ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتچى ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان بولامدۇ؟

خىزمەتچى ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-18 ئاۋاتلىقى: 890 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 خىزمەتچى ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان بولامدۇ؟


ئەسقەر(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 1988-يىلى مەكتەپ بىلەن تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزگەن، دەرس بەرگەن مەزگىلدە ئىزچىل ئىجتىھات بىلەن ئىشلىگەن، ھەم دائىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2007-يىل 7-ئايدا، مەكتەپنىڭ كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسى تۇيۇقسىز ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ يازما ئىستىپانامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، كۆپ قېتىم تۇتۇپ قالماقچى بولسىمۇ پايدىسى بولمىغانلىقتىن، ئىستىپا بېرىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بولمىغان ئەھۋالدا، ئەسقەر مۇئەللىم قەتئىيلىك بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلغان. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە 2009-يىل 2-ئاي بولۇپ قالغان، ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىر تىزىق قېلىن دورا ھەققى تالونىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە بېرىپ، ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ 2008-يىلى 8-ئايدا روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، روھىي كېسەل مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق ئەسقەر مۇئەللىمگە «جاھىل خاراكتېرلىك ئېلىشىپ قېلىش» دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، مەكتەپنىڭ ئەسقەر مۇئەللىم ئۈچۈن داۋالاش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بېرىشنى ھەم ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ 2008-يىل 8-ئايدىن كېيىنكى كېسەللىك مائاشىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەكتەپ مۇنداق قارىغان: ئەسقەر مۇئەللىم ئاللىبۇرۇن 2007-يىل 7-ئايدا مەكتەپكە ئىستىپانامە تاپشۇرغان، ئىككى تەرەپ بۇرۇنلا تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ ئەمگەك قانۇن مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ داۋالاش خىراجىتى ۋە كېسەل بولغان مۇددەتتىكى تەمىناتىنىمۇ مەكتەپ ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك، شۇڭا ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.


 
2009-يىلى 3-ئايدا، ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى ماجىراسى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىنىڭ تېخى بىكار قىلىنمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى، مەكتەپ تەرەپنىڭ ئەسقەر مۇئاللىمنىڭ كېسەللىك مائاشى توقسەن نەچچە مىڭ يۈەننى تۆلىشى ھەم داۋالاش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.


كېسىم نەتىجىسى:

2009-يىل 4-ئايدا، كېلىشتۈرۈش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى ماجىراسى كېسىم كومىتېتى مۇنداق ھۆكۈم قىلغان: مەكتەپ تەرەپ «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەسقەر مۇئەللىمگە تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرگەنلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلغان.


مەكتەپ قايىل بولماي، تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت قىلىپ، مەكتەپ كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ تەستىقلانغان ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ يازما ئىستىپا ئىلتىماسىنى ئىسپات ئورنىدا كۆرسىتىپ، سوت مەھكىمىسىدىن مەكتەپنىڭ ئەسقەر مۇئەللىم بىلەن بولغان تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن 2007-يىلى 7-ئايدا ئاخىرلاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى، كېسەللىك مائاشىنى تۆلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش رەسمىيىتى بىجىرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.


بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنىڭ نەتىجىسى:

2009-يىل 9-ئايدا، تەڭرىتاغ سوت مەھكىمىسى مۇنداق ھۆكۈم قىلغان: مەكتەپ تەرەپ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ 2008-يىلى 8-ئاينىڭ25-كۈنى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن كېيىنكى كېسەللىك مائاشىنى تۆلەيدۇ؛ ئەسقەر مۇئەللىم ئۈچۈن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بېرىدۇ؛ مەكتەپ تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىكار قىلىش تەرتىپىنى ئىجرا قىلمىغاچقا، مەكتەپ ئەسقەر مۇئەللىم ئىككى تەرەپنىڭ تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنمايدۇ.


 

ئىككىنچى: بۇ دېلوغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ ئەللىكىنچى ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«قانۇن بويىچە بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى، ئارخىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشى كېرەك».


ئۈچىنچى: دېلو باھالاش

بىرىنچى مەركەزلىك نۇقتا: ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئىستىپا بېرىش خېتى، نېمە ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ؟ بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ۋە قاراپ چىقىش جەريانىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئىستىپا بېرىش خېتى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بىكار بولغانلىقىنى ئىسپاتلىيالامدۇ ئىسپاتلىيالمامدۇ دېگەن مەسىلىنىڭمۇ ئىككى تەرەپ تالىشىدىغان مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى، كونكرېت تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى: ئەسقەر مۇئەللىم ئىستىپا ئىلتىماسى سۇنغاندا، روھىي ھالىتى نورمالمۇ؟

ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ 2007-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ھەرىكەتلىرىدە بىنورماللىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى، مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگنوز قويۇشى ئارقىلىق ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ 2 يىللىق يوشۇرۇن دەۋرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، شۇڭا، ئەسقەر مۇئەللىم 2007-يىلى 7-ئايدا مەكتەپكە يازما ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسى تاپشۇرغاندا، ئاللىبۇرۇن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ئادەمگە تەۋە، ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش قىلمىشى ئىناۋەتسىز. 

مەكتەپ تەرەپ مۇنداق قارايدۇ: ئەسقەر مۇئەللىم يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇپ باھالانغان، روھىي ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى نورمال بولغان تەبىئىي ئادەمگە تەۋە، ئۆزىنىڭ قىلمىشى پەيدا قىلىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىش قىلمىشى كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشى، نۆۋەتتە ئەدلىيەلىك باھالاش تېخنىكىسى مېدىتسىنا جەھەتتىن ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ كېسەل بولغان ۋاقتىنى بېكىتىشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئىككىنچى، مەكتەپنىڭ كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى، مەكتەپكە ۋەكىللىك قىلالامدۇ يوق؟ بۇ دېلوغا سوت ئېچىلغاندا، مەكتەپ مەكتەپنىڭ كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغان ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ يازما ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىپ، سوتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن 2007-يىل 7-ئايدىلا ئاخىرلاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر بولسا «پەقەت كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئىمزا قويۇپ تەستىقلىسا، مەكتەپكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتنىڭ قوللىماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر كادىرلار ئىشلىرى باشقارما باشلىقىنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشىنىڭ مەكتەپنىڭ تەستىقلىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا، مەكتەپ تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىگە، خىزمەت تەرتىپىگە، تارماقلىرىنىڭ كەسپىي مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش كېرەك دەپ قارىدى. مەكتەپنىڭ ئىسپات ئارقىلىق كادىرلار ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دەل مەكتەپكە ۋاكالەتەن كادىرلار ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە تارماق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ياكى ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقى ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ ئىستىپا بېرىشىنىڭ مۇناسىۋەتنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ياكى ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىر مۇھىم نۇقتا.

شۇڭا، بۇ دېلودا مەكتەپ تەرەپ پەقەت كادىرلار ئىشلىرى باشقارما باشلىقى ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغان ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسنامىسىنى كۆرسەتسە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن بىكار قىلىنغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىيالمايدۇ.


 ئىككىنچى مەركىزىي نۇقتا: ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشتا، چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ئىجرا قىلىش كېرەك. يۇقىرىدىكى ئانالىزدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئېنىقكى مەكتەپ «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 50-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە:« «قانۇن بويىچە بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى، ئارخىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشى كېرەك.»كە ئاساسلانمىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن بىكار قىلىش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانغا تەۋە، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى تېخى ئاخىرلاشمىغان، تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى يەنىلا داۋاملىشىدۇ. تەكلىپلىك ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى داۋاملاشقان ئىكەن، مەكتەپ قانۇن بويىچە ماس ھالدىكى ئەمگەك قانۇنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، شۇڭا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ 2008-يىلى 8-ئايدىن كېيىنكى كېسەللىك مائاشىنى تۆلىشى، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋالاش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بېرىشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىكار قىلىش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقان ئاخىرلاشمىغانلىقىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ، ئۇ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلغان ئەمگەكچىلەرگە قارىتا ئەمگەك قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ قارايدۇ. ئەمگەكچى ئاكتىپلىق بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار بىپەرۋالىق قىلسا بولمايدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار: ئاغزاكى ئىستىپا بېرىش ۋە يازما ئىستىپا بېرىش، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقا ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار يەنە ئۆزىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خىزمەت تەرتىپىگە دىققەت قىلىشى، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېنىق بېكىتىشى، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشى، رەسمىيەت بىجىرىشكە سەل قارىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇۋالچىلىق ھېس قىلماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش جەريانىدا، يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇش ئەھۋالىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىشى، ۋاقتىدا خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىك، روھىي ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، مۇۋاپىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەمگەك ماجراسىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. 

بۇنىڭدىن سىرت، مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئەمگەكچى ئاكتىپلىق بىلەن ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى توختىتىش رەسمىيىتىنى بىجىرىشىگە ماسلاشماي، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرمىسا، مۇشۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەمگەك ماجراسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشتىن قېلىش سۇغۇرتا تەمىناتى قاتارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرمىغانلىقنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچىنى «قايتۇرۇۋېلىش»نى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل ئازراق ئادالەتسىزلىكتۇر.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى