ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش

ۋاقتى: 2016-06-03 ئاۋاتلىقى: 481 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدە قىسقىچە بايان

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى باسقۇچ(بەزىدە كەڭ مەنىدە "ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش" بىلەن تەڭ ئىشلىتىلىدۇ)، يەنى بەزى كادىرلار ئىشلىرى تەرەپتىكى پىلان، گۇرۇپپا، باشچىلىق قىلىش، تەڭشەش، ئۇچۇر ۋە تىزگىنلەش قاتارلىق بىر قاتار باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئىلمىي ئۇسۇل، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش پرىنسىپى ۋە مۇۋاپىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئارقىلىق، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ئىش، ئادەم بىلەن تەشكىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەدەن ساپاسى، پسىخىك ۋە ئەقلىي جەھەتتىكى كۈچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداقلا قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بولسا "مۇرەككەپ ئادەم" پەرىزى ئاستىدا، ئوخشاش بولمىغان مۇھىت، ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجنى پەرەز قىلىپ، مۇشۇ ئېھتىياجغا ئاساسەن رىغبەتلەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش بولسا بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان "قىممەت ئادەم" پەرىزى، ئۇ ئەنئەنىۋىي بولغان ماسىلو ئېھتىياج قاتلىمىنى بۆسۈپ تاشلىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يۇقىرى ئۆرلەش، تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى بولىدۇ، يەنى فىزىئولوگىيەلىك، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ھۆرمەتلىنىش قاتارلىقلار تېخى تولۇق قاندۇرۇلمىغان، ئالىي مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان، كىشىلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان، بىلىم ئىگىلىكى يېتىپ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، بولۇپمۇ ئاشۇ ئالىي ئىختىساس ئىگىلىرى توپلاشقان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىش سىرتقى مۇھىت شارائىتى ئوخشاش بولغان شارائىتتىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولغان پەرققە ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىش ئارزۇسى بەك كۈچلۈك بولغان ئادەم شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ خىل پەرەز كارخانا ئادەم كۈچى باشقۇرۇش نىشانىنى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قويۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆز قىممىتىنى يارىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، كارخانىنىڭ ئادەمگە بولغان قارىشى پەقەت بىرخىل ئادەم كۈچى تەننەرخى بىلەن چەكلىنىپ، ئىشلەتكەندە تىجەشنى مەقسەت قىلىدۇ؛ ھالبۇكى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش بولسا ئادەمنى ئېچىشقا بولىدىغان شۇنداقلا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بايلىق دەپ قاراپ ئۇنى ئاچىدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ، تەننەرخ بولسا نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىقارمىسا بولمايدىغان بەدەل، بىراق "مەبلەغ بولسا ئېشىنچا قىممەت ئېلىپ كېلىدىغان قىممەت". بۇنداق بولغاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شەخس ۋە گۇرۇپپا ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەرەققىيات نىشانى، يەنى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ئۈستىدە بولىدۇ،كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا گەرچە تەربىيەلەش بولسىمۇ، بۇ خىل تەربىيەلەش پەقەت خىزمەتچى خادىملارغا تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ، بىراق كارخانا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل تەربىيەلەش پەقەت خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن چوقۇم چىقارمىسا بولمايدىغان بەدەل، لېكىن ئادەم كۈچى بايلىقى ئېچىش تەربىيەسىدە، تەربىيەلەشتە بولسا خىزمەتچى خادىملارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
چۈنكى كادىرلار ئىشلىرى باشقۇرۇشتا كارخانا ئادەمنى تەننەرخ دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ياللانما خادىمنىڭ ئېرىشكىنى بولسا ئۇلارنىڭ يوقاتقىنى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پەقەت بىر ئاددىي بولغان نۆل يىغىندىلىق ئويۇن،شۇڭلاشقا ئەمگەك مەبلەغ مۇناسىۋىتى بىرقەدەر كەمچىل، كادىرلار بۆلۈمى دائىم ئەمگەك مەبلەغ كەمچىللىكى ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇلار نائىلاج مۇلازىمەت، كاپالەت، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمگەك مەبلەغ مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇشتا ئادەم ئېچىشقا بولىدىغان شۇنداقلا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بايلىق دەپ قارىلىپ، كارخانا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھەرىكەتلەندۈرىغان، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى بىرخىل قوش غەلىبە ئويۇنىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.


گۇرۇپپا ئىچىدە، ئىلگىرىكى كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمى پەقەت كۆپلىگەن گۇرۇپپا ئىچىدىكى بىر بۆلۈم بولۇپ، ئۇنىڭ رولى پەقەت پۈتۈن خادىملارنى باشقۇرۇشنىڭ بىر قىسىمى، باشقا بۆلۈملەر، مەسىلەن مەمۇرىيەت، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار ماس بولغان خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشتا، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش بىر خىل ئىدىيە بولۇپ، كارخانا ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن، گۇرۇپپا ئىچكى قىسىمدا تەرتىپكە سېلىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشنىڭ كارخانىدىكى رولى بارغانسېرى مۇھىم بولغان. كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ئوبيېكتى بولسا كارخانا باشقۇرۇش قاتلىمى، بىراق كارخانا مەھسۇلاتىدا يەنىلا ئەمگەك كۈچىگە باشقۇرۇش ئېلىپ بارغان، بۇ ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى يوقىتىپلا قالماي يەنە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ناھايىتى قىيىن بولغان. خىزمەتچى خادىملارنى بايلىق دەپ قارايدىغان ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشىدا، بۇ خىل بايلىقنىڭ ئېچىلىشى پەقەت باشقۇرۇش قاتلىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە شەخس بىلەن كارخانا ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلغان ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇشى ئەمگەك مەبلەغ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا كېڭەيتىلگەن. كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ مەقسىتى بولسا خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنۈم ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولغان خادىملارنى مۇكاپاتلاش، ئۆستۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت ئۈنۈمى بىرقەدەر ناچار بولغان خادىملارنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، كەلگۈسىدىكى خىزمەت پىلانى ئۈچۈن ئاساس يارىتىش. بارلىق خادىملار بۇنىڭدىن پايدىغا ئېرىشىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى باھالاش بولسا خادىملار بىلەن كارخانا ئارىسىدىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بىر ۋاسىتە.

ئىلگىرىكى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمىتى پاسسىپ ھالەتتە بولغان، مەسىلەن يوقلىما قىلىش، ئىش ھەققى تارقىتىش قاتارلىقلار، مەسىلە كۆرۈلسە شۇ جايىدا ئىشنى بېسىقتۇردى، لېكىن ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش بولسا بايلىق ئېچىش، خىزمەتچىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كارخانا تەرەققىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ، گۇرۇپپا ئىچى سىرتى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە نەزەر سالىدۇ، مەسىلەن تېخنىكا ئۆزگىرىشى، خىزمەتچى پوزىتسىيەسى قاتارلىقلار، گۇرۇپپا تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن چاقىرىق خاراكتېرلىك ئېچىش ئېلىپ بارىدۇ.قىسقىسى، كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش بىر خىل ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇلارنىڭ پەرقى پەقەت شەكلىدە بولۇپلا قالماستىن بەلكى ماھىيەتتە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى