ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى

ۋاقتى: 2016-04-01 ئاۋاتلىقى: 819 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ياردىمى كۆرۈنەرلىك بولماقتا

 

ھەممىمىزگە مەلۇم 2-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 17:19 ئۆتكەندە كېرىيەدە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ھەر قايسى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قەلبىدىن ھەرۋاقىت مېھرى-مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مېھرى ئىسسىق كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ھەرىكىتى جىددىي باشلىنىپ كەتتى. ھەممە بەس-بەستە ئىلكىدە بارىغا مۇناسىپ ھالدا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، مېھرى-مۇھەببەت يىلتىزىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆكلەتتى.

بۇ قېتىملىق ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەھەتتە گەرچە ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى دائىرىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كارخانىلارنىڭ، شىركەتلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمى بىلەن بۇ قېتىملىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ياراتتى. 

بىر شىركەتنىڭ، كارخانىنىڭ ئىشلىرى يەككىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كەڭ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ئىنكاس ھەرىكىتى يەككىلەرگە قارىغاندا ئاستا بولۇشى تەبئىي، شۇ سەۋەبتىن دەسلەپ كارخانىچىلار دەرھال قۇتقۇزۇش سېپىگە ئاتلىنىپ بولالمىغان بولسىمۇ (دەسلەپ يەر تەۋرەش خەۋىرى بېرىلگەندىن كېيىن، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە شىركەتلەر، كارخانىلار قۇتقۇزۇش سېپىگە ئاتلانمىدى دېگەندەك ئاغرىنىش كەيپىياتىدىكى يازمىلار سەل ئاۋۇپ كەتتى.) ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ياردەم قولىنى سۇنمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. كارخانىلار ۋە شىركەتلەر بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئارقا-ئارقىدىن قۇتقۇزۇش سېپىگە ئاتلاندى. 
دىيارىمىزدا يىلتىز تارتىپ زور ئۇتۇق قازانغان ئارمان، ئابىدە، مىراس... قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر باشچىلىقىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا، قۇرۇلغىنىغا تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئەمدىلەتىن ئۆز يولىنى تېپىۋاتقان يېشىل ھايات (ھاياتلىق ماركىسى) شىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەرمۇ بۇ سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى. ئەڭ مۇھىمى مەيلى چوڭ شىركەتلەر بولسۇن ياكى نىسبەتەن كىچىكرەك شىركەتلەر بولسۇن، شۇلارنىڭ ياردەم سېپىگە ئاتلىنىشى بىلەن بۇ قېتىملىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تىپىدىكى ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ھەرىكەتلەر يۇقىرى ئۈنۈم پەللىسىگە چىقتى. 


















خەلقىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن دىيارىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ياكى يىلتىز تارتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان، تارتىۋاتقان كارخانىلار، شىركەتلەر يەنە شۇ خەلق ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا بىر چەتتە قاراپ تۇرماستىن، خەلقنىڭ قوللىشىغا جاۋاب قايتۇرۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، خەلقنى ئۇنتۇپ قالمىدى. خەلقنىڭ قوللىشى بولغاندىلا كارخانىلىرىمىز، شىركەتلىرىمىز كۈنسېرى تەرەققىي قىلىدۇ. كارخانىلىرىمىز، شىركەتلىرىمىز كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن خەلققە تېخىمۇ زور ياردەملەرنى بېرەلەيدۇ، خەلق ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا شۇ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ. دېمەك، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە مىللىي كارخانىلارنىڭ، شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتى چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.

تۆۋەندە شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى قالدۇرۇپ قويۇلدى، ئېھتىياجى بار قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىشىغا تىلەكداشمەن.
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 2504141-0991
تور بېكەت ئادرېسى http://www.hayatlik.com
ئۈندىدار سۇپىسى: hayatliktori

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى