ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر

ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر

ۋاقتى: 2013-10-26 ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قوللىنىشقا تىگىشلىك تەدبىرلەر توغرىسىدا

نۇرىيە ئابدۇراخمان

  
بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇبيېكتىدىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك تەركىبىي قىسىم بولۇپ، تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان ئاكتىپ روللارنى ئوينىماقتا. شۇڭا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قانداق قىلغاندا ئىلگىرى سۈرگىلى، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئېلىمىز ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تېما ھېسابلىنىدۇ.
1. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر
ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق توسالغۇغا ئايلانماقتا.
  يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا:
1) ئۆز ئالدىغا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت تېخنىكىنى ئۆز ئالدىغا ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خېيىم-خەتىرى زور بولۇۋاتىدۇ.  كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى كەمچىل بولماقتا. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئاساسلىقى سىرتتىن تېخنىكا كىرگۈزۈشكە تايىنىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكا كېلىش مەنبەسىدە دۆلەت ئىچىدىكى تەييار تېخنىكىنى كىرگۈزۈشى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەتتا بەزىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش كەسىپلەر بىلەن بەسلىشىش، ئوخشىتىپ ياساش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تېخنىكا كىرگۈزگەندىن كېيىن، تېخنىكىنى ناھايىتى ئاز ئۆزگەرتىدۇ، تېخنىكا كىرگۈزگەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.
2) يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولماقتا. ئادەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى ئەڭ جانلىق ئامىل بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئاساسلىق توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى. ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىدىكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائارىپتىن تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆزلەش، خېيىم-خەتەردىن زىيادە قورقۇش ئىدىيەسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولماقتا. پەن-تېخنىكا كۈچىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ 3/2 قىسىمدىن كۆپرەك پەن-تېخنىكىنى ئېچىش كۈچلىرى كارخانىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، قالغان قىسىملىرىمۇ ئاساسەن چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىغا مەركەزلەشكەن. كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەممىسىدە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت مېخانىزمى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش كۈچىمۇ چوڭ كارخانىلارغا يەتمەيۋاتىدۇ. ھازىر بار بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ناھايىتى ئېغىر بولماقتا. كارخانىدىكى كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئېچىپ يېڭىلىق يارىتالماسلىق، بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماسلىق، ئىگىلىك باشقۇرۇشتا دائىم قىيىنچىلىققا يولۇقۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرالماسلىق، كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ماكانى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

#p#

3) يېڭىلىق يارىتىشقا كېرەكلىك مەبلەغ كەمچىل بولماقتا. ئېلىمىزدە دۆلەت ئاساس قىلىنغان تېخنىكا ئېچىش سېلىنما تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. R&D  خىراجىتى ئاساسلىقى مەخسۇس تېخنىكىنى تەتقىق قېلىپ ئاچىدىغان پەن تەتقىقات ئورگانلىرىغا سېلىنماقتا. كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ R&D خىراجىتىنى ئاساسلىقى ئۆزلىرى چىقارماقتا ياكى بانكىدىن قەرز ئالماقتا. تاشقى جەھەتتىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، كارخانىلار كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللانماقتا: بىرى، بانكىدىن قەرز ئېلىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرمەكتە؛ يەنە بىرى، پاي چېكى، زايوم تارقىتىش ئارقىلىق بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرمەكتە. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا كۆلىمى كىچىك بولۇش، مەبلەغ ئىناۋىتى ناچار بولۇش، رەنىگە قويۇش تەس بولۇشتەك ئاجىزلىقلار بولغاچقا، ئاساسەن دېگۈدەك ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. لېكىن، بانكا كېرىدىت خېيىم-خەتىرىنى ئازايتىش، كېرىدىت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى كۆزلەپ، ئۇلارغا قەرز پۇلىنى كۆپ بەرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. بۇ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بانكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلمەسلىك، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سالىدىغان مەبلەغ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
4) يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس. ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئېلىمىزدە شىركەت قانۇنى، يېزا-بازار كارخانىلار قانۇنى، ھەمكارلاشقان كارخانا قانۇنى، شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كارخانا قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملار يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار  قانۇن ئارقىلىق قوغداش سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس. قانۇن تۇرغۇزۇش جەھەتتە، ئېلىمىزدە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار قانۇن تۈزۈپ چىقىلمىدى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار مەخسۇس قانۇن تېخىمۇ تۈزۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار قانۇن ئارقىلىق تەڭشەيدىغان بەزى ساھەلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، تەۋەككۈل سېلىنمىسى، ئاساسىي تەتقىقات، پەن-تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تايىنىدىغان قانۇن يوق. تۇرغۇزۇلغان قانۇنلار مەمۇرىي قانۇن-نىزاملار، تۈزۈم-بەلگىلىمىلەر، ھەتتا سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇزى كۈچلۈك ئەمەس،  چەكلەش كۈچى ئاجىز بولماقتا. بۇ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكىدىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ھەمدە دۆلەت تۈزگەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىنماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.
5) يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كۆلىمى كىچىك بولغاچقا، ئۇنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تاشقى مۇھىت ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىغا تايىنىۋېلىش بىر قەدەر كۈچلۈك بولماقتا. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تاشقى مۇھىتىغا بېرىلگەن باھاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەسكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ رازى بولمىغىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا باج سىياسىتى ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر ئىكەن. ۋاسىتىچى مۇلازىمەتلەرگە بېرىلگەن باھادىمۇ ئومۇميۈزلۈك رازى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش سىستېمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارقاق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغانلىقتىن، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار كۆپىنچە ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەپ، يالغۇز ھەرىكەت قىلغانلىقتىن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.

يۇقىرىدا، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق، ئۇنداقتا، كارخانىچىلار تەرەققىيات جەريانىدا يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز، قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
2. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوللىنىشقا تىگىشلىك تەدبىرلەر
1) تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاز بولۇش، مەھسۇلات تۈرى كۆپ بولۇش، مال تاپشۇرۇش ۋاقتى قىسقا بولۇش، شۇنداقلا ھەرخىل مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق بىر قەدەر ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. شۇڭا، بازارلارنى ئىنچىكە تۈرگە ئايرىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ،  چوڭ كارخانىلار خالىمايدىغان ياكى يىتىشەلمەيدىغان مەلۇم مەخسۇس بازارنى ئىزدەش، ھەتتا مەلۇم ئىش تەرتىپى، مەلۇم زاپچاسنىڭ ئورنى ۋە رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى ۋە باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كارخانا تۈزۈمى، تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى، دۆلەتنىڭ يۆلەش دائىرىسى، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى قاتارلىقلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قانۇن جەھەتتىن قوللاش، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى تۈزۈم مۇھىتى ۋە تەرەققىيات ماكانى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
2) ئاممىۋىي مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋىي مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، بازارلاشتۇرۇپ ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش شەكلىدە مۇلازىمەت قېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار نىسپىي مەركەزلەشكەن، كەسىپلەر توپى ئاساسەن شەكىللەنگەن رايونلاردا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمەت سۇپىسىنى مەركەزلىك قۇرۇپ چىقىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى لايىھەلەش، تەتقىق قېلىپ ئېچىش، تەكشۈرۈش، مەسلىھەت بېرىش، تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش، ھۆكۈمەتلەر ۋاسىتىچىلەرنى قوللاش، ۋاسىتىچىلەر كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن يېتىلدۈرۈش، يەنى تەتقىقاتقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەش، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار، ساھەلەر جەمئىيىتى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، شۇنداقلا تېخنىكا مۇلازىمىتىدىكى كارخانىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئۇچۇر، مەھسۇلاتلارنى ئېچىش، تېخنىكىنى يۆتكەش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
3) يېڭىلىق يارىتىشتا ھەمكارلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ھەممىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، بەلكى بىر ئىككى ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، زېھنىنى مەھسۇلاتلار لايىھەلەش، بازارشۇناسلىق ۋە داڭلىق ماركىغا مەركەزلەشتۈرۈشى، بىر قولدا لايىھەلەشنى، يەنە بىر قولدا بازارشۇناسلىق بىلەن داڭلىق ماركا يارىتىشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
4) توپلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرى كۆپ يىللىق تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن كارخانا توپىنى شەكىللەندۈردى. كارخانىلار توغرا يۆلىنىشلىك ياكى تىك يۆلىنىشلىك ھەمكارلىشىشنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئورتاق يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. لېكىن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كارخانا توپىنىڭ تاشقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، كارخانا توپىنى پىلانلاش ۋە ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش، سىياسەت، قانۇن ۋە مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق توپقا ئەزا كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىشىپ رىقابەتلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمى ۋە ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توپ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھالەتلىك تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى