ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟

شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-03-09 ئاۋاتلىقى: 1000 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە خىزمەت تېپىش مەسىلىسىدۇر. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان خىزمەت جەھەتتىكى ئىستىقبالىنىڭ قاراڭغۇلۇقى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانچە كىتاب ئوقۇماسلىقىغىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتىنىڭ بار-يوقلۇقى، خىزمەت بولغاندا قانداقراق خىزمەتنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ كىشىلىك تالانت - قابىلىيىتى، ئوقۇغان مەكتىپى، ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى قاتارلىقلار بىلەن دېگەندەك ئوڭ تاناسىپ بولمىغاچقا، نۇرغۇن ياشلار مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ھەر خىل سوئاللار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ سوئاللارغا جاۋاب چىقمايۋاتىدۇ. ئۇ سوئاللارنى كىمدىن سوراپ، نەدىن جاۋاب تېپىشنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن نۇرغۇن قېتىم ئۆزۈمنى ئاشۇ ياشلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۆز-ئۆزۈمدىن «ئەگەر مەن ئاشۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، قانداق قىلاتتىم؟»، «ئاشۇنداق بىر شارائىتتا مەن نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولاتتىم؟» دەپ سوراپ باقتىم. ئادەم قانچە كۆپ ئىشنى بىلسە، قانچە كەڭ بىلىمگە ئىگە بولسا، ئۆزى باسىدىغان كېيىنكى بىر قەدەم توغرىسىدا شۇنچە توغرا قارار چىقىرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز چوقۇم پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ۋاقىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىمكان قەدەر كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىڭ.

ئادەمنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولغاندا، روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ، ئۆگىنىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىشىشى ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. لېكىن، يىراقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر پاكىتنى بىلىدۇ: مەيلى كەلگۈسىدىكى ئىشلار قانداق بولۇپ كەتسۇن، جاھان قايسى تەرەپكە ئۆزگەرسۇن، ئۆزىمىز يەر شارىنىڭ قايسى بىر قىسمىدا ياشايلى، بىلىم چوقۇم ئەسقاتىدۇ. ئۆگىنىش قىلماي زايە قىلغان ۋاقىتنىڭ زىيىنىنى مەڭگۈ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىز ئۈچۈن ئۆگىنىش ھەر ۋاقىت 1-دەرىجىلىك مۇھىم ئىش بولۇشى كېرەك. 

#p#

ئىنگلىز تىلىدىكى كىشىلەرنىڭ بۆرە بىلەن ئىت توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايىسى بار. بىر بۆرە بىر كۈن يېمەكلىك ئىزدەپ ھېچنېمە تاپالماي، قورسىقى ئاچ كېتىۋاتقاندا، قورسىقى توق بىر ئىتقا ئۇچراپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆرە ئىتتىن ئۇنداق يېمەكلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئىت: «ھېچ قانچە ئىش قىلمايمەن. پەقەت غوجامنىڭ ئۆيى بىلەن ئائىلىسىنى قوغداپ بەرسەم، ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنساملا بولىدۇ.» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۆرە بۇ ئىش توغرىسىدا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئويلىنىپتۇ. چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ ئىزدەنمىسە بولمايدىكەن. شۇنداقتىمۇ قورسىقىنى تويغۇزالىشى ھېچ بىر كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن. بۆرە ئاشۇ ئىتقا ئوخشاش ياشاشنى ئويلاپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ كۆزى ئىتنىڭ بوينىدىكى تۈكى چۈشۈپ كەتكەن يەرگە چۈشۈپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭدىن بوينىدىكى تۈككە نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئىت بۆرىگە: «ئۇ مۇھىم ئەمەس. ئۇ تۈكلەرنى بوينۇمدىكى زەنجىر چۈشۈرۈۋەتكەن» دەپتۇ. بۆرە چۆچۈپ كېتىپ: «نېمە، زەنجىر! سەن ئۆزۈڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمامسەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئىت: «ياق. ئەمما ئۇ مۇھىم ئەمەسقۇ؟» دەپتىكەن، بۆرە «ئۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېگىنىچە ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپتۇ. ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇشقا ئائىت مەزمۇندىكى كىتاب، ماقالە ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىدا، «ئۆز ئالدىڭغا شىركەت قۇرۇپ، ئۆز-ئۆزۈڭگە خوجا بول» دېگەنگە ئوخشاش، كىشىلەرنى ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر سۆز داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان بىر پاكىت شۇكى، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەش ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە قارىغاندا جىق تەس؛ باشقىلارغا بېقىنىپ ياشاش بىر خىل خورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس

ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خىزمەت تېپىپ، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەپ جان بېقىشتىن باشقا، ئۆزى شىركەت قۇرۇپ، بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ ياشاش يولىمۇ بار. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش ئىشىنىڭ قىيىنلىشىشىغا، ھەمدە بازار ئىقتىسادى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا شىركەت قۇرۇش ئىشلىرى ئالدىنقى 10 يىل جەريانىدا خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپتۇ. ئارمان، ئامىنە قاتارلىق بىر قىسىم مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەتلەر ۋە خېلى نۇرغۇن چوڭ كۆلەمدىكى رېستورانلار ۋۇجۇدقا كېلىپتۇ. يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەرلا ئەمەس، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرسوفت، قارلۇق قاتارلىق كىچىك تىپلىق، يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىمۇ بارلىققا كەلگىلى تۇرۇپتۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بۇ ھادىسە مەلۇم دەرىجىدە «ئىش تېپىش قىيىن بولۇش» نىڭ «قوشۇمچە مەھسۇلاتى» دىن ئىبارەتتۇر. يەنى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى خىزمەت تېپىشقا ئامالسىز قېلىپ، ياكى باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشنى خالىماي، ئۆزى شىركەت قۇرۇش يولىنى تاللاپ، ھازىر ئۆز شىركەتلىرىنى ناھايىتى ئوبدان ماڭدۇرۇۋېتىپتۇ. «يامان ئىشتىن ياخشى ئىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش» دېگەن مانا شۇدۇر

#p#

مەن يېقىندا ئادەملەرنىڭ «ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى» ئۈستىدە توختالغاندا، مۇشۇ ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ 12- ۋە 13-ئۇسۇلى قىلىپ تۆۋەندىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم
 
نەقىل
12) بىر ئىشنى قوغلىشىش جەريانىدا يەنە بىر ئىشقا ئېرىشەلەيدىغان تالانتقا ئىگە بولۇش. "تۇرمۇش" دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەر باشقىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى قورالدۇر. ئۇ بىلىملەر باشقىلار ئۈچۈن روھىي جەھەتتىكى زەھەرگە ئوخشاش بىر ئەھۋالنى ئۆزى ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولالايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. ئاشۇنداق بىلىمگە ئىگە كىشىلەر ناچار سەرگۈزەشتلەردىن ياخشى تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشكەن بولغاچقا، باشقىلار ئۈچۈن كۈچلۈك روھىي بېسىم بولۇپ تۇيۇلغان ئەھۋاللار ئىچىدىمۇ ئۆز ئىشلىرىنى يەنىلا ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدۇ. ئۇلار بىتەلەيلىكنى بىر ياخشى تەلەيگە ئايلاندۇرالايدۇ، ھەمدە ناچار ئەھۋال ئىچىدىن يېڭى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ
13) ئادەتتىن تاشقىرى روھىي ساغلاملىقنىڭ بىر ئىپادىسى، بىر ئادەم ئۆزى يولۇققان بىر ناچار ئەھۋال ئۈستىدە توختالغاندا، "مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھۋالنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن قايتا سادىر قىلمايمەن. لېكىن بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئەھۋال مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمدە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرسى بولدى"، دەپ ئويلاش. ئۆز-ئۆزىدىن: "قانداق قىلسام بۇ ئەھۋالنى ئۆزۈمگە پايدىلىق ئەھۋالغا ئۆزگەرتەلەيمەن؟"، "بۇ ئىش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ياخشى تەرىپى نېمە؟"، "بۇ ئىشتىن ماڭا كەلگەن سوۋغات نېمە؟" دەپ سوراش
... 

مەن ھەر بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاشۇ يازمىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىر قىسىم ياشلار يۇقىرىقى «ئۆزى شىركەت قۇرۇش» دېگەن تەكلىپنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەي، بۇ تەكلىپكە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى شىركەت قۇرۇش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، ئۆزىدە ئاشۇنداق قىلىشقا زۆرۈر بولغان جۈرئەت، ماھارەت، ئىقتىدار، بىلىم ۋە شەرت-شارائىتنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. «ئۆزى شىركەت قۇرۇش» ئامېرىكىدا بىر كەڭ دائىرىلىك كەسىپكە ئايلانغان بولۇپ، شىركەت قۇرماقچى بولغان شەخسلەرگە مەسلىھەت بېرىپ، تەييارلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، شىركەت پۈتۈنلەي قۇرۇلۇپ بولغۇچە مۇتەخەسسىسلەرچە خىزمەت قىلىدىغان مۇلازىمەت شىركەتلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇ ھەقتە نەشر قىلىنغان كىتاب، ماقالە، ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى ۋە يۇمشاق دېتال قوراللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ
http://www. smartbiz. com/article/view/49/1/3
 
ياش-ئۆسمۈرلەرنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۆزى شىركەت قۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش ۋە شۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان بىلىم، ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى، يەنى شىركەت قۇرۇشقا زۆرۈر بولغان كىشىلىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى تەلىم-تەربىيەنى «زادىلا مەۋجۇت ئەمەس» دېيىشكە بولىدۇ
#p#
سىز مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە ئۆز ئالدىڭىزغا شىركەت قۇرۇش قارارىغا كېلىڭ، ياكى شىركەت قۇرماسلىق قارارىغا كېلىڭ، سىزنىڭ قارارىڭىز بەلگىلىك ئىلمىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىر ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ياكى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى توغرا بايقاپ، ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش-قۇرماسلىق توغرىسىدا ئىلمىي ئاساستا توغرا قارار چىقىرىشىغا، ھەمدە شىركەت قۇرۇش ئارزۇسى بارلارنىڭ ئۆزلىرىدە زۆرۈر بولغان كىشىلىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، ئىنتېرنېتتىكى ئىنگلىزچە ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئازراق ئىزدەندىم. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ 38 ياشقا كىرگەندە ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ساھەسىدە يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك شىركەت قۇرۇش ئىشىغا ئارىلىشىشنى باشلاپ، ئۇنى تاكى 2006-يىلىغىچە داۋاملاشتۇردۇم. شۇ جەرياندا كالىفورنىيەنىڭ كىرېمنىي جىلغىسىدىكى خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇش جەھەتتە تەجرىبىسى بار كىشىلەردىن 10 غا يېقىن كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشتىم. جەمئىي 4 قېتىم ئوز ئالدىمىزغا شىركەت قۇرۇش ئىشىنى باشلىغان بولساممۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىزنىڭ كەسپىي ساھەيىمىزدە يۈز بەرگەن تاسادىپىي ئۆزگىرىشلەر ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ 4 شىركەتنىڭ ھېچ قايسىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. لېكىن، مەن ئامېرىكىدا ئۆز ئالدىغا يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتى قۇرۇش جەھەتتە بىر قىسىم بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. بۇ يازما ئاشۇ بىلىملەر بىلەن بۇ قېتىم ئوقۇغان ئىنتېرنېتتىكى ماتېرىياللارنىڭ نەتىجىسىدۇر.

1. شىركەت قۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان كىشىلىك سۈپەتلەر 
شىركەت قۇرۇش دېگەن نېمە؟ شىركەت قۇرۇش دېگەن، كىشىلەرنىڭ بىر ئېھتىياجىنى بايقاپ، ئاشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر كارخانا قۇرۇش دېمەكتۇر. ئادەم ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇشتا مەلۇم روھ، ماھارەت، ئىقتىدار ۋە بىلىم-تەجرىبىگە موھتاج.
تۆۋەندە مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، «كىشىلىك سۈپەت» دەپ ئالىمەن. بۇ يازما پەقەت يۇقىرىقىدەك كىشىلىك سۈپەتلەر توغرىسىدىلا بولۇپ، بۇ يەردە شىركەت قۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان باشقا نەرسىلەر ئۈستىدە توختالمايمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، «ماھارەت» كىشىلەر تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇش، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە مەخسۇس تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەرسە. «ئىقتىدار» نىڭ بەزىلىرى تۇغما بولىدۇ، بەزىلىرى بولسا «ماھارەت» كە ئوخشاش كېيىنكى ھاياتتا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا بۇ ئىككى نەرسە ئېنىق ھالدا ئوخشىمىغان نەرسىلەرگە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنمۇ تۆۋەندىكى بايانىمدا بۇ ئۇقۇملارنى ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردىكى بىلەن ئوخشاش تەرىقىدە قوللىنىمەن
ئۇنداقتا، ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان كىشىلىك سۈپەتلەر قايسىلار؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان كىشىلىك سۈپەتلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار
1) قاراملىق قىلىش روھى
شىركەت قۇرۇشنىڭ گېپى بولغاندا، ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر سۆز «قاراملىق قىلىشقا جۈرئەت قىلىش»، ئۇنى ئىنگلىزچىدە «willing to take a risk» دەپ ئاتايدۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇيغۇرچىدا «قاراملىق قىلىش» دېگەن سۆز كۆپىنچە ھاللاردا سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، «قارام ئادەم» دېگەن سۆز ئانچە بىلىملىك ئەمەس، بىر ئىشنى قارىسىغىلا قىلىدىغان كىشىگە قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ. ئىنگلىزچىدىكى «قاراملىق قىلىش» بولسا ئىجابىي مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر ئىشنى بەلگىلىك بىلىم-ئىقتىدار ئاساسىدا «دەتتىكام» دەپ تۇرۇپ قىلىپ بېقىشقا، يەنى ئاشۇنداق بىر تەرىقىدە «قاراملىق قىلىش» قا جۈرئەت قىلىشقا قارىتىلغان. ئامېرىكىلىقلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ھەر خىل ئىشلاردا قاراملىق قىلىپ چوڭ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. خەتىرى بار قاراملىقلارنى قىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىدىغان، بىر يەرلىرىنى سۇندۇرۇۋالىدىغان ياشلار ئاز ئەمەس. شۇنداقلا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا خېلى يۇقىرى تېخنىكىلىق، ناھايىتى مۇرەككەپ بىر نەرسىلەرنى لايىھەلەپ ياساپ چىققانلار، كىچىك تۇرۇپلا شىركەت قۇرۇپ، 20 نەچچە يېشىدا مىليونېر بولۇپ بولغان كىشىلەرمۇ خېلى بار. ياشلارنى مۇشۇنداق تەربىيەلەيدىغان بولغاچقا، ئامېرىكىدا كاتتا ئىشلارنى قىلىپ، مۆجىزە يارىتىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ. ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىقى مەنىدىكى قاراملىق قىلغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىزدە قاراملىق قىلىش غەيرىتى كەم بولسا، سىز بىر ئىشنى قىلىدىغاندا مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇپ، چوڭ ئىشنى باشلىيالمايسىز. شىركەت قۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇ شىركەتنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن توغرا مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا شىركەت قۇرۇش بىر قاراملىق قىلىش جەريانى بولۇپ، ئۇ سىزدىن قاراملىق قىلىش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ

2) بەدەل تۆلەش روھى

ئۆز ئالدىڭىزغا شىركەت قۇرسىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا پۇلغا ئېرىشىسىز. يەنى، پۇلنى تەقسىم قىلىشتا سىزگە پۇل بېرىپ تۇرغان بانكا، سىزنى خام ئەشيا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەر ۋە سىزنىڭ خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇرىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىدۇ. بۇرۇن ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىنىمۇ شىركەت ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇرۇنقىدەك كۈنىگە 8 سائەت ئىشلەيدىغان، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالىدىغان، ھەمدە يازدا بىر قانچە ھەپتە دەم ئېلىپ، ساياھەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ. بولۇپمۇ شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاشۇنداق بولىدۇ. شۇڭا شىركەت قۇرماقچى بولغانلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بەدەل تۆلەش روھى، ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى، ھەمدە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلەلەيدىغان ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. قاراملىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان بەدەل تۆلەشنىڭ دەرىجىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا بۇرۇن قىلىۋاتقان خىزمىتىنى توختاتماي، شىركەت قۇرۇش ئىشىنى دەسلەپتە قوشۇمچە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىش خېلى بىر ئىشەنچلىك باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن بۇرۇنقى خىزمىتىنى تاشلايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كوپ. ئۆزۈممۇ ھازىرغىچە قۇرماقچى بولغان 4 شىركەتلەرنىڭ ئىشىنى قىلىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ ئەسلى خىزمىتىنى تاشلىمىغان ئىدىم. يېڭى شىركەت ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئىدى، بۇرۇنقى خىزمىتىمنى قىلىۋەردىم. لېكىن شۇ جەرياندا نۇرغۇن دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى، نۇرغۇن ئاخشاملارنى، ۋە بەلگىلىك قىممەتتىكى پۇلۇمنى قۇربان قىلدىم
#p#


3) كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى قىلالايدىغان ماھارەت

سىز بىر شىركەتنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، سىز شىركەتنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتنىڭ ئادەملىرى، خېرىدارلار، ئۆز شىركىتىڭىزنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، بوغالتىرلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ۋە يۇقىرىقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىسىز. شۇڭا سىز ھەر خىل مىجەزلىك كىشىلەر بىلەن ئىش بېجىرەلەيدىغان بولۇشىڭىز، ئۆز خېرىدارلىرىڭىزدىن ئۇلارنىڭ نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىنى، نېمىنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى بايقىيالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك

4) كۈچلۈك لېدىرلىق (رەھبەرلىك) ماھارىتى

ئۆزلىرى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشتە، باشقىلارنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ ئىگىسىگە يۆلىنىدۇ. شىركەت ئىگىسىنىڭ يول باشلىشىنى ئىستەيدۇ. شىركەت باشلىقىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشىگە قارايدۇ. شۇڭا شىركەت باشلىقى يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم كۈچلۈك لېدىرلىق (رەھبەرلىك) ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك

5) كۈچلۈك تەشكىللەش ماھارىتى

شىركەت ئىگىسى ئۆز شىركىتىدە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى، مۇھىم ئىشلار تەرتىپىنى بېكىتىپ تۇرۇشى، ھەمدە ھەر بىر مۇھىم ئىشلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىللەش ماھارىتى بولمىسا بولمايدۇ

6) زېرەكلىك

«زېرەكلىك» بولۇش دېگىنىمىز ھەر خىل ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئالالايدىغان بولۇش، دېگەنلىك ئەمەس، «كوچىلاردىكى ئەقىل ئىگىسى بولۇش» دېگەنلىك. يەنى، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىشنىڭ ئېپىنى تاپالايدىغان بولۇش دېگەنلىك. ئەقىللىك شىركەت ئىگىلىرى بىر ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ھەمدە كىرىزىس يۈز بەرگەندە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ
#p#


7) باشقۇرۇش ئىقتىدارى

كىچىك شىركەتلەرنىڭ ئىگىلىرى قىلىدىغان ئاساسلىق ئىش ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنى ئۇلار خېرىدارلار، خىزمەتچىلەر، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، بوغالتىر، ئادۋوكاتلار، بانكا، ئائىلىدىكىلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال ھەر بىر شىركەت ئىگىسىدىن كۈچلۈك باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ

8) شىركەت تەجرىبىسى

بۇ نۇقتىنى كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ، ئۇ ھەممەيلەنگە ئايان. شىركەت تەجرىبىسى بولۇش، ئۆزى بىر شىركەت قۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بۇنداق تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئوقۇش جەريانىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ شىركىتىگە ياردەملىشىپ بېرىپ، شۇ جەرياندا ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىرەر شىركەتتە بىر-ئىككى يىل ئىشلەپ، تەجرىبە توپلىسىمۇ بولىدۇ. ۋە ياكى شىركەت تەجرىبىسى بار كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت قۇرسىمۇ بولىدۇ. ئامېرىكىدا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئەگەر شىركەت تەجرىبىسى پەقەتلا بولمىسا، شىركەت قۇرماقچى بولغان كىشى دەسلەپتە چوقۇم قىينىلىدۇ. لېكىن، نۇرغۇن ئىشلارنى شىركەت قۇرۇش جەريانىدا ئۆگىنىپ، شۇ ئارقىلىق تەجرىبىلىك بولغىلىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشۇنداق قىلىۋاتقانلار ھازىر خېلى كوپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا شىركەت تەجرىبىسىنى بولمىسا قەتئىي بولمايدىغان بىر نەرسە، دەپمۇ قاراپ كەتمەسلىك كېرەك

9) ئۈمىدۋارلىق

شىركەت قۇرىدىغانلار ئۈچۈن ھەممە ئىشلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان مىجەز-خاراكتېرمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، شىركەت ئىشلىرى داۋاملىق سىز ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىر ئىشتىن ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىدىغان كىشىلەر نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن بىر دەمدىلا ۋاز كېچىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۈمىدۋار كىشىلەر ئۇنداق قىلمايدۇ. بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماڭغان يولدىن قايتماي، ئەڭ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن بىر شىركەت قۇرماقچى بولغان بىر كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرۇپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىدە يۇقىرىقى كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭلا ھازىرلاپ باققان ئەمەس. يەنى، سىزدە يۇقىرىقى كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولمىسىمۇ، سىز بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرالىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ھەرگىزمۇ «مەندە يۇقىرىقى 9 سۈپەتنىڭ ھەممىسى تەل ئەمەسكەن»، دەپ بىلىڭىزنى قويۇۋەتمەڭ
#p#
مەن ھازىرغىچە تىلغا ئالمىغان، شىركەت قۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان يەنە بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ پۇل. ئامېرىكىدا يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلارنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەتتىن ياكى بانكىدىن پۇل قەرز ئالىدۇ. بەزىلىرى مەبلەغ سېلىش بانكىسى، مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ياكى مەبلەغ سېلىش خۇسۇسىي كاپىتالىستلىرىدىن پۇل ھەل قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆز پۇلى بىلەن شىركەت باشلايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە بۇ ئىشلار قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى مەن تەپسىلىي بىلمەيمەن. ئۆزۈمنىڭ پەرىزىچە ھازىرغىچە شىركەت قۇرغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز پۇلى بىلەن ئىش باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلار ئۈچۈن پۇل مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ. شۇڭا مەكتەپ ھاياتىدا ياشلار زېھنىنى ئۆزىدە يۇقىرىقى 9 خىل كىشىلىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگىنى ياخشى. سىزدە ئىقتىدار بولسا پۇل ھەل بولغاندا شىركەت قۇرالايسىز. ئەگەر سىزدە ئىقتىدار بولمىسا بىرسى سىزگە پۇل بەرسىمۇ بىر شىركەت قۇرالىشىڭىز ھەمدە ئۇنى قاملاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭالىشىڭىز ناتايىن. شۇڭا ھەرگىزمۇ ياشلىق ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ

يۇقىرىقى سۈپەتلەردىن باشقا، تۆۋەندىكى نەرسىلەرمۇ بىر شىركەت قۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ:

1) باشقىلاردا يوق ياخشى ئىدىيە. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا باشقىلاردا يوق ياكى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشىراق بىر لايىھە بولسا، شۇ نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرسىڭىز، سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز
2) ئەگەر سىزدە بىر خىل ئالاھىدە تالانت بولسا، ئۇ تالانت سىزنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىڭىزنى تولۇقلاپ كېتىپ، سىز بىر شىركەتنى يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالايسىز
3) دۇنيادا بىر ئالاھىدە تەلەينىڭ كېلىشى بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرۇپ چىققانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا سىزگە بىر ياخشى تەلەي كېلىپ قالسا، ئۇنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ

مەن يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرسى مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن ئۇزۇن مۇددەت بوشاشماي تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. بۇ يەردىكى «ئۇزۇن مۇددەت» دېگىنىمىز 50 يىلدىن 100 يىلغىچە بولغان ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. مەن يېقىندىن بۇيان تەييارلاپ ئىنتېرنېتقا چىقىرىۋاتقان «كىشىلىك تەرەققىيات» قا ئائىت يازمىلار يالغۇز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئىشلىرىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىسى بولۇشىنى كۆزدە تۇتقان. مەن يۇقىرىدا تىزىپ چىققان 9 خىل كىشىلىك سۈپەت يالغۇز شىركەت قۇرغۇچىلار ئۈچۈن كېرەكلىك بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ھاياتى ئۈچۈن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى كۆزلەۋاتقان ھەر بىر ياش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر. شۇڭا مەن ھەر بىر يۇقىرى ئىرادىلىك ياشنىڭ بۇ كىشىلىك سۈپەتلەرنى ھەر دائىم ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پۇرسەت بولسىلا ئۆزىدە ئاشۇنداق سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇستەھكەملەپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

بۆرە بىلەن ئىت ھېكايىسىنىڭ تور بەت ئادرېسى

http://www. wolfcountry. net/information/myth_stories/wolfanddog. html
 

بۆرە توغرىسىدىكى باشقا ھېكايىلەرگە قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈڭ

http://www. wolfcountry. net/stories
 

بەزى ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۆۋەندىكى ئىنتېرنېت لۇغىتى ئارقىلىق تېپىلدى

http://dict. yulghun. com
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى