ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(1)

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(1)

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 884 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(1)


تەمىنلەش زەنجىرنى باشقۇرۇش تەمىنلىگۈچى سودىگەر، ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇت، رايون ۋەكىلى، پارچە ساتقۇچى سودىگەر قاتارلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ خېرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداق بولغاندا تەننەرخ تۆۋەنلەپلا قالماستىن ئامباردىكى مال ئازلايدۇ، يەنە جەمئىيەتتىكى بايلىق ياخشى تەقسىملەنگەن بولىدۇ. مۇھىمى ئۇچۇر تورى ۋە تەشكىلى تور ئىشلەپ چىقىرىش ۋە سېتىشنى ئۇلايدۇ، مال ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمى ۋە مەبلەغ ئېقىمىنى مۇۋاپىقلاشتۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا مۇۋاپىق مەھسۇلاتنى، مۇۋاپىق باھادا، خېرىدارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. DELL كومپيوتېر شىركتىى تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتا ئىنتايىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە يېڭى ئۇسۇل قوللىنىپ ئۈنۈملۈك تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلغارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتىن قول سېلىشقا بولىدۇ:

 

1. خېرىدارنى مەركەز قىلىش.


مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش خېرىدارنى مەركەز قىلغان «تارتىش شەكىللىك(拉式)» تىجارەتنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە دېيىلگەن تارتىش كۈچى دەل بازار ئېھىياجى. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى خېرىدار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىش. خېرىدار قىممىتى (顾客价值) تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ يادروسى. كارخانىلار خېرىدار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەپ چىقىرىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ. ئىلگىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ياساش ھالقىلىرىدىن كېلەتتى. مەھسۇلات ئاۋۋال ئىشلەپچىقىرىلىپ ئاندىن بازارغا سېلىناتتى. بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن قانچىلىك خېرىدارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى. مۇنداق «ئىتتىرىش شەكىللىك(推式)» سىستېمىدا مال يېتىشمەسلىك ۋە ياخشى سېتىلماسلىقتەك ئىككى خىل خەتەر تەڭ مەۋجۇت ئىدى. ھازىر مەھسۇلات لايىھەلەنگەندىن باشلاپ كارخانا خېرىدارنى قاتناشتۇرۇپ مەھسۇلاتنى خېرىدار ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرىدۇ. مۇنداق «تارتىش شەكىللىك(拉式)» سىستېمىدا خېرىدار ئېھتىياجى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى خېرىداردىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: كارخانىنىڭ خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىستراتېگىيەسى شىركەتنىڭ خېرىدارنىڭ ئىنكاسى ۋە ئۈمىدىگە پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ تەلەپ يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسى بولسا كارخانىنىڭ قانداق ئۇسۇلدا خېرىدار ئېھتىياجى بىلەن مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشىنى بەلگىلەيدۇ؛ سېتىۋېلىش ئىستراتېگىيەسى قەيەردە، قانداق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى بەلگىلەيدۇ. 


 

خېرىدار مۇلازىمەت ئىستراتېگىيەسى. بىرىنچى قەدەم خېرىدار مۇلازىمەت بازىرىنى ئىنچىكە ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىنچىكە ئايرىلغان بازاردىكى خېرىدارلار كۈتىدىغان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى بېكىتىش. ئىككىنچى قەدەمدە مۇلازىمەت تەننەرخىنى ئانالىز قىلىش كېرەك، بۇ كارخانىنىڭ ھازىر بار بولغان خېرىدارلىرىنىڭ مۇلازىمەت تەننەرخ قۇرۇلمىسى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىنچىكە ئايرىلغان بازارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىگە يېتىشكە كېتىدىغان تەننەرخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى قەدەم سېتىش كىرىمىنى باشقۇرۇش، بۇ قەدەم ناھايىتى مۇھىم، لېكىن كارخانىلار دائىم ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. كارخانا ئوخشاش بولمىغان خېرىدارلارنى يېڭى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، خېرىدار بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ سېتىۋېلىشى كۆپىيىپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىش كېرەك بولامدۇ ياكى خېرىدارلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ئېشىپ كارخانىنى باھانى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلامدۇ؟ كارخانا چوقۇم خېرىدارلارغا توغرا ئىنكاس قايتۇرۇپ، پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشى كېرەك.

 

تەلەپ يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسى. كارخانا قانداق سېتىش يولى بىرىكمىسىنى قوللىنىپ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى خېرىدارغا يەتكۈزىدۇ؟ بۇ تەدبىر خېرىدار مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە بازارشۇناسلىق تەننەرخىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەلەپ پىلانلاش، يەنى كارخانىنىڭ مۆلچەرلەش ۋە ئانالىز قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىسكىلات قالدۇقى پىلانى تۈزۈش ئارقىلىق خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى، كۆپىنچە كارخانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم فونكسىيەلىرىدىن بىرى. ياخشى تەلەپ پىلانى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى غەلىبىلىك ھالدا قاندۇرۇپ، تەننەرخنى ئەڭ تۆۋەن قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.

 

سېتىۋېلىش ئىستراتېگىيەسى. ھالقىلىق تەدبىر ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ياكى سىرتتىن سېتىۋېلىش. بۇ كارخانىنىڭ  تەننەرخ قۇرۇلمىسى ۋە كارخانا ئۈستىگە ئالىدىغان ئەمگەك كۈچى، پېرېۋوت نىسبىتى، توشۇش قاتارلىق خەتەرلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قانداق پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۇنداقلا كارخانىنىڭ خېرىدارلار رازىمەنلىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى