ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قايسى خىزمەت ئورۇنلىرى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش شەكلىگە ماس كېلىدۇ؟

قايسى خىزمەت ئورۇنلىرى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش شەكلىگە ماس كېلىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-23 ئاۋاتلىقى: 543 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 قايسى خىزمەت ئورۇنلىرى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش شەكلىگە ماس كېلىدۇ؟

جاۋاب: كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەندە، بىۋاسىتە خادىم قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىشى ھەمدە ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، رەسمىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بىر خىل ئالاھىدە ئادەم ئىشلىتىش شەكلى ۋە ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەممىلا كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ، پەقەت بىر قىسىم ئالاھىدە ئورۇنلار ياكى ئالاھىدە خىزمەت ئورۇنلىرىغىلا ماس كېلىدۇ.

شۇڭا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتكەن: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئادەتتە ۋاقىتلىق، قوشۇمچە ياكى ئورنىغا سېلىنىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا يولغا قويۇلىدۇ. لېكىن قايسى خىزمەت ئورۇنلىرىنى ۋاقىتلىق، قوشۇمچە ياكى ئورنىغا سېلىنىدىغان خىزمەت ئورنى ئىكەنلىكى توغرىسىدا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا كۆرسەتمە يوق، بەلكىم كېيىن ئېلان قىلىدىغان ئەدلىيىلىك چۈشەندۈرۈش ياكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، بەزى كارخانىلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش، تازىلىق، كۆكەرتىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە خىزمەت ئورۇنلىرى، بانكا، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شتاتتىن سىرت خىزمەتچىلىرىگە ئادەتتە ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ئەمگەكچى خادىملارنى ئەۋەتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى