۆلۈم ئىچىدە خىزمەت ئورنى ئىزدەيدۇ، تەربىيەلەش ئارقىلىق يەنىلا خىزمەتكە ماسلاشمىغاندا، ئىشتىن بوشىتىلىدۇ. تەربىيەلەش ئورنى بولسا ئورگاننىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ ئاساسى.
مۇھىم خىز مەت ئورنىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كارخانا ئىشقا ماس كەلمىگەنلەر تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىسا بولمايدۇ، كارخانا چوقۇم تەرەققىياتى ئۇزۇن بولغان تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئاساس قىلىپ، كارخانا داۋاملىق خىزمەت ئورنىدا تۇرۇش پىلانىنى لايىھەلەپ چىقىشى كېرەك. كارخانا ئىچكى بازار قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ يۆنىلىشلىك كەسپىي خادىم ئىستراتېگىيەسى ۋە باشقۇرۇش، مۇھىم خىزمەت ئورنىدا داۋاملىق تۇرۇپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.
Tags: #p# 5W1H ECRS 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى