ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خۇشال بولغانلىق — ھازىرقىغا شۈكۈر قىلغانلىق

خۇشال بولغانلىق — ھازىرقىغا شۈكۈر قىلغانلىق

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 489 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بېسىمنى سەۋرچانلىق بىلەن يېنىكلىتىڭ» بۇ يەردە!

 

 خۇشال بولغانلىق — ھازىرقىغا شۈكۈر قىلغانلىق

 

ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ خۇشال بولۇشىنى كېچىكتۈرىدىغان بەزى ئىشلارنى دائىم قىلىپ تۇرىدۇ. بىز مەقسەتلىك ھالدا شۇنداق دەۋاتقىنىمىز يوق. ھالبۇكى، بىز ھەمىشە «ئاخىر بىر كۈنى خۇشال بولىمەن» دېگەن گەپكە ئىشىنىمىز.


شۇ خۇسۇستىن كەلگۈسىگە تەلپۈنىمىز، رېئاللىققا پىسەنت قىلمايمىز، ھازىرقى بارلىق نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى بىلمەيمىز، ھەمىشە ھازىرقى ئەھۋالىم بەك ئوسال، كەلگۈسىدە جەزمەن ئۆزگىرىدۇ، دەپ قارايمىز.


بىز ئۆز – ئۆزىمىزگە قەرزدىن خالاس بولساق، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ چىقساق، خىزمەت تاپساق، ئەمىلىمىز ئۆسسە خۇشال بولىمىز دەيدۇ؛ توي قىلىپ بالىلىق بولغاندا، تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشىنىمىز. كېيىن، بالىمىزنىڭ سەبىيلىكىدىن تىت – تىت بولۇپ، ئۇلار چوڭ بولغاندا ئەھۋالىم ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، چوڭ بولۇپ قالغان بالىلىرىمىزنىڭ بىغەرەزلىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەي بېشىمىز ئاغرىيدۇ. ئۇ چاغدا: «بالام، مۇشۇ دوقالدىن ئۆتۈپ كەتسە، جەزمەن خۇشال – خۇرام كۈن كەچۈرىمىز» دەيمىز.


بىز يەنە ئۆزىمىزگە، ئايالىمىز بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتكەندە تۇرمۇشىمىزنى قۇسۇرسىز، ئىللەتسىز دەيمىز؛ ئەگەر بىرەر ئاپتوموبىلىمىز بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، پېنسىيەگە چىققاندا ئۇنى ھەيدەپ سەيلە – ساياھەتكە چىقاتتۇق... دەپ ئويلايمىز.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاياتلىق ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خۇشاللىقتىن بەھرە ئېلىشقا ھازىرقىدىنمۇ ياخشى پۇرسەت يوق. ھازىر دەرھال ھەرىكەت قىلمىسىڭىز قاچانغىچە ساقلاپ تۇرىسىز؟ تۇرمۇش ھامان خىرىس بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ، بىز ئەڭ ياخشىسى بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىپ، مەيلى قانداق بولسا بولسۇن، ئۆزىمىزنى خۇشال قىلىشقا ھازىردىن باشلاپ بەل باغلىشىمىز كېرەك. خۇشاللىقنى ئىجاد قىلىشنىڭ باشقا ئۇسۇلى يوق، خۇشاللىقنىڭ ئۆزى بىر خىل ئۇسۇل. شۇڭا، ھازىرقىسىغا شۈكۈر قىلىڭ.
--------------------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى