ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەكچىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ھامان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

ئەمگەكچىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ھامان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-25 ئاۋاتلىقى: 532 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەكچىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ھامان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

 

جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 38-ماددىسىدا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار زورلاش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمگەكچىلەرنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىسا، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزسە، ئەمگەكچىلەر دەرھال ئەمگەك توختمامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، ئىشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا دەپ قويۇشى بىھاجەت.

 

بۇ ماددا ئەمگەكچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەمگەكچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، قائىدىگە خىلاپ باشقۇرۇلۇش، خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققان ھەم جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ئەمگەك توختامىنى دەرھال بىكار قىلىش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

 

ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغان ئەمگەكچىلەر ئەمگەكنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئىدارىنىڭ مائاشىنى بەرمەسلىكىدىن ياكى شۇنىڭدىن كېيىن ئىشسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قانۇنلۇق، مۇۋاپىق بولغان تەلەپنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنالمايدۇ. يۇقىرىدىكى بەلگىلىمە ئەمگەكچىلەرنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى يوقىتىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىز ئاقىۋەتلىرىنى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى