ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ سەككىز تۆھپىسى

ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ سەككىز تۆھپىسى

ۋاقتى: 2013-03-30 ئاۋاتلىقى: 575 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ يىل ئاتاقلىق كارخانىچى، مائارىپچى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ساخاۋەت ئىگىسى مۇسا بايوفلارلارنىڭ غۇلجىدا تۇنجى زامانىۋى كۈن-خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى. 

1909-يىلى كۈز كۈنلىرنىڭ بىر ئەتىگىنى غۇلجا شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى چىغ، شىۋاقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئۈنۈمسىز يەرگە تالاي مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، يەتتە يىل ۋاقىت، ئۈچ يېرىم مىليون سوم سەرمايە سەرپ قىلىپ سېلىنغان «ھۈسەنباي زاۋۇتى»دىن ياڭرىغان سادا غولجا ئاسمىنىنى لەرزىگە سېلىپ، يىراق-يىراقلارغا تارقىلىپ كەتتى. بۇ خاسيەتلىك سادانىڭ لەرزىسى نەتىجىسىدە نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلاپ كەلگەن تارىم ۋادىسىنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلار چاراقلاشقا، تەڭرىتاغ ئانىنىڭ گىگانت گەۋدىسى بىلىنەر-بىلىنمەس مىدىرلاشقا، ئۈن-تىنسىز ئېقىپ كىلۋاتقان ئىلى دەرياسى دۇلقۇنلاشقا، غەبلەت ئۇيقۇسىدا پۇشۇلداپ ياتقان بۇ قەدىمىي تۇپراق ئاستا-ئاستا سىلكىنىشكە باشلىدى. بۇ ئاۋاز ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان خاسيەتلىك ئاۋاز بولدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يېڭى مائارىپ ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئارقىمۇ-ئارقا بارلىققا كەلدى. غۇلجا، قەشقەر، ئاتۇش، كۇچا، كېرىيە، قاغىلىق، تۇرپان، چۆچەك، گۇچۇڭلاردا يېڭى مەكتەپلەر قۇرۇلدى. بىر قىسىم دىننىي مەكتەپلەر پەننىي مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. تۇرپاندا پاختا زاۋۇدى يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرۇلدى.
#p#
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار بۇ زاۋۇتنى قۇرۇش ئارقىلىق تارىخمىزدا يېڭى بۇرۇلۇش ياسىدى، يېڭى تارىخ ياراتتى. ئۇلار بۇ زاۋۇتنى ھۆكۈمەتنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش پىلانىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان زاماندا رۇياپقا چىقاردى. ئۇ چاغدا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان خۇسۇسىي كارخانىلارنى يۆلەش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مالىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلارنى قۇرۇش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش دېگەندەكلەردىن ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. ئۆزىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان مۇكەممەل بولمىغان بىر جەمئىيەتتە بۇنداق بىر زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى، بۇنداق بىر يېڭى كارخانىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۆجىزە ھېسابلىناتتى. گەرچە زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە مىللىي ئىگىلىكنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشكە ئاساس سالغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ يېڭى ھادىسە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولماي قالمايتتى. مىللىي كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى، مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى تەبىئىي ھالدا مىللىي بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە، پەن-تىخنىكا خادىملىرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە، باشقۇرغۇچىلار ۋە زىيالىلار قۇشۇنىنىڭ يېتىلىشىگە سەۋەب بولاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىقتىسادنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى چۈشىندىغان، سىياسىي تەپەككۇرى يېتىلگەن، مىللىي ئېڭى ئويغانغان كىشىلەر توپى شەكىلىنەتتى. شۇڭا، ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشىنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەھمىيىتى ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ خاسيەتلىك ۋەقەنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش تامامەن زۆرۈر. بىز ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇش جەريانىنى قىسقىچە ئەسلەپ چىقىدىغان بولساق، بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى مۈمكىن. 

20-ئەسىرنىڭ باشلىرغىچە ئانا دىيارىمىز شىنجاڭ يەنىلا ئىنتايىن قالاق ھالەتتە ئىدى. بىرەر زاۋۇت، بىرەر مەكتەپ، بىرەر دوختۇرخانا، ياكى بىرەر گېزىت-ژۇرنال يوق ئىدى. كىشىلەر ئات، تۆگە، قېچىر، ئۆكۈز، ۋە ئېشەكنى قاتناش قۇرالى قىلاتتى، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ھايۋان كۈچىگە تاينىپ تاماملايتتى. قارا قىشنىڭ ئۇزاق كېچىلىرىدە سۇماي بىلەن ياندۇرۇلىدىغان قارا چىراقلارنى پىلىلدىتىپ، تۈگىمەس ھىكايە-چۆچەكنى ئېيتىپ زېرىكىشلىرنى بىسىشاتتى.
ئەكسىچە شۇ يىللاردا باشقا ئەللەر، بولۇپمۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەس-بەستە سانائەتلىشىپ كۈنسايىن تېز تەرەققىي قىلماقتا ئىدى. زاۋۇت-فابرىكىلار، ماشىنا-پاراخۇتلار، مەكتەپ دوختۇرخانىلار، گېزىت -ژۇرناللار، رادىيو-فاتىفونلار، ئېلېكتىر چىراقلار ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدا مىسلىسىز قۇلايلىقلارنى ياراتماقتا ئىدى.
#p#
شۇ يىللىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر بايلىرى تىجارەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار ئۆزگە ئەللەرنىڭ گۈللەپ-ياشناۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئېچىنىشلىق رېئاللىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى، شۇلار ئارىسىدا رۇسيەلىك سودىگەرلەر بىلەن كۆپ سودا قىلىپ «مۇسا بايوفلار» دەپ تۇنۇلغان ھۈسەنباي ۋە باۋدۇنباي ئىسىملىك ئاكا-ئۇكا سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار تولىمۇ غەيرەت-جاسارەتلىك، پەم-پاراسەتلىك، ئىنساپ-دىيانەتلىك كىشىلەر بولۇپ دادىسى مۇسا باينىڭ ياخشى تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەنىدى. مۇسا باي ئوغۇللىرىغا دائىم «پۇلنىڭ غۇجىسى بولماي، بىلىمنىڭ غۇجىسى بولۇڭلار.» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. شۇڭا، ئۇلار ئانا دىيارنىڭ ياۋرۇپادەك تەرەققىي قىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ھەمىشە بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنەتتى !
1903-يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن مۇسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يەرمەنكىگە قاتناشقىلى بارىدۇ. ئۇ يەرمەنكىدە ياۋرۇپالىق سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇ-خىل سانائەت ماللىرىغا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن ئېلىپ چىققان ئاددىي، قالاق ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن يەرلىك ماللىرىنى سېلىشتۇرۇپ مەيۈسلىنىدۇ.
يەرمەنكە تۈگىگەندە ئۇ گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت-فابرىكىلىرنى، مەكتەپ، دوختۇرخانىلىرنى كۆرىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن زاۋۇت قۇرۇپ، سانائەتنى ئىگەللەش زۆرۈرلىكىنى، سانائەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىدۇ. ئۇ گېرمانىيەدىكى «مېيۇنخېن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى»نى تەكشۈرگىلى بارغاندا، دىرېكتۇرغا مۇشۇنداق بىر زاۋۇت قۇرۇش خىيالى بارلىقىنى ئېيتىدۇ.
-قەيەردە قۇرىسىز؟-دەپ سۇرايدۇ دىرېكتۇر.
-ئىلىدا، - دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ھۈسەنباي.
دىررېكتۇر دەرھال تامغا ئېسىقلىق دۇنيا خەرىتىسگە قاراپ، بىشىنى چايقىغان ھالدا:
-ئارىلىق بەك يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈز يول يوق، زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئېغىر، ئۇلارنى پەقەت پويىز، پاراخۇت بىلەنلا يۆتكىگىلى بولىدۇ. سىلەردە يول يوق، ئېنژىنېر يوق، تېخىمۇ مۇھىمى توك يوق. ئېلېكتىر ئىستانسىسى يوق يەرگە بۇنداق چوڭ زاۋۇت قۇرۇش خام خىيال-دەيدۇ.
#p#
ھۈسەنباي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەت ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ. كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدۇ. ئاخىرى كۆن-خۇرۇم زاۋۇدى بىلەن ئاياق كىيىم زاۋۇتىنى ھەم بىر گېنېراتۇرنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ. توختام تۈزىدىغان چاغدا قارشى تەرەپ «قۇلىڭىزدا ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئالاقىسى ياكى چەت ئەلدە شىركىتىڭىز يوق ئىكەن، تۇختاملىشىشقا سالاھىيىتىڭىز تۇشمايدىكەن.» دەپ تۇختاملىشىشقا ئۇنىمايدۇ. ئاسان بەل قۇيىۋەتمەيدىغان ھۈسەنباي بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ ۋە ئامال قىلىپ ئىستانبۇل شەھىرىدىن باغداتقا بارىدىغان تۆمۈر يولنى ياساشنى ھۆدىگە ئالغان گېرمانىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ 400 مىڭ تىللالىق پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ پايچېكىلىك گۇۋانامىسىگە ئېرىشىپ تۇختام تۈزۈش سالاھىيىتىنى ھازىرلايدۇ ھەمدە 500 مىڭ تىللا پۇلنى زاۋۇت ئۈچۈن زاكالەت قويۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ.
ئۇ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىنىسى باۋدۇنباينى غۇلجىغا چاقىرتىپ: -ئىنىم سەن چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر. مەن گېرمانىيەلىكلەر بىلەن زاۋۇت سېتىۋېلىشنى تۇختاملىشىپ كەلدىم. سەن دەرھال گېرمانىيەگە بېرىپ زاۋۇتنى ئىلىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ ئامالنى قىل. رۇسىيە تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان گەپ، رۇسلارنىڭ پەيلىنى ئۆزۈڭ بىلسەن، - دەيدۇ. باۋدۇنباي تەمكىنلىك بىلەن:
-زاۋۇت قۇرۇش خەلققە پايدىسى تېگىدىغان چوڭ ئىش. زاۋۇت قۇردۇق دېگەن گەپ تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ قۇرمىساق بولمايدۇ، دېگەن گەپ. دېمەك، ھەم سانائەت بىلەن ھەم مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ يولىغا ئاتلىنىپتۇق. بۇ ئىشنىڭ جاپاسى قانچىلىك بولسا بولسۇن، بولدى، مەن ئۈستۈمگە ئالدىم. مۇشۇ ھەپتىلا يۇلغا چىقاي-دەيدۇ.
1904-يىلى قار لەپىلدەپ يېغىپ تۇرغان بىر كۈنى باۋدۇنباي «گېرمانىيە سانائەت شىركىتى»نىڭ ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ كېلىدۇ. پاينەكباش لىدىر ئويلىمىغان يەردىن:
- ئەپەندىم، قول ئاستىمىزدىكى زاۋۇتلار ئۇقۇشماي ئاكىڭىزدىن زاكالەت پۇلى ئېلىپ قويۇپتۇ. قانۇنىمىزدا «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مەنپەتىنى كۆزدە تۇتۇپ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈك سانائەتلىرىنى چەتئەللەرگە، قۇشنا دۆلەتلەرگە سېتىپ بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ياساپ بېرىشكە بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا زاكالەت پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرمىز-دەيدۇ. باۋدۇنباي چېچەنلىك بىلەن:
-گېرمانىيە قانۇنىنىڭ كۈچى كۈچلۈك، ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، بىز قانۇن بويىچە توختاملاشقان، شۇڭا قانۇن بويىچە بولسۇن. بىز گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ مەنپەتىگە ياكى بىخەتەرلىكىگە زىيان سالمايمىز. زاۋۇتنى قۇرۇش، ئىشقا كىرىشتۈرۈش تېخنىكلارنى تەربىيەلەشكە يەنىلا گېرمانىيەلىكلەرنى تەكلىپ قىلىمىز، ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق، - دەيدۇ.
#p#
ئىككى تەرەپ تەكرار سۆھبەتلىشىپ، ئاخىر باۋدۇنباينىڭ تەلپىگە قوشۇلىدۇ.
لىدىر:
زاۋۇت قۇرۇش ئىشىڭىزغا بىز قۇشۇلغان، ياردەم قىلغان بىلەن چاررۇسيە ھۆكۈمىتى زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى رۇسىيە زېمىنى ئارقىلىق توشۇشۇڭلارغا قۇشۇلماسلىقى مۇمكىن، - دەيدۇ. باۋدۇنباي :
- ئاكام گېرمانىيە تۆمۈر يولنىڭ پايچېكى، شۇڭا ئۈسكۈنىلەرنى ئومىسكى شەھىرىگە پويىزدا يەتكۈزۈپ بېرىش توغرۇلۇق ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن، ئۇلار شىركەت نامىدىن چاررۇسيە بىلەن سۆزلىشىدۇ-دەيدۇ.
«گېرمانىيە سانائەت شىركىتى» توختام بويىچە زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى 1906-يىلى پۈتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئىككى يىلغا سوزۇلغان سۆھبەت ۋە تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بىرىدۇ. چاررۇسيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۈسكۈنلەرنى ئۈچ ئاي ئىچىدە رۇسىيە زېمىنىدىن توشۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە قوشۇلىدۇ. بولمىسا مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۈسكۈنلەر پويىزلاردىن قاتمۇ-قات ئۆتۈپ 15 كۈن بولغاندا رۇسىيەنىڭ ئومىسكى شەھىرىگە يەتكۈزىلىدۇ ئەمما ھىيلىگەر چاررۇسيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى پادىشاھ ئالىيلىرى ئىمزا قويغان ياكى باش قۇماندان جاناپلىرى قۇل قويغان بۇيرۇق بولمىسا بولمايدۇ، دەپ باۋدۇنباينىڭ قۇلىدىكى «چاررۇسيە قاتناش-تىرانسپورت شىركىتىنىڭ توختامنامىسى»نى ۋە «چاررۇسىيە سانائەت كومبىناتىنىڭ رۇخسەتنامىسى»نى ئېتراپ قىلمايدۇ.
قەيسەر، ئىرادىلىك، تەدبىرلىك باۋدۇنباي رۇسىيە تەرەپنىڭ قەستىنى پەمىلەپ، دەرھال پېتېربورگقا بېرىپ چىڭ سۇلالىسى كۇنسۇلىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، 1881-يىلى ئىمزالىغان «جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى»دا بەلگىلەنگەن «جۇڭگونىڭ چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ماللىرى چار رۇسىيە زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.» دېگەن ماددىسى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىپ، رۇخسەت ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۆزلىشىش نەتىجىسىدە، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى نائىلاج ئالاھىدە رۇخسەتنامە يېزىپ بېرىدۇ.
ئۈسكۈنىلەر ئومىنىسكى شەھىرىدىن پاراخۇتقا قاچلىنىپ ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە تەرەپتىكى مۇھىم شەھىرى شەمەيگە يەتكۈزۈلىدۇ. شەمەيدىن ئىلىغا يېقىن يەركەنت (ياركەت) شەھىرىگە بارىدىغان 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە ناھايىتى ئېگىز-پەس، ئەگرى-تۇقاي بولغاچقا، قاتناش قۇلايسىز ئىدى. ئېغىر ئۈسكۈنىلەرنى باسقان چوڭ تىپتىكى ئاپتۇمۇبىللار بۇ يولدا ماڭالمايتتى. باۋدۇنباي ئېغىر ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەشكە بولىدىغان 50 نەچچە ھارۋا ياسىتىدۇ. ئۈسكۈنىلەرنى پەم بىلەن چۇۋۇپ، ھارۋىلارغا قاچىلاپ، ئىككى يۈزدەك ئات-ئۆكۈزنى ھارۋىغا قېتىپ، بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەش ۋە ياردەمچىنى ياللاپ، يولغا چىقىدۇ. گېرمانىيەدىن بىللە كەلگەن 20 چە ھەمراھ بىلەن بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەشلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ زور كارۋان دالىلاردا تۈنەپ، يامغۇر-يىشىن، بۇران-چاپقۇنلاردا قىينىلىپ، ئوي-دۆڭ يەرلەرنى تۈزلەپ، يول بويى نۇرغۇن ئورۇنغا كۆۋرۈك سېلىپ، بىر ئايدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، مىڭ بىر جاپادا يەركەنت شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ.
يەركەنت شەھىرىدە ئۇلارنى غۇلجىدىن كەلگەن ھۈسەنباي، يەركەنت ۋالىسى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.
#p#
يەركەنت بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارىلىقىدىكى 100 نەچچە كىلومېتىرلىق يول تولىمۇ ناچار ئىدى، توپىلىق كاتاڭ ھارۋا يولى ھەر قانداق ھارۋىنىڭ جۇلىقىنى چىقىرىۋېتەتتى. يەركەنت ۋالىسى خەلقنى بۇ يولنى تۈزلەپ ۋە كەڭرىتىپ، ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ بۇ خەيرىلىك ئىشىغا ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر بىرەر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەپ قۇرغاسقىچە بولغان يولنى پۈتكۈزىدۇ. قۇرغاس بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدىكى يولنى ھۈسەنباي ئىلى دېھقانلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىپ تۈزلەيدۇ.
1907-يىلنىڭ ئاخىرى زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى غۇلجا شەھىرىگە تولۇق توشۇلۇپ بولىدۇ. ئىككى يىل ئۆتۈپ 1909-يىلنىڭ دەسلەپكى كۈز كۈنلىرى كەلگەندە زاۋۇت قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زاۋۇت تۇرخۇنى قەد كۆتۈرىدۇ. زامانىۋى «ئىلى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى» رەسمىي ئىش باشلايدۇ. بىر يىلدىن ئوشۇق مەخسۇس تېخنىكا تەربىيەسى ئالغان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئىشچى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ، 50 لامپۇچكا يۇرۇتۇلىدۇ، سېخلارغا ئار تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىلىدۇ، نەپىس ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇملار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ۋالىلداپ تۇرىدىغان سۈپەتلىك، سىپتا خۇرۇم ئاياقلار بازارلارنى قاپلايدۇ. ئىلى خەلقى بۇ زاۋۇتنى «ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى» دەپ ئاتىشىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ يېزىشىچە ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار قۇرغان بۇ كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى 1906-يىلى شاڭخەيدە ياپونلار قۇرغان «جاڭنەن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى»دىن ئۈچ يىل كېيىن قۇرۇلغان. 1913-يىلى جۇڭخۇا مىنگۇ ئۆزى قۇرغان 11 تېرە زاۋۇتىنىڭ ئومۇمى كاپىتالى 4 مىليون 608 مىڭ يۈەن بولۇپ، «ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى»نىڭ كاپىتالىدىن 1 مىليون يۈەنلا كۆپ بولغان. «ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى» ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسيا رايۇنىنى ۋە مۇسكۋا، پېتېربورگ قاتارلىق شەھەرلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 10 نەچچە خىلغا يەتكەن.
شىنجاڭ سانائىتىنىڭ باشلامچىسى، مىللىي كارخانچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بولغان ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ شانلىق تۆھپىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بارلىققا كېلىدۇ. مەن ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ تۆھپىسىنى بىرمۇ بىر ئەسلەپ چىقتىم كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئۇلارنىڭ خەلققە قۇشقان سەككىز تۈرلۈك تۆھپىسى چاقنىدى.
#p#

بىرىنجى تۆھپىسى: زاۋۇت قۇرغانلىقى. يۇقىرىدا ئۇنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتتۇم.
ئىككىنجى تۆھپىسى: چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھەرىكىتى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار 20 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى رۇسىيە، تۈركىيە، لىۋان قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتكەن. ئۇلار تۈرلۈك كەسپلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئەينى دەۋردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىلار سۈپىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئاكا- ئۇكامۇسا بايوفلار قازا قىلغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ياردىمىدە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار بولغان.
ئۈچىنچى تۆھپىسى: يېڭىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يولغا قويغانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاتۇش ئىكساقتا باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يېڭى مائارىپنى يولغا قۇيغانلىقى روشەن پاكىت بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۈت. نېمىلا بولمىسۇن ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرى بولۇپ، جاھالەتلىك يىللاردا مەرىپەت مەشئىلىنى باتۇرلۇق بىلەن يېلىنجاتقان قەيسەر ئەزىمەتلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1920-يىلى غۇلجىدا قۇرغان بولۇپ بۇ مەكتەپ «روشىدىيە مەكتەپ» دەپ ئاتالغان.
تۆتىنچى تۆھپىسى: كەسپى تېخنىكا مائارىپىنى يولغا قۇيغانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار سېتىۋالغان زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى غۇلجىغا تولۇق توشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار گېرمانىيەلىك ماكس ۋېنگېر دېگەن تېخنىكنى غۇلجىغا تەكلىپ قىلغان. ئۇ كەلگەندىن كېيىن 1908-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھازىرقى ئىلى پېداگۇكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنىدا تېخنىڭ ئىشچىلار مەكتىپىنى قۇرغان. زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگۈچى بولغان بىر يېرىم يىل ۋاقىتتا ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلىنىپ تېخنىك، ماستېر، توكچى، باشقۇرغۇچى، كاسسىر، ئىشچى يېتىشتۈرۈلگەن. بۇلاردىن 200 نەپىرى زاۋۇتقا تاللانغان.
#p#
1912-يىلى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، زاۋۇت ئىشچىلىرى كۆپىيىپ، 500 دىن ئاشقان. شۇ چاغدا ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدىن خەلىچە ئاپىستەي قاتارلىق تۆت ئايال ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ، غۇلجىدا «ئاياللار ھۈنەر مەكتىپى» دېگەن مەكتەپنى ئاچقان. بۇ مەكتەپكە، مەدەنىيەت دەرسلىرىدىن تاشقىرى، تىككۈچىلىك، كېسىمچىلىك، يۇڭ پوپايكا، شارپا، ياغلىق، پەلەي توقۇش، رېشىليە ئىشلەش، كەشتىچىلىك قاتارلىق ھۆنەرلەر ئۈگىتىلگەن. بۇ مەكتەپ 1950-يىللىرى تاقىلىپ قالغانغا قەدەر، ئون مىڭغا يېقىن ئايال ھۈنەرۋەننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. 
بەشىنجى تۆھپىسى: دارىلمۇئەللىمىن (سىفەن) مەكتىپىنى قۇرغانلىقى. 1913-يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ ئىنىسى ئوبولھەسەن مۇساباي ھەج قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەككىگە بارىدۇ. قايتىشىدا ئاكىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن ئەھمەد كامال ئىسىملىك بىر مائارىپچىنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار 1914-يىلى ئەتىيازدا ئاتۇشقا يېتىپ كېلىدۇ. باۋدۇنباي ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ قەشقەردە دارىمۇئەللىمىن قۇرماقچى بولىدۇ. لېكىن قەشقەر شەھىرىدىكى مۇتەسسىپ كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارىشلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئاخىر ئامال بولمىغاندا مەكتەپنى ئۈستىن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە ئاچىدۇ. مەكتەپكە قەشقەر ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىن باشلانغۇچ تەربىيە كۆرگەن زىرەك ياشلاردىن 40 نەپىرى تاللىنىپ ئۇقۇتقۇچىلىققا تەربىيەلىنىدۇ. ئۈستىن ئاتۇش خەلقى بۇ مەكتەپنى «ھەبىبزادە دارىمۇئەلىمىن» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئەھمەد كامالنىڭ تولۇق ئىسمى ھەبىبزادە ئەھمەد كامال ئىدى. لېكىن بۇ مەكتەپنىڭ ئورىنبورگدا باستۇرۇلغان دەرسلىكلىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا بولسا «قەشقەر دارىلمۇئەلىمىنىنىڭ دەرسلىكى» دەپ يېزىلىدۇ. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى بۇ دارىلمۇئەللىمىن تۈرلۈك قارىشلىقلار ئىچىدە داۋام قىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈش بىلەن تەڭ مەجبۇررىي تاقىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن ئۇقۇغۇچىلار كېيىنكى يىللاردا ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
#p#
ئالتىجى تۆھپىسى: كىنونى ئېلىپ كىرگەنلىكى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار گېرمانىيە تەرەپ بىلەن 1907 -يىلدىن 1909-يىلغىچە بولغان زاۋۇت قۇرۇلۇش جەريانىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بېرىشكە پۈتۈشكەنىدى. 1912-يىلى مەزكۈر زاۋۇت تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ۋە بىر دانە فىلىم قويۇش ئاپپاراتى گېرمانىيە تەرەپتىن باۋدۇن مۇسا بايوفقا تاپشۇرۇلىدۇ. باۋدۇن مۇسا بايوف زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى تۇنۇشتۇرۇلغان بىر چاس فىلىمدىن باشقا يەنە ھەر خىل مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۆت چاس فىلىم، بىر كىنو ئاپپاراتىنى ئېلىپ تېخنىك خادىملار بىلەن بىللە قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەر ئاتۇشتا بىر نەچچە نۆۋەت قويۇلغاندىن كېيىن غۇلجىغا ئېلىپ چىقىلىپ غۇلجىدا ئاممىغا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ يېڭى مەدەنىيەت ھادىسىسى ئەينى ۋاقتىكى نادان ئاۋامنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقىنى كۈچەيتىشتە موھىم رول ئوينايدۇ.
يەتتىنجى تۆھپىسى: پوتبول ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرغانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى (شادى) شىنجاڭدا پۇتبول ھەرىكىتىنى تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلتۈرگەن ئەزىمەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى 1915-يىلى چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا پوتبول ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرغان. ئابدۇراخمان ئەپەندى 1920- يىلى غۇلجىدا روشىدىيە مەكتىۋىگە مۇدىر بولغاندا تۇنجى قېتىم غۇلجىدا پوتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. تۇرسۇن ئەپەندى 1920- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كوماندا تەشكىللەپ، قەشقەردە ئەنگىلىيەنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندا بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن قەشقەرنى زىلزىلىگە سىلىۋەتكەن.
#p#
سەككىزىنچى تۆھپىسى: «مۇسا بايوفلار روھى»نى ياراتقانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار، مۇسا بايوفلار جەمەتىنىڭ نامىنى مەشھۇر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سودا-سانائەت، مەدەنىيەت، مائارىپ تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى. ئۇلار بۇ شانلىق سەھىپىنى نېمە بىلەن ياراتتى؟ بۇ يەردە رول ئوينىغان مۇھىم ئامىل نېمە؟ بەزىلەر بۇنى پۇل دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ھەقىقەتەن ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار كاتتا بايلار، لېكىن، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارلا كاتتا بايلاردىن بولغان ئەمەس. بايلىقتا ئۇلاردىن قىلىشمىغىدەك يەنە نۇرغۇن بايلار بولغان، لېكىن ئۇلاردا ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلاردەك روھ بولمىغان. بولغان تەغدىردىمۇ يېتەرلىك بولمىغان. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلاردا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشتەك قىممەتلىك روھ بار ئىدى. ئۇلار ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلاتتى ئۇلاردا ئۆزىدىن ھالقىيدىغان جاسارەت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتى يول ئىچىش، ئالغا ئىنتىلىش، ئۆزىگە خاس يول تۇتۇش بىلەن خاراكتېرلەنگەن ھايات ئىدى.
ئۇلار كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلارنى پۈككەن ھەم بۇ غايە ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن كۆرەش قىلغان ئىدى. ئۇلار خەلق ئۈچۈن ياشاشنى ھاياتىنىڭ مىزانى قىلغان ئىدى. ئۇلار يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا ئىلغارلىققا ھېرىسمەن بولغان، جاھالەتكە، نادانلىققا، قالاقلىققا دۈشمەن بولغان ئىدى. ئۇلار نەزىرىنى دۇنياغا تىككەن ئىدى. ئۇلار ئىقتىسادنى تۈۋرۈك، مائارىپنى مەشئەل قىلغان ئىدى. مانا بۇ ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلارنىڭ روھى! بۇ ئۇلاردىن ئەۋلاتلارغا مىراس قالغان قىممەتلىك بايلىق! بىز ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلايدىغان، روھتا تەربىيەلەشتە مانا مۇشۇ قىممەتلىك روھقا ھەر ۋاقىت مۇراجىئەت قىلماي تۇرالمايمىز.
ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ زاۋۇت قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان، زاۋۇت، كارخانىلارنى قۇرۇش ئەۋجگە چىقىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. بىز 2009-يىلىدا بۇ توغرۇلۇق قانداق ئىجابى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئىجتىمائى ھاياتىمىزدا قانچىلىك داغدۇغا پەيدا قىلالايمىز؟ بۇ ھەممىمىزنىڭ ئەقىدىسى، چۈشىنىشى، پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى