ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-27 ئاۋاتلىقى: 895 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىز پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۇق. ئەمدى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى، كىشىلەرنىڭ پاي چېكى سېتىۋېلىپ شىركەتكە مەبلەغ قوشۇشىدىكى مەقسەت شىركەت پايدىسىغا شىرىك بولۇش ئۈچۈندۇر. بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر پەقەت مەلۇم شىركەتكە مەبلەغ سېلىش مەقسىتى بىلەن پاي چېكى سېتىۋېلىپ، بۇ پاي چېكىنى نەچچە ئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ساقلاپ، شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىراق بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. چوڭگونىڭ پاي چېكى تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان يېڭىچە بىر بازار بولغاچقا، پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىمۇ تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلگىنى يوق. شۇ سەۋەبتىن، پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكلارغا بىر قەدەر يۇقىرى، بىر قەدەر مۇقىم پايدا ئەكېلىش ئىقتىدارى تېخى تۆۋەن. ئەگەر سىز مەلۇم شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سىزگە يۇقىرى پايدا بېرىشىنى ساقلىسىڭىز، بەلكىم چىچىڭىزغا ئاق كىرىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

كۆپ ھاللاردا پايدا بېرىلگەن شىركەتلەرنىڭ (يىللاپ پايدا ئۆزلەشتۈرەلمەيدىغان شىركەتلەر تېخى بۇنىڭ سىرتىدا) سىزگە بېرەلەيدىغان پايدىسى بانكىنىڭ بىر يىللىق ئامانەت قويۇش ئۆسۈمىگىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنى ئاز دەپ شىركەت پاي چېكىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ قالسا، ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىڭىز پايدا ئەمەس، زىيان بولۇپ چىقىشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن. دۆلىتىمىز پاي چېكى بازىرى غەرب ئەللىرىدىكى پاي چېكى بازارلىرىدەك پىشىپ يېتىلگەن، قانۇن-تۈزۈملەر بىرقەدەر مۇككەممەللەشكەن بازار ئەمەس. بازاردىكى «كۆپۈك»لەرمۇ بىر قەدەر قويۇق، «كۆپۈكلەرنى سىقىپ چىقىرىپ، پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پاي چېكى بازىرىنى ھەققىي مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە بىر بازار قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، دۆلىتىمىز پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى سېتىۋالغۇچىلارنى مەلۇم شىركەتكە ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ قوشۇپ ئۇلارنىڭ شېرىكى بولۇش مۇددىئاسى بىلەن ئەمەس، پاي چېكى بازىرىدىكى «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش» مەقسىتى بىلەن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ. بىز بۇ خىلىدىكى پاي چېكى ئېلىپ-سېتىشنى «پاي چېكى ئويناش» دەپ ئاتىساق بىر قەدەر مۇۋاپىق. بۇ يەردىكى «پاي چېكى ئويناش»، پاي چېكى بازىرىدىكى «مەبلەغ سېلىش»تىن پەرقلىنىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ پەقەت پاي چېكى بازىرىدىكى پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈشى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ پايدا تېپىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل پاي چېكى ئويناش ھەرىكىتى قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭ شىركەتنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن ھېچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇنداق ھەرىكەتنى «شىركەتكە مەبلەغ سېلىش» دېگىلىمۇ بولمايدۇ.

ئۇنداق بولسا يەنە نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر پاي چېكى بازىرىغا شۇنچە قىزىقىدۇ ۋە بەس-بەس بىلەن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟
#p#
جۇڭگو پاي چېكى بازىرى يېڭى گۈللنىۋاتقان بىر بازار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆلىمى كىچىك، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر تېخى مۇكەممەل ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن، مەبلەغ كۈچى زور مەلۇم ئاپپارات ياكى شەخىسلەر بازارنىڭ بۇ يېتەرسىز تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم شىركەتنىڭ پاي چېكىنى كونترول قىلىپ، قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ باھاسىنى نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئەگەر سىز پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سالسىڭىز، تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ قالسا نەچچە ئايدىلا يۇقىرى نىسبەتتە پايدىغا ئىرىشىشىڭىز مۇمكىن دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بانكا ئۆسۈمى تۆۋەن، باشقا سودىلارنىڭ پايدىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئەھۋالدا، پاي چېكى بازىرىنىڭ «قىسقا مۇددەت ئىچىدە» بۇنداق «يۇقىرى» قىممەت يارىتالايدىغان «سېھرىي كۈچى» مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
مەملىكىتىمىز پاي چېكى بازىرىدا بۇنداق «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش» تەك پۇرسەتپەرەسلىك ھەرىكەتلەر بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا، كەڭ ئۇششاق پايچىلارنىڭ بازارنىڭ قىسقا مۇدەتلىك ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، پايدا تاپالىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن جوڭگو پاي چېكى بازىرىنى «مەبلەغ سېلىش قىممىتى يوق، پەقەت پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، قىسقا مۇددەتلىك پايدىغا ئېرىشىش قىممىتىلا بار» دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىز بازارنى ھەققىي ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بۇ بازارنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنداق دېيىشتىكى سەۋەب شۇكى:
بىرىنچىدىن، مەملىكىتىمىز پاي چېكى بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالى بۇ بازارنىڭ چوقۇم پىشىپ يېتىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. غەرب ئەللىرىدىكى پاي چېكى بازىرى «دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ھەققىي ئەينىكى». ئۇلارنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ بۈگۈنكى، دەل بىزنىڭ پاي چېكى بازىرىمىزنىڭ ئەتىسى. شۇڭا پاي چېكى بازىرى تېخىمۇ زورىيىدۇ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، بۇ تەرەققىياتنىڭ تەلىپى.
ئىككىنچىدىن، مەملىكىتىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر يىلىدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يەنىلا يۇقىرى سۈرئەتتە راۋاجلىنىشى پۈتۇن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. دۆلىتىمىزنىڭ WTO (دۇنيا سودا تەشكىلاتى)غا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچ ئېشىش نىسبىتىنى %7 ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىش تامامەن مۇمكىن. دۆلەت ئىقتىسادىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، «ئەينەك»لىك رولىنى ئوينايدىغان پاي چېكى بازىرىمۇ چوقۇم ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ روناق تاپقۇسى.
ئۈچۈنچىدىن، پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا شېلىشى جەھەتتىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ تېخىمۇ مۇككەممەللىشىشى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇرۇنقىدەك مەلۇم شىركەتكە ئەمەس، بەلكى مەلۇم پاي چېكىگە «مەبلەغ سېلىش» تەك بىنورمال ھەرىكەتلەر تەدرىجىي ئازىلاپ، پاي چېكى بازىرى بىر تۈركۈم ناچار شىركەتلەرنى بازاردىن «قوغلاپ» چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پاي چېكىنى بازارغا سالغان پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى پايچىكلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلپ، ئۆزلىرىنىڭ پايدا ئېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بازاردىكى شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ئۆسۈپ، ھەقىقىي مەنىدىكى «شىركەتكە مەبلەغ سالىدىغان شېرىك» لەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىز پاي چېكى بازىرىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى ۋە ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى