ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ماسلوۋنىڭ ئادەم ئېھتىياجىنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى

ماسلوۋنىڭ ئادەم ئېھتىياجىنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى

ۋاقتى: 2015-04-09 ئاۋاتلىقى: 532 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ماسلوۋنىڭ ئادەم ئېھتىياجىنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى
ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئېھتىياجنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك: 
1. فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج 
بۇ  ياشاشنىڭ ئەڭ ئاساسى كاپالىتى بولۇپ، يېيىش، ئىچىش، كىيىش، تۇرالغۇ، جىنسى تەلەپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بۇ ئېھتىياجلار قاندۇرۇلمىسا ئادەمنىڭ ياشىمىقىمۇ مۈشكۈل بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج ئادەم ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە بۇ ئەڭ ئاساسى ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغاندا باشقا ئېھتىياجلار ئاندىن رىغبەتلەندۈرگۈچى ئامىللارغا ئايلىنىدۇ. قاندۇرۇلۇپ بولغان ئېھتىياجلار رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى يوقىتىدۇ. 

2. بىخەتەرلىك ئېھتىياجى
بۇ خىل ئېھتىياج ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خىزمەتتىن قېلىشتىن، مال-مۈلكىنى يوقىتىشتىن ۋە كېسەللىكتىن ساقلىنىش، قاتتىق نازارەت ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
ماسلوۋنىڭ قارىشىچە ئادەم بەدىنىدىكى پۈتكۈل ئىقتىدارلار بىخەتەرلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن سەزگۈچى ئەزالار، ئىنكاس قايتۇرغۇچى ئەزالار، ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە ئەزالار ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغۇچى قورال. ھەتتا ئىلىم-پەن ۋە ھاياتلىقنى بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ بىر قىسىمى دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ داۋاملىق رىغبەتلەندۈرگۈچى ئامىل بولالمايدۇ. 
3. ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېھتىياج
بۇ قاتلام ئىككى خىل ئېھتىياجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىرى دوستلۇققا بولغان ئېھتىياج، يەنى ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ئېھتىياجلىق. ھەممە ئادەم مۇھەببەتكە ئېرىشىشكە، باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ياخشى كۆرۈلۈشكە ئېھتىياجلىق. يەنە بىرى تەۋەلىككە بولغان ئېھتىياج. يەنى ھەر قانداق ئادەم ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر توپقا ئېھتىياجلىق. ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېھتىياج فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى، كەچۈرمىشى، قوبۇل قىلغان تەربىيەسى ۋە دىنى ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  
4. ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى
ھەممە ئادەم جەمئىيەتتە مۇقىم ئورنى بولۇشىنى، ئىقتىدار ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ئىچكى ھۆرمەتلىنىش ۋە تاشقى ھۆرمەتلىنىش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئىچكى ھۆرمەتلىنىش ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىت ئاستىدا مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىشقا ئىشەنچى بولۇش ۋە ماس ئىقتىدارى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. قىسقىچە ئېيتقاندا ئىچكى ھۆرمەتلىنىش ئۆز ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلاش پىسخىكىسى، يەنى غۇرۇرنى كۆرسىتىدۇ. تاشقى ھۆرمەتلىنىش ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە ئورنى، ئابرۇيى بولۇشى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ئىشەنچىسىگە ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، جەمئىيەتكە قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھاياتنىڭ مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ. 
5. ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجى
بۇ ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئېھتىياج بولۇپ، ئۇ شەخسنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش ۋە قۇربى يەتكەن ئىشلارنى تاماملاش ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئادەم ۋەزىپىسىنى ئىنتايىن ياخشى ئورۇندىغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي خۇشاللىقنى ھېس قىلالايدۇ. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش تىرىشىپ ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە قەدەممۇ-قەدەم ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئادەمگە ئايلىنىش ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى