ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟

بىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 637 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟


مېنىڭ بۇ ماقالىنى سىزگە ھەمبەھرلىمىگەنلىكىم مېنىڭ خاتالىقىم، ھەمبەھرلىگەندىن كېيىن ئوقۇمىغان بولسىڭىز مېنى ئەيىبلىمەڭ، ئوقۇغاندىن كېيىن سىز بۇ ماقالىنى پەقەت چوڭ داۋلى سۆزلىدى دەپ قارىغان بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ ھاياتلىق تەجرىبىڭىزنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ، سىز بۇ ماقالىنى ساقلاپ قويۇپ، كېيىن ھاياتلىقتا نەچچە قېتىم مىخقا ئۈسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ قايتا ئوقۇسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا گۆدەكلىك قىلغىنىنى ھېس قىلىسىز.


1. خىزمەت ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا


مېنىڭ قىزىقارلىق بىر بايقىشىم بار، چەتئەل ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا 25-35 ياش ئەتراپىدىكى ئاق ياقىلىقلار كۆپ، 40 ياشنىڭ يۇقىرىسىدىكى خىزمەتچىلەر ئىنتايىن ئاز، 20-30 ياشلىق چەتئەل كارخانىلىرىدىكى خىزمەتچىلەر ئىنتايىن روھلۇق، لېكىن 40 ياش ئەتراپىدىكى دېرىكتورلار ئوڭايسىز ئەھۋالدا. مەن كۆرگەن 40 ياشلار ئەتراپىدىكى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ دېرىكتورلىرى توختىماي شىركەت ئالمىشىپ ئاخىرى مىللىي كارخانىلارغا كېلىدۇ. مەسىلەن تاڭ جۈن. چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ چوڭ دەرىجىدىن شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، شەخسنىڭ ئەمەس. سيېمېنس ھەقىقەتەن گو مېيدىن چوڭ، لېكىن بۇ سيېمېنسنىڭ جۇڭگولۇق دېرىكتورىنىڭ گو مېينىڭ خوجايىنىدىن چوڭلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ھەتتا ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن چەتئەل كارخانىلىرىغا كىرگەن كىشىلەر كۆپىنچىسى بۇ قائىدىنى باشتا چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى %90نى ئۆزىنى ئىقتىدارى دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خالىغان بىر جۇڭگو رايونىنىڭ رەھبىرىنى ئالماشتۇرۇشى نەتىجىگە چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ياخشى، مەسىلە كەلدى، بۇ دېرىكتورلار 40 نەچچە ياش بولغاندا ئۇلارنىڭ مائاش تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ئۇنداق كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئەمەس، ئەگەر سىز چەتئەل كارخانىسىنى خوجايىنى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ يۇقىرى مائاش تەلەپ قىلمايدىغان ھەم ئىنتايىن ئىقتىدارلىق ۋە روھىي كۈچى تېشىپ تۇرغان ياش ئادەم بولسا تۇرسا نېمىشقا يەنە سىزنى ئىشلەتكۈدەك؟


يۇقىرىدىكى مىسالدىن ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ خىزمەت لىنىيىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، 20-30 ياش ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ تۇرمۇش بېسىمىمىز بىرقەدەر كىچىك، تېنىمىز ساغلام، ئاتا-ئانىمىزنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى، بالىمىزمۇ يوق، ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇرمىساقمۇ بولىدۇ، بالىمىزمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ، چەتئەل كارخانىسىنىڭ ئاق ياقىلىق خىزمەتچىسى بولساق جىق تاپالمىساقمۇ لېكىن خەجلەشكە يېتىدۇ، لېكىن ئادەم ھامىنى توي قىلىپ بالىلىق بولىدۇ، قېرىيدۇ، 40 قا بارغاندا ئاتا-ئانىمىز قېرىيدۇ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، كۈتۈنۈشى كېرەك، بالا باقمىساق بولمايدۇ.... بۇ چاغدا قانچە پۇل تاپساق خەجلەشكە يېتىدۇ دېگەن مەسىلە مۇھىم بولىدۇ. شۇڭلاشقا خىزمەتكە مۇئامىلە قىلغاندا نەزىرىمىزنى يىراققا سېلىشىمىز كېرەك، ۋاقىتلىق يۇقىرى-تۆۋەنلىك ھېچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا مەن بىز خىزمەتنىڭ مائاشىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈشكە قوشۇلۇپ كەتمەيمەن، تۇنجى خىزمەتنىڭ مائاشىنى بەسلىشىشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، بۇ يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنتايىن نورمال ئەھۋال. نورمال ئادەم تەخمىنەن 35 يىل خىزمەت قىلىدۇ، بۇ بىر مارافونچە يۈگۈرۈشكە ئوخشايدۇ، ھەقىقىي مارافونچە يۈگۈرۈشكە ئوخشىمايدىغىنى بۇ مۇسابىقىدە كەسپىي ماھىرلار يوق، ھەربىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملا پۇرسىتى بار. شۇنىڭ بىلىش كېرەككى نۇرغۇن كىشىلەر ئاخىرقى نۇقتىغا بارالمايدۇ، ئاخىرقى نۇقتىغا بارالايدىغانلار پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر. شۇڭلاشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئۈستۈنلۈك تالىشىشنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق. جەمئىيەتكە يېڭى قەدەم قويغاندا 500 كۈچلۈك كارخانىغا كىرسە ئېيىغا تەخمىنەن 3-6 مىڭ، ئالاھىدە تېخنىكلار 8 مىڭ مائاش ئېلىشى مۇمكىن، لېكىن مەسىلە 5 يىلدىن كېيىن قانچىلىك ئالىدۇ؟ 5-10 مىڭ ئالالىسا ئىنتايىن قالتىس بولغان بولىدۇ. باشلىنىش نۇقتىسى گەرچە يۇقىرى بولسىمۇ ئۆرلەش بوشلۇقى چەكلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ياشلارنىڭ قوغلاپ يېتىشىۋىلىش بېسىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
مەن ئالدىنقى كۈنى بىر ساتقۇچىمدىن سورىدىم، سەن قىلالايدىغان بۇ ئىشلارنى يېڭى كەلگەن بىرسى ئىككى يىلدىلا ئۆگىنىپ بولالايدۇ، لېكىن ئۇ سىنىڭ مائاشىڭنىڭ يېرىمىنىلا ئالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا سەن قانداق قىلىسەن؟


كەسىپ ھاياتى بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشايدۇ، تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە، قايتا مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولىدۇ. تۇنجى مۇسابىقىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان، ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە، بۇ ۋاقىتتا تىرىشىپ ئەستايىدىلراق بولسا ئاسانلا ئۈزۈپ چىقالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر 20 نەچچە ياشتىلا دېرىكتور بولىدۇ، بەزىلەر تۇنجى مۇسابىقىنى كېچىكىپرەك ئۇتىدۇ، شۇنىڭ 30 نەچچە ياشتا دېرىكتور بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن قايتا مۇسابىقىلىشىش بولىدۇ. بۇنىڭغا قاتنىشالىغانلارنىڭ ھەممىسى تۇنجى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلاردۇر، ھەممە ئادەمنىڭ ئىقتىدارى، ئەقىل پاراسىتى مەسىلە بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇتۇپ چىقىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ، ئازراق تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق يەتمەيدۇ، چوقۇم ئىنتايىن كۈچلۈك بەرداشلىق بېرىش روھى بولۇشى، كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى بىلىشى، باشقىلارنى مايىل قىلىشنى بىلىشى، يىراقلارغا نەزەر سالالايدىغان بولۇشى كېرەك.


قايتا مۇسابىقىلىشىشتە ئۇتۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن يەنە ئۇنداق تەس ئەمەس. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ قائىدىسى ئازراق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمگە كىبىر بېرىدۇ، تۇنجى مۇسابىقىدە ئۇتقان كىشىلەر ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئەمدى تېخى تۇنجى مۇسابىقىدە ئۇتقىنىنى ئۇنتۇپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ، ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك ھېس قىلىدۇ، قايتا تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىلگىرلىمەسلىكىنى ئۆزىنىڭ سەۋەبى ئەمەس دەپ قارايدۇ. گەرچە ئۇلارغا ئاسان تاقابىل تۇرغىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ سەۋر تاقىتى يوق، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلالمايدۇ، يىراقلارغا تېخىمۇ نەزەر سالالمايدۇ. غەزەبلەنگەن بۇقىغا ئوخشاش گەرچە شىددەتلىك بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇب بولىدۇ، قايتا مۇسابىقىدە ئۇتقان ئادەم بۇقا سوقۇشتۇرغۇچىغا ئوخشاش ئالدىرىماي، ئۆزىنىڭ رىتىمى بويىچە قارشى تەرەپنىڭ سەۋر تاقىتى ۋە كۈچىنى خورىتىدۇ. قايتا مۇسابىقىدە ئۇتقان چاغدا خېلى قالتىس بىر دېرىكتور بولۇپ، چوڭ-كىچىك كارخانىلارنىڭ باش دېرىكتورى، چوڭ شىركەتلەرنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بولۇپ ھەريىلى نەچچە 10 مىليون ياكى 100 مىليونلۇق سودىغا ئىگە بولىدۇ.



ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كەلدى، راست گەپنى قىلغاندا مەن ئۆزۈم تېخى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتمىدىم، شۇڭلاشقا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئۇتۇشتىكى ئامىلىنى پەرەز قىلالايمەن خالاس، بۇ ۋاقىتتا ئۇتۇش خۇددىي كىتابلاردا يېزىلغاندەك ھەممىسى سەرخىل كىشىلەر بولۇپ، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىنى ساقلاۋاتىدۇ، باشقىلارنى مەغلۇب قىلىش ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدۇ، ھەممە كۈچىنى ئىشقا سېلىشتىن سىرت يەنە تەلەي ۋە ۋاقىت كېتىدۇ، دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى ئۆزىنىڭ كۈچىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ، قايتا مۇسابىقىنى ئۇتقان كىشىلەر پەقەت مەغرۇرلىنىپلا قالماي، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىمايدىغان ۋە ئاسان چېچىلىدىغان بولۇپ، سالامەتلىكىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۇلارنىڭ ئۆزى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قىلىدىغان ئىش باشقىلار تەرىپىدىن مەغلۇب بولماي باشقىلارنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن مەغلۇب بولۇشىنى ساقلاش، بۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە ئوخشاش. ئەڭ ئاخىرىدا ماھىرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە پەقەت كىمنىڭ ئاز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارايدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى