ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جۆرىسىنى توغرا تاللاش ئىنتايىن مۇھىم

ئەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جۆرىسىنى توغرا تاللاش ئىنتايىن مۇھىم

ۋاقتى: 2016-01-08 ئاۋاتلىقى: 857 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەرجىمىدە: رەيھانگۈل تۇردى


ئەرلەر ناۋادا جۆرىسىنى توغرا تاللىيالىسا 20 يىللىق جاپانى ئاز تارتىدۇ، بۇ گەپنى ھەرگىزمۇ ئاشۇرىۋەتكەنلىك دەپ ئويلاپ قالماڭ.

ئەمەلىيەتتە ئازىراقمۇ يالغىنى يوق، بىر ئەرنىڭ ئارقىسىدا جاپا مۇشەققەت ۋە ھالاۋەتتە بىرگە بولالايدىغان ئايال ئۈزلۈكسىز قوللاپ تۇرسا ئاندىن كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىش ۋە قەتئىي ئىرادە بولىدۇ.  
 سىز نەچچە يىل جاپالىق كۈرەش قىلغاندىن كېيىن يېنىڭىزدىكى جۆرىڭىز باشقا بىرى بىلەن كېتىپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئېلىپ كەتكىنى مال-دۇنيالا بولۇپ قالماستىن بەلكى سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز كۆڭلىڭىزنى تىنچلاندۇرۇپ ئىشنى قايتىدىن باشلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا يەنە نەچچە يىل كېتەر؟ ئازابلىنىپ ئۆتەرسىزمۇ؟ شۇڭلاشقا ئەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا چوقۇم تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئاياللاردىن يىراق تۇرىشى كېرەك. 

1.گەپ سۆزدە قوپال، كوت-كوت، خالىغانچە ئادەم تەنقىدلەيدىغان ئاياللار
بەزىلەر ئاياللارنىڭ كوتۇلدىشىنى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك دېيىشىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن ئاياللاردا بۇ خىل كېسەللىك بار ھەمدە ساقايتىش تەس بولۇپ، بۇ ئەرلەرنىڭ بېشىنى بەك ئاغرىتىدۇ. دائىم غۇدۇرايدىغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىشلار مەڭگۈ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايدۇ. ئەمما بىر ئەرنىڭ بىر ئايال بىلەن بىرگە بولۇشى ئۇنىڭ غۇدىراپ بېرىشىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئىچ-پۇشۇقىنى يوقىتالايدۇ. ئەمما بۇ خىل جاھىل كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ. بەزى ئاياللار كوت-كوتلىقتىن ئېشىپ ئادەم تىللايدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ، يۈرۈش-تۇرۇشى جايىدا چىرايلىق بىر ئايالنىڭ ئاغزىدىن سەت گەپلەر چىقسا بۇ ھەقىقەتەن قاملاشمىغان بىر ئىش.   


2. پۇلغا ھېرىسمەن ئاياللار
پۇلنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان  ئايالغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر يالاڭتۆش ئەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئەڭ ئاۋۋال ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ. ئۇ ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆزى جاپا تارتىپ پۇل تېپىپ خەجلەشتىن ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، پۇلى بار-يوق بولۇشى ئۇنىڭ ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش-ئارىلاشماسلىقىنى بەلگىلەشتىكى ئالدىنقى شەرتى. بۇنداق ئاياللارنىڭ سىزگە ھەمدەمدە بولۇپ جاپا-مۇشەققەت ۋە ھالاۋەتتە بىرگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش پۈتۈنلەي خام خىيال قىلغانلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەرلەر پەقەت پۇلنىڭ بەلگىسى خالاس. ئەرلەرنىڭ پۇلى يوق كۈنى دەل بۇنداق ئاياللارنىڭ ئۇلارنى تاشلىۋېتىدىغان كۈنى، شۇڭلاشقا بۇنداق ئاياللار سىزنى تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن، سىزنىڭ ئۇنى تاشلىۋەتكىنىڭىز ئەۋزەل.
 
3. شاللاق ئاياللار
مىجەزى سۇيۇق، ئەرلەرگە چاچرىسام دەپلا تۇرىدىغان ئاياللار خۇددى جەڭ مەيدانىدا پىشىپ كەتكەن قىلىچۋازغا ئوخشاش خەنجىرىنىڭ بىسىغا قان يۇقتۇرماي تۇرۇپ ئەرلەرنى يېقىتىدۇ. شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ھەرگىزمۇ بىردەملىك خۇشاللىقنى دەپ ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەڭ، ئۇلار نېمە قىلسا قىلىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇ سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
 
4. ھىيلە-مىكىرگە تولغان ئاياللار
تىلى يۇمشاق ئەمما كۆڭلى زەھەرخەندە ئايالغا ئۇچراپ قالسا، ھەر قانچە قەيسەر، كەڭ قورساق ئەرمۇ چىدىمايدۇ. ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىدا پالتا پىچاق، كۆڭلى ھىيلە-مىكىرگە تولغان ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتن ساقلىنىش كېرەك. ھېچكىم ئاياللارنى قايسى ئىشلارنى قىلىپ قايسى ئىشلارنى قىلماسلىقىنى بەلگىلەپ قويمىغان، ئەمما ئاياللار بەك ھىيلە-مىكىرلىك بولۇپ كەتسە پەقەت پاشىلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئادەم چاقساملا دەيدىغان ئورتاقلىقى بار ئەمەسمۇ. 


5. شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرىدىغان، ھەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان ئاياللار
بەزىلەر داڭق قازانغان ئاياللاردىن قورقمايمەن دەيدۇ، يەنە بەزىلەر ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان ئاياللارنى ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ، بۇنداق ئەرلەردە ئۆز نىسىۋىگە شۈكرى قىلماسلىقتىن سىرت يەنە خورلىنىش خاھىشى بولىدۇ، شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرىدىغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا بىر سىزنىڭ بولۇش دەيدىغان ئىدىيە بولمايدۇ، ئۇلار چىرايدىن پايدىلىنىپ ئوخشىمىغان ئەرلەردىن ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىگە ئېرىشىشكە ماھىر كېلىدۇ، بۇنداق ئاياللارنىڭ سىزنى، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قۇرۇقداپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ.
 
6. ئىقتىدارلىق ئاياللار
ئىقتىدارلىق ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ھوقۇق، مەرتىۋە ئۇلارنىڭ بىرىنچى نىشانى. ئۇلار ئەرلەرنىمۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئېرىشىدىغانلار قاتارغا ئۆتكۈزىۋېتىشى مۇمكىن، سىزنىڭ مىليونلۇق قىممىتىڭىز بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ نەزىرىدە يەنىلا بىر ناھىيە باشلىقى ئەمىلىگە يەتمەيسىز. چۈنكى ئۇ ناھىيە باشلىقى بولغاندىن كېيىن بۇ ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ۋالىي، رەئىس بولالىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە «قانائەت» دېگەن سۆز يوق.
   
7. تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس، باھانىچى ئاياللار
بۇنداق ئاياللارنىڭ ھەر قانداق ئىشقا باھانە-سەۋەپلىرى تەييار، بولمىغان تەغدىردىمۇ ئۇلار بىردەمدە توقۇپ بولىدۇ. تېخى ھېلىلا خۇشال-خۇرام پاراڭلىشىپ، بىردەمدىلا خاپا بولۇپ قالسا، سەۋەبىنى سورىسىڭىز «ھېچ ئىش يوق، ئۆزەمچە خاپا بولۇپ قالدىم.» دەيدۇ. بۇنداق تېز ئۆزگىرىشچانلىق ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىر مەسىلە، ياخشى ھەل قىلالمىغاندا ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋېتىشى مۇمكىن. بۇنداق ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇ «سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئايرىلىپ كېتەيلى.» دېگەن ھامان ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شېرىن-شېكەر سۆزلەر پۈتۈنلەي يوققا چىقىدۇ، بۇنداق ئايالغا نىسبەتەن ئايرىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش.
 
8. ئۆزلۈك خارەكتېرى كۈچلۈك، يول قويۇشنى بىلمەيدىغان ئاياللار
ئۆزلۈك خارەكتېرى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ئەرلەر قەتئىي ياخشى ئەمەس، ئۇ توختىماستىن ئېرىنى تەنقىدلەيدۇ. ئۇنىڭ سىزگە بويسۇنۇپ مۇلايىم ئايال بولۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئات-كالا ئورنىدا ئىشلەپ بەرگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا يول قويۇشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئۇ يىغلاپ-قاقشاپ سىزگە قەتئىي ئارام بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە يەر شارى ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئۇنى بېشەملىك قىلمىسۇن دېسىڭىز ئۇنىڭ ھەر ئىشىغا قارىتا چارە-تەدبىرىڭىز بولۇشى كېرەك، بولمىسا يەنىلا يىراققا قاچقىنىڭىز تۈزۈك. 

9. تەكەببۇر، ئۆزىنىڭكىنىلا راس دەيدىغان ئاياللار
ئاياللارنى يولۋاسقا ئوخشىشى بەزى ناخشا تېكىستلىرىدىلا تىلغا ئېلىنىپ قالماستىن، بەلكى بەزى ئەرلەرنىڭ چوڭقۇر ھېس قىلىشىدىن ئۆتكەن، بۇنداق يولۋاسلار گەرچە ئادەم يېمىگەن بىلەن ئادەم قىيناشقا ناھايىتى ئۇستا. ئاچچىقى كەلدىمۇ بولدى نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ سۈكۈتتىن باشقا ئامالى يوق، ھەتتا كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالغان تەقدىردىمۇ پارتىلىماي ئۆزىنى تۇتىۋالىدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ بۇ ۋاقىتتا تۇغما رەھبەرلىك تالانتى قوزغىلىپ ئەرلەرنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئاياللار خوجايىن بولۇپلا يولۋاستەك بولۇپ ئەرلەرنىڭمۇ ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئاياللار يەنىلا ئۆزىنى بىلگىنى ياخشى.

 10. پىرىنسىپسىز ئاياللار
ئىلگىرىكىلەر ئاياللارنىڭ سەت ھەم ئۇششاق-چۈششەك نەرسىنى جىق يەيدىغىنىغا چىدىغىلى بولىدۇ. ئەمما پىرىنسىپسىز، داۋلى چۈشەنمەيدىغىنىغا ھەرگىز چىدىغىلى بولمايدۇ دېگەن. پىرىنسىپ بىلمەيدىغان ئايال سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلىڭىزنىڭ راس-يالغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن يىغىنغا ماڭغان ۋاقتىڭىزدا سىزنى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ مارجان ئېلىشىپ بېرىشكە چاقىرىدۇ، ئائىلىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا سوغوق مۇئامىلە قىلىپ سىزنى ئوسال ئەھۋالدا قويىدۇ، شۇڭلاشقا قائىدە بىلمەيدىغان ئايال دەل سۆيۈشكە بولمايدىغان ھەم سۆيۈلۈشنىمۇ بىلمەيدىغان ئايالدۇر. كىشىگە گۈل سوۋغا قىلسىڭىز قولىڭىزدا مىزىلىك پۇراق قالىدىغىنىنى ئۇنۇتماڭ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى