ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بىلەن ئەمگەك كۈچى ۋاسىتىچىلىكىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بىلەن ئەمگەك كۈچى ۋاسىتىچىلىكىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 520 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بىلەن ئەمگەك كۈچى ۋاسىتىچىلىكىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

جاۋاب: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئەمگەك كۈچى ۋاسىتىچىلىقىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ تۈپ پەرقى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئورگىنى چوقۇم ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلىدىغان خادىملار بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئورگىنى بىلەن ئەمگەكچى خادىملار كارخانا بىلەن خىزمەتچىنىڭ مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتە «ئەمگەك قانۇنى» تەدبىقلىنىدۇ.

ئەمگەك كۈچى ۋاسىتىچى ئورگىنى كارخانا ۋە ئەمگەكچىلەرنى ئەمگەك ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ مۇئەييەن ئەمگەك ۋاسىتىچىلىك ھەققى ئالىدۇ. ئەمگەكچى ئەمگەك ۋاسىتىچى ئورگىنى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمەيدۇ، شۇڭا ئەمگەك مۇناسىۋىتىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى «ئەمگەك قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ قوغدىشىغا ئۇچرىمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى