ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر مەجبۇرىيىتى

ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر مەجبۇرىيىتى

ۋاقتى: 2015-10-21 ئاۋاتلىقى: 416 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى» بۇ يەردە!

 

2. ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر مەجبۇرىيىتى


1. مەھسۇلات سۈپىتى مەجبۇرىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە


مەھسۇلات سۈپىتى مەجبۇرىيىتى-مەھسۇلات سۈپىتى قانۇن مۇناسىۋىتىنىڭ سۇبيېكتنىڭ، بەلگىلىك سۈپەت ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى بەلگىلىك سۈپەت ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەت-ئېھتىياجىنى  قاندۇرۇش جەھەتتىكى جاۋابكارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە ئېيتىلغان مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇن مۇناسىۋىتىنىڭ سۇبيېكتى-ئاساسلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنى كۆرستىدۇ. بۇ يەردە ئېيتلغان ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ جاۋابكارلىقى كىشىلەرنىڭ بەلگىلىك سۈپەت ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى بەلگىلىك سۈپەت ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق جاۋابكارلىقىدىن ئىبارەت. ئالدىنقىسى ئاكتىپ مەجبۇرىيەتنى، مەسىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ئۇيغۇن كېلىشى زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ كېيىنكىسى پاسسىپ مەجبۇرىيەتنى، مەسىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى جەھەتتە سادىر قىلىشقا بولمايدىغان ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.


2. مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى


«مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»نىڭ 14-ماددىسىدا: «ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمىدە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى تەلەپ قىلىنغان.


ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالدى بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە خاراكتېرى بەلگىلىگەن. ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە پەن –تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ رولى كۈنسايىن مۇكەممەللىشىپ، قۇرۇلمىسى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشمەكتە. ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئالاھىدە ئورنىنىڭ ساتقۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارغا قارىغاندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقى-ئۇلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتىك قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى قىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.



ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى يەنە ئۇلارنىڭ خېرىدارلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ پۈتۈشكەن ياكى يوشۇرۇن تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بارىدىغان ماددىي، مەدەنىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى، يېڭى مەھسۇلات تۈرلىرىنى كۆپەيتىشى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئەمما رېئالئىقتىسادىي تۇرمۇشتا، ئاز ساندىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىر تەرەپلىمە ھالدا مەھسۇلات مىقدارىنى، پايدىنى قوغلىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشماي، مەھسۇلاتنى قول ئۇچىدىلا ئىشلەيدۇ، ئايرىم ساندىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ساختىپەزلىك قىلىپ، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە غايەت زور زىيانلارنى يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرتىپكىمۇ زىيان سالدى. بۇ، سوتىسيالىستىك بازار ئىگىلىكى يېڭى تۈزۈلمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئىنتايىن پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، جەزمەن مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بەلگىلەش كېرەك.
---------------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى